قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
47 : 52

وَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ عَذَابٗا دُونَ ذَٰلِكَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ

شەكسىزكى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن بۇرۇنمۇ ئازاب بار. يەنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن، بەرزەختە قەبرە ئازابى بىلەن ئازابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار كۇپرىسىدا ئىزچىل تۇرىدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الطغيان سبب من أسباب الضلال.
ھەددىدىن ئېشىش گۇمراھلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. info

• أهمية الجدال العقلي في إثبات حقائق الدين.
دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىسپاتلاشتا ئەقلىي مۇنازىرىلىشىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. info

• ثبوت عذاب البَرْزَخ.
بەرزەخ ئازابىنىڭ بارلىقى ھەقتۇر. info