قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
18 : 47

فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا ٱلسَّاعَةَ أَن تَأۡتِيَهُم بَغۡتَةٗۖ فَقَدۡ جَآءَ أَشۡرَاطُهَاۚ فَأَنَّىٰ لَهُمۡ إِذَا جَآءَتۡهُمۡ ذِكۡرَىٰهُمۡ

كاپىرلار قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىمۇ تۇيماي قالغاندا، ھېچقانداق ئالدىن بېشارەتسىز ھالدا كېلىشىنىلا كۈتەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە قىيامەتنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالامەتلىرى مەيدانغا كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋەتلىشى ۋە ئاينىڭ يېرىلىشى قاتارلىقلار شۇ ئالامەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. قىيامەت كەلگەندە ئۇلارغا قانداقمۇ ئىبرەت ئالغۇدەك پۇرسەت بولسۇن؟ info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• اقتصار همّ الكافر على التمتع في الدنيا بالمتع الزائلة.
كاپىرلارنىڭ بارچە غېمى پەقەت مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشتۇر. info

• المقابلة بين جزاء المؤمنين وجزاء الكافرين تبيّن الفرق الشاسع بينهما؛ ليختار العاقل أن يكون مؤمنًا، ويختار الأحمق أن يكون كافرًا.
مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ جازا - مۇكاپاتى ئارىسىدىكى سېلىشتۇرما بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنداق سېلىشتۇرما قىلىش ئاقىللارنىڭ مۇئمىنلىكنى تاللىۋېلىشى، نادانلارنىڭ كاپىر بولۇشنى تاللىۋېلىشى ئۈچۈندۇر. info

• بيان سوء أدب المنافقين مع رسول الله صلى الله عليه وسلم.
مۇناپىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئەدەبسىزدۇر. info

• العلم قبل القول والعمل.
ئىلىم دېگەن سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىلگىرىدۇر. info