قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
16 : 32

تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمۡ عَنِ ٱلۡمَضَاجِعِ يَدۡعُونَ رَبَّهُمۡ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ

ئۇلارنىڭ يانلىرى ئۇخلايدىغان ئورۇن - كۆرپىلىرىدىن يىراق بولىدۇ، ئۇلار ئورۇن - كۆرپىلىرىنى تاشلاپ، ئاللاھقا يۈزلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ نامازلىرىدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلىرىدا ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، بىز بەرگەن ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• إيمان الكفار يوم القيامة لا ينفعهم؛ لأنها دار جزاء لا دار عمل.
قىيامەت كۈنى كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى قىيامەت ئەمەل قىلىدىغان ئەمەس، جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان جايدۇر. info

• خطر الغفلة عن لقاء الله يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن غەپلەتتە قىلىش خەتەرلىكتۇر. info

• مِن هدي المؤمنين قيام الليل.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش مۇئمىنلەرنىڭ توغرا يولىدىندۇر. info