قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
5 : 35

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ

ئى ئىنسانلار! -قىيامەت كۈنىدىكى قايتا تىرىلىش ۋە جازا - مۇكاپاتتىن ئىبارەت- ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىشلار شەكسىز ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ھاياتى دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرى سىلەرنى بۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىشتىن ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ باتىلنى چىرايلىق كۆرسىتىشى ۋە ھاياتىي دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• تسلية الرسول صلى الله عليه وسلم بذكر أخبار الرسل مع أقوامهم.
پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىش. info

• الاغترار بالدنيا سبب الإعراض عن الحق.
دۇنياغا ئالدىنىپ قېلىش ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. info

• اتخاذ الشيطان عدوًّا باتخاذ الأسباب المعينة على التحرز منه؛ من ذكر الله، وتلاوة القرآن، وفعل الطاعة، وترك المعاصي.
ئاللاھنى ياد ئېتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تائەت - ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تاشلاش قاتارلىق شەيتاندىن ساقلىنىشنىڭ مۇئەييەن سەۋەبلىرىنى قىلىش ئارقىلىق شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇش. info

• ثبوت صفة العلو لله تعالى.
يۈكسەكلىك سۈپىتىنى ئاللاھقا ئىسپاتلاش. info