قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بەت نومۇرى:close

external-link copy
23 : 45

أَفَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلۡمٖ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمۡعِهِۦ وَقَلۡبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَٰوَةٗ فَمَن يَهۡدِيهِ مِنۢ بَعۡدِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە نەپسى - خاھىشىنى بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان مەبۇدنىڭ ئورنىدا قىلىۋالغان، ئاندىن ئۇ ئازغۇنلۇققا لايىق بولغاچقا ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئازدۇرۇۋەتكەن ھەمدە قەلبىنى مۆھۈرلىۋەتكەنلىكتىن پايدىلىنالايدىغان تەرزدە ئاڭلىيالمايدىغان، ئاللاھ كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ۋە بۇ پەردە ئۇنى ھەقنى كۆرۈشتىن توسۇپ قالغان ئادەمنىڭ ھالىغا قاراپ باققىن. ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى كىم ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلالىسۇن؟! نەپسى خاھىشقا ئەگىشىشنىڭ زىيىنى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئىش قىلىشنىڭ پايدىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
24 : 45

وَقَالُواْ مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا يُهۡلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهۡرُۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ

ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلار: ھايات دېگەن پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىق بولمايدۇ. بىر ئەۋلاد ئۆلىدۇ، ئەمما دۇنياغا قايتمايدۇ. يەنە بىر ئەۋلاد تۇغۇلىدۇ. بىز پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىدا ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا تايىنىدۇ. گۇمان ھەقىقەت ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 45

وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ مَّا كَانَ حُجَّتَهُمۡ إِلَّآ أَن قَالُواْ ٱئۡتُواْ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ

ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگىنىدە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە: ئەگەر سىلەر بىز ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىمىز دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار، دېيىشتىن باشقا كۆرسەتكۈدەك بىرەر باھانىسى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 45

قُلِ ٱللَّهُ يُحۡيِيكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يَجۡمَعُكُمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا رَيۡبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەر ئۆلۈپ كەتكىنىڭلاردىن كېيىن قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن سىلەرنى توپلايدۇ. ئاشۇ كۈننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىدا قىلچە شەك يوق. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 45

وَلِلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوۡمَئِذٖ يَخۡسَرُ ٱلۡمُبۡطِلُونَ

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. نە ئاسماندا، نە زېمىندا ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. ئاللاھ تائالا ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ھەمدە توغرىنى خاتاغا چىقىرىش ۋە خاتانى توغرا قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان باتىلنى ياقىلىغۇچىلار زىيان تارتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 45

وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٖ جَاثِيَةٗۚ كُلُّ أُمَّةٖ تُدۡعَىٰٓ إِلَىٰ كِتَٰبِهَا ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ تىزلانغىنىچە ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. ھەر ئۈممەت ئەمەللىرىنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەر پۈتۈپ قويغان نامە - ئەمەللىرى تەرەپكە چاقىرىلىدۇ. ئەي ئىنسانلار! بۈگۈن سىلەر دۇنيادا قىلغان ياخشى - يامان ئىشلىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 45

هَٰذَا كِتَٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيۡكُم بِٱلۡحَقِّۚ إِنَّا كُنَّا نَسۡتَنسِخُ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇركى - پەرىشتىلىرىمىز سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى مۇشۇ كىتابقا يېزىپ تۇراتتى- ئۇ سىلەرگە ھەققانىي گۇۋاھلىق بېرىدۇ. قېنى ئوقۇڭلار. بىز ھەقىقەتەن ئەمەللەرنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەرنى سىلەرنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 45

فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ فَيُدۡخِلُهُمۡ رَبُّهُمۡ فِي رَحۡمَتِهِۦۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡمُبِينُ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرنى پەرۋەردىگارى ئۆز رەھمىتى بىلەن جەننىتىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئاشۇ مۇكاپات روشەن غەلىبىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق غەلىبە تەڭ كەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 45

وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَفَلَمۡ تَكُنۡ ءَايَٰتِي تُتۡلَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ وَكُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّجۡرِمِينَ

ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا مالامەت قىلىش يۈزىسىدىن: سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلسە سىلەر ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا چوڭچىلىق قىلمىغانمىدىڭلار؟ سىلەر كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھلارنى قىلىدىغان جىنايەتچى قەۋم ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 45

وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيۡبَ فِيهَا قُلۡتُم مَّا نَدۡرِي مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنّٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُسۡتَيۡقِنِينَ

سىلەرگە: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ - بەندىلىرىنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈپ، جازا - مۇكاپات بېرىش ھەققىدە قىلغان - ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر، قىيامەتمۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار، دېيىلگەن چاغدا سىلەر: بىز بۇ قىيامەت دېگەن نەرسىنى بىلمەيمىز. بىز ئۇنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىنتايىن تۆۋەن دەپ قارايمىز ھەم ئۇنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەيمىز، دېگەن ئىدىڭلار. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• اتباع الهوى يهلك صاحبه، ويحجب عنه أسباب التوفيق.
نەپسى - خاھىشىغا ئەگىشىش ئۆز ساھىبىنى ھالاك قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سەۋەبلىرىنى ئۇنىڭدىن توسۇپ قويىدۇ. info

• هول يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئىنتايىن قورقۇنچلۇقتۇر. info

• الظن لا يغني من الحق شيئًا، خاصةً في مجال الاعتقاد.
گۇمان ھەقىقەت ئالدىدا، بولۇپمۇ ئېتىقاد ساھەسىدە ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. info