قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
65 : 39

وَلَقَدۡ أُوحِيَ إِلَيۡكَ وَإِلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكَ لَئِنۡ أَشۡرَكۡتَ لَيَحۡبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ

ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: ناۋادا ئاللاھقا باشقىنى قوشۇپ ئىبادەت قىلساڭ، ياخشى ئەمەللىرىڭنىڭ ساۋابى چوقۇم بىكار بوپكېتىدۇ ھەمدە سەن بۇ دۇنيادا دىنىڭدىن قۇرۇق قېلىپ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولۇش ئارقىلىق زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىسەن. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الكِبْر خلق ذميم مشؤوم يمنع من الوصول إلى الحق.
تەكەببۇرلۇق ھەقىقەتكە يېتىشكە توسالغۇ بولىدىغان، ئەيىبلەشكە تېگىشلىك، ناچار خۇلقتۇر. info

• سواد الوجوه يوم القيامة علامة شقاء أصحابها.
قىيامەت كۈنى يۈزلەرنىڭ قارا بولۇشى بەختسىزلەرنىڭ ئالامىتىدۇر. info

• الشرك محبط لكل الأعمال الصالحة.
شېرىك پۈتۈن ياخشى ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. info

• ثبوت القبضة واليمين لله سبحانه دون تشبيه ولا تمثيل.
ئاللاھنىڭ تۇتۇش ۋە قول دېگەن سۈپەتلىرى مەخلۇقنىڭكىگە ئوخشىتىلمايدۇ ۋە مىسال قىلىنمايدۇ. info