قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
29 : 42

وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِن دَآبَّةٖۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمۡعِهِمۡ إِذَا يَشَآءُ قَدِيرٞ

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ھەمدە ئۇ ئىككىسىدە ئاجايىب مەخلۇقاتلارنىڭ تارىلىپ يۈرۈشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە يەككە - يېگانىلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىندۇر. ئاللاھ تائالا قاچان خالىسا ئۇلارنى جازا - مۇكاپات ئۈچۈن توپلاشقا قادىردۇر. ئۇلارنى تۇنجى يارىتىش ئۇنى ئاجىز قىلالمىغىنىدەك، قايتا يارىتىشمۇ ئاجىز قىلالمايدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الداعي إلى الله لا يبتغي الأجر عند الناس.
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغۇچى، كىشىلەردىن مۇكاپات تەلەپ قىلمايدۇ. info

• التوسيع في الرزق والتضييق فيه خاضع لحكمة إلهية قد تخفى على كثير من الناس.
رىزىقنىڭ كەڭ - تار بولۇشى ئىلاھىي ھېكمەت بويىچە بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنى ئۇقالمايدۇ. info

• الذنوب والمعاصي من أسباب المصائب.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر بالا - مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info