قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
37 : 43

وَإِنَّهُمۡ لَيَصُدُّونَهُمۡ عَنِ ٱلسَّبِيلِ وَيَحۡسَبُونَ أَنَّهُم مُّهۡتَدُونَ

شەكسىزكى قۇرئان كەرىمدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرگە ھۆكۈمران بولۇۋالغان بۇ ھەمراھلار چوقۇم ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنمايدۇ، چەكلىمىلىرىدىن يانمايدۇ ۋە ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنى توغرىنى تاپقۇچىلار دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن ئازغۇنلۇقىدىن تەۋبە قىلمايدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• خطر الإعراض عن القرآن.
قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈشنىڭ خەتىرى. info

• القرآن شرف لرسول الله صلى الله عليه وسلم ولأمته.
قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۈممىتى ئۈچۈن شان - شەرەپتۇر. info

• اتفاق الرسالات كلها على نبذ الشرك.
پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەممىسى شېرىكنى تاشلاشتا بىردەكلىككە ئىگە. info

• السخرية من الحق صفة من صفات الكفر.
ھەقىقەتنى مەسخىرە قىلىش كۇپۇرلۇق سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر. info