قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
84 : 28

مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيۡرٞ مِّنۡهَاۖ وَمَن جَآءَ بِٱلسَّيِّئَةِ فَلَا يُجۡزَى ٱلَّذِينَ عَمِلُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ إِلَّا مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

كىمكى قىيامەت كۈنى ناماز، زاكات، روزا ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان بىر ياخشىلىقى ئون ھەسسىگىچە كۆپەيتىلىپ، قىلغان ياخشىلىقىدىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. كىمكى قىيامەت كۈنى كۇپۇرلۇق، جازانىخورلۇق، زىناخورلۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يامانلىقلار بىلەن كېلىدىكەن، بۇ يامانلىقلارنى قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنىغا تۇشلۇق، ئېغىرلىتىلماستىن جازاغا تارتىلىدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• كل ما في الإنسان من خير ونِعَم، فهو من الله خلقًا وتقديرًا.
ئىنساندا بار بولغان ياخشىلىق ۋە نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە بېكىتىشىدۇر. info

• أهل العلم هم أهل الحكمة والنجاة من الفتن؛ لأن العلم يوجه صاحبه إلى الصواب.
ئىلىم ئەھلى دانا، پىتنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئىلىم ئۆز ساھىبىنى توغرىغا باشلايدۇ. info

• العلو والكبر في الأرض ونشر الفساد عاقبته الهلاك والخسران.
يەر يۈزىدە ھەددىدىن ئېشىش، تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت ھەم زىيانكارلىقتۇر. info

• سعة رحمة الله وعدله بمضاعفة الحسنات للمؤمن وعدم مضاعفة السيئات للكافر.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭدۇر، مۇئمىنلەرگە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىش، كاپىرلارنىڭ يامانلىقلىرىنى ھەسسىلەپ جازا بەرمەسلىك بىلەن ئادىلدۇر. info