قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بەت نومۇرى:close

external-link copy
51 : 56

ثُمَّ إِنَّكُمۡ أَيُّهَا ٱلضَّآلُّونَ ٱلۡمُكَذِّبُونَ

ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 56

لَأٓكِلُونَ مِن شَجَرٖ مِّن زَقُّومٖ

ئاندىن سىلەر ئەي ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە توغرا يولدىن ئازغۇچىلار! قىيامەت كۈنى ئۇلار ئەلۋەتتە زەققۇم دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ، بۇ بەك نىجىس ۋە ناچار مېۋىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
53 : 56

فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ

ئاشۇ دەرەخنىڭ ئاچچىق مېۋىسىدىن ئېچىپ كەتكەن قورسىقىڭلارنى تولدۇرىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 56

فَشَٰرِبُونَ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡحَمِيمِ

ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى ئىچىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
55 : 56

فَشَٰرِبُونَ شُرۡبَ ٱلۡهِيمِ

يۇقىرى ھارارەتلىك قايناق سۇنى خۇددى قاتتىق چاڭقاپ كەتكەنلىكتىن كۆپ ئىچىدىغان تۆگىدەك ئىچىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
56 : 56

هَٰذَا نُزُلُهُمۡ يَوۡمَ ٱلدِّينِ

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنە شۇ ئاچچىق يېمەكلىك ۋە قايناق سۇ ئۇلارنىڭ زىياپىتى بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى شۇ زىياپەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
57 : 56

نَحۡنُ خَلَقۡنَٰكُمۡ فَلَوۡلَا تُصَدِّقُونَ

ئەي ئىنكارچىلار! بىز سىلەرنى يوقلۇقتىن بار قىلغان تۇرساق. ئەمدىلىكتە بىزنىڭ سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
58 : 56

أَفَرَءَيۡتُم مَّا تُمۡنُونَ

ئەي ئىنسانلار! سىلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا تۆكۈۋاتقان مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
59 : 56

ءَأَنتُمۡ تَخۡلُقُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡخَٰلِقُونَ

ئاشۇ مەنىنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتىۋاتامسىلەر ياكى بىز يارىتىۋاتامدۇق؟ info
التفاسير:

external-link copy
60 : 56

نَحۡنُ قَدَّرۡنَا بَيۡنَكُمُ ٱلۡمَوۡتَ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز. info
التفاسير:

external-link copy
61 : 56

عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ أَمۡثَٰلَكُمۡ وَنُنشِئَكُمۡ فِي مَا لَا تَعۡلَمُونَ

بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بېكىتتۇقكى، ھەر بىرىڭلارنىڭ قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدىغان مۇئەييەن ئۆلۈش ۋاقتىڭلار بار. بىز سىلەرنى ئۆزۈڭلارغا تونۇشلۇق بولغان ھازىرقى يارىتىلىشىڭلار ۋە شەكلىڭلاردىن باشقا بىر ھالەتكە ئالماشتۇرۇپ، سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان باشقا بىر يارىتىش ۋە شەكىلدە پەيدا قىلىشتىنمۇ ئاجىز ئەمەسمىز. info
التفاسير:

external-link copy
62 : 56

وَلَقَدۡ عَلِمۡتُمُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأُولَىٰ فَلَوۡلَا تَذَكَّرُونَ

ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ئۆزۈڭلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. شۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان زاتنىڭ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
63 : 56

أَفَرَءَيۡتُم مَّا تَحۡرُثُونَ

قېنى ئۆزۈڭلار يەرگە تېرىۋاتقان ئۇرۇقلارنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
64 : 56

ءَأَنتُمۡ تَزۡرَعُونَهُۥٓ أَمۡ نَحۡنُ ٱلزَّٰرِعُونَ

ئاشۇ ئۇرۇقلارنى سىلەر ئۈندۈرۈۋاتامسىلەر ياكى بىز ئۈندۈرۈۋاتىمىزمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
65 : 56

لَوۡ نَشَآءُ لَجَعَلۡنَٰهُ حُطَٰمٗا فَظَلۡتُمۡ تَفَكَّهُونَ

ئەگەر بىز خالىساق ئىدۇق، ئاشۇ زىرائەتلەر پىشىپ، ھوسۇل بېرەي دېگەندە قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق - دە، ئاندىن سىلەر بۇ ئەھۋالدىن ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
66 : 56

