قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
70 : 43

ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ أَنتُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ تُحۡبَرُونَ

سىلەر ۋە ئىمان ئېيتىشتا سىلەر بىلەن ئوخشاش بولغانلار جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەر تۈگەپ كەتمەيدىغان، ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇقىم نېئمەتتىن خۇرسەن بولىسىلەر. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• نزول عيسى من علامات الساعة الكبرى.
ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• انقطاع خُلَّة الفساق يوم القيامة، ودوام خُلَّة المتقين.
قىيامەت كۈنى پاسىقلارنىڭ دوستلۇقى ئاخىرلىشىپ، تەقۋادارلارنىڭ دوستلۇقى داۋاملىشىدۇ. info

• بشارة الله للمؤمنين وتطمينه لهم عما خلفوا وراءهم من الدنيا وعما يستقبلونه في الآخرة.
ئاللاھ تائالا مۇئمىنلەرگە بېشارەت بېرىپ، ئۇلارنى دۇنيادا قالدۇرۇپ كەلگەن نەرسىلەردىن ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان ئاقىۋەتتىن كۆڭۈللىرىنى تىندۇرىدۇ. info