قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
24 : 42

أَمۡ يَقُولُونَ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبٗاۖ فَإِن يَشَإِ ٱللَّهُ يَخۡتِمۡ عَلَىٰ قَلۡبِكَۗ وَيَمۡحُ ٱللَّهُ ٱلۡبَٰطِلَ وَيُحِقُّ ٱلۡحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ قۇرئاننى ئۆزى توقۇپ، پەرۋەردىگارىغا نىسبەت بەردى، دەۋا قىلىشتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سەن يالغاننى توقۇشنى خىيالىڭغا كەلتۈرۈپ سالغان بولساڭ، مەن ئەلۋەتتە قەلبىڭنى مۆھۈرلەپ، ئويدۇرۇلغان ساختىلىقنى يوق قىلىپ، ھەقىقەتنى قالدۇاتتىم. لېكىن بۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەن ئىكەن، قۇرئان كەرىمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بەردى. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الداعي إلى الله لا يبتغي الأجر عند الناس.
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغۇچى، كىشىلەردىن مۇكاپات تەلەپ قىلمايدۇ. info

• التوسيع في الرزق والتضييق فيه خاضع لحكمة إلهية قد تخفى على كثير من الناس.
رىزىقنىڭ كەڭ - تار بولۇشى ئىلاھىي ھېكمەت بويىچە بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنى ئۇقالمايدۇ. info

• الذنوب والمعاصي من أسباب المصائب.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر بالا - مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info