إِنَّا لَمُغۡرَمُونَ

سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
67 : 56

بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ

سىلەر: بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان (ئەمگەك كۈچى ھەم ئۇرۇقلاردىن) قۇرۇق قېلىش بىلەن جازالاندۇق، بەلكى بىز رىزىقتىن مەھرۇم قالدۇق، دەيتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
68 : 56

أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلۡمَآءَ ٱلَّذِي تَشۡرَبُونَ

قېنى سىلەر ئۇسسىغاندا ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
69 : 56

ءَأَنتُمۡ أَنزَلۡتُمُوهُ مِنَ ٱلۡمُزۡنِ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنزِلُونَ

ئۇنى ئاسماندىكى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
70 : 56

لَوۡ نَشَآءُ جَعَلۡنَٰهُ أُجَاجٗا فَلَوۡلَا تَشۡكُرُونَ

ئەگەر بىز خالىساق، ئاشۇ سۇنى ئىنتايىن تۇزلۇق قىلىۋېتەتتۇق - دە، ئۇنى نە ئىچكىلى، نە يەر سۇغارغىلى بولمايتتى. ئاللاھنىڭ سىلەرگە شەپقەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى تاتلىق قىلىپ چۈشۈرۈپ بەرگىنىگە نېمىشقا شۈكرى قىلمايسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
71 : 56

أَفَرَءَيۡتُمُ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي تُورُونَ

ئۆز مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن يېقىلغۇ قىلىۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ! info
التفاسير:

external-link copy
72 : 56

ءَأَنتُمۡ أَنشَأۡتُمۡ شَجَرَتَهَآ أَمۡ نَحۡنُ ٱلۡمُنشِـُٔونَ

يېقىلغۇ قىلىنىدىغان دەرەخنى سىلەر پەيدا قىلدىڭلارمۇ ياكى سىلەرگە شەپقەت قىلىپ بىز پەيدا قىلدۇقمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
73 : 56

نَحۡنُ جَعَلۡنَٰهَا تَذۡكِرَةٗ وَمَتَٰعٗا لِّلۡمُقۡوِينَ

بىز بۇ ئوتنى سىلەرگە ئاخىرەتنىڭ ئوتىنى ئەسلىتىدىغان قىلدۇق، شۇنداقلا ئۇنى ئاراڭلاردىن سەپەرگە چىققانلارغا پايدىلىق قىلىپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
74 : 56

فَسَبِّحۡ بِٱسۡمِ رَبِّكَ ٱلۡعَظِيمِ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيدىغان نەرسىلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
75 : 56

۞ فَلَآ أُقۡسِمُ بِمَوَٰقِعِ ٱلنُّجُومِ

ئاللاھ تائالا يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇن ھەم جايلىرى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
76 : 56

وَإِنَّهُۥ لَقَسَمٞ لَّوۡ تَعۡلَمُونَ عَظِيمٌ

ھەقىقەتەن بۇ ئورۇنلار بىلەن قەسەم قىلىش -ئەگەر ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى بىلسەڭلار- ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇركى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر ۋە چەكسىز ئىبرەتلەر بار. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• دلالة الخلق الأول على سهولة البعث ظاهرة.
دەسلەپكى يارىتىش ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقىنىڭ يارقىن ئالامىتىدۇر. info

• إنزال الماء وإنبات الأرض والنار التي ينتفع بها الناس نعم تقتضي من الناس شكرها لله، فالله قادر على سلبها متى شاء.
يامغۇر ياغدۇرۇش، زېمىننى كۆكەرتىش ۋە ئىنسانلار پايدىلىنىدىغان ئوتلارنى (يارىتىش) قاتارلىقلار ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا شۈكرى قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان نېئمەتلەردۇر. چۈنكى ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا ئۇ نېئمەتلەرنى تارتىۋېلىشقىمۇ قادىردۇر. info

• الاعتقاد بأن للكواكب أثرًا في نزول المطر كُفْرٌ، وهو من عادات الجاهلية.
يامغۇرنىڭ يېغىشىدا يۇلتۇزلارنىڭ تەسىرى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش كۇپۇرلۇق بولۇپ، ئۇ جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرىدىندۇر. info