قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بەت نومۇرى:close

external-link copy
14 : 13

لَهُۥ دَعۡوَةُ ٱلۡحَقِّۚ وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ لَا يَسۡتَجِيبُونَ لَهُم بِشَيۡءٍ إِلَّا كَبَٰسِطِ كَفَّيۡهِ إِلَى ٱلۡمَآءِ لِيَبۡلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَٰلِغِهِۦۚ وَمَا دُعَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَٰلٖ

تەۋھىد چاقىرىقى پەقەت يەككە - يېگانە ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ، بۇنىڭدا ئاللاھقا ھېچكىم شېرىك بولالمايدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان بۇتلار ھېچبىر ئىشتا ئۆزىگە دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئۇلارغا دۇئا قىلغانلىقى پەقەت ئېغىزىمغا سۇ كىرسە ئىچسەم، دەپ يىراقتىن قولىنى سۇغا ئۇزىتىپ تۇرغان ئۇسسىز كىشىگە ئوخشايدۇكى، ئەمەلىيەتتە سۇ ئۇنىڭ ئېغىزىغا يەتمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ بۇتلىرىغا قىلغان دۇئالىرىمۇ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ۋە توغرىدىن يىراقلاپ كېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئۇ بۇتلار ئۇلارغا قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 13

وَلِلَّهِۤ يَسۡجُدُۤ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ طَوۡعٗا وَكَرۡهٗا وَظِلَٰلُهُم بِٱلۡغُدُوِّ وَٱلۡأٓصَالِ۩

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارچە مەخلۇقات يەككە - يېگانە ئاللاھقا باش ئېگىدۇ، بۇنىڭدا مۇئمىنمۇ، كاپىرمۇ ئوخشاش. لېكىن مۇئمىن ئاللاھقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باش ئېگىپ، سەجدە قىلىدۇ. لېكىن كاپىر ئاللاھقا مەجبۇرىي باش ئېگىدۇ، ئۇنىڭ تەبىئىتى ئاللاھقا ئىختىيارىي باش ئېگىشتىن كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ. مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا بويسۇنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 13

قُلۡ مَن رَّبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ قُلِ ٱللَّهُۚ قُلۡ أَفَٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ لَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ نَفۡعٗا وَلَا ضَرّٗاۚ قُلۡ هَلۡ يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ أَمۡ هَلۡ تَسۡتَوِي ٱلظُّلُمَٰتُ وَٱلنُّورُۗ أَمۡ جَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ خَلَقُواْ كَخَلۡقِهِۦ فَتَشَٰبَهَ ٱلۡخَلۡقُ عَلَيۡهِمۡۚ قُلِ ٱللَّهُ خَٰلِقُ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُوَ ٱلۡوَٰحِدُ ٱلۡقَهَّٰرُ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا باشقىلارنى قوشۇپ چوقۇنۇۋاتقان كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى، ئۇلارنى باشقۇرغۇچى كىم؟ ئەي پەيغەمبەر ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئاللاھ تائالادۇر، سىلەرمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، قىلچە پايدا ياكى زىيان كەلتۈرەلمەيدىغان ئاجىزلارنى ئۆزۈڭلارغا ھېماتچى قىلىۋالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ باشقىلارغا پايدا - زىيان ئېلىپ كېلەلىسۇن؟ ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، كۆزى كۆرمەيدىغان كاپىر كۆزى ئوچۇق، ھىدايەت تاپقان مۇئمىنگە ئوخشاش بولامدۇ؟ قاراڭغۇ - زۇلمەت بولغان كۇپرىلىق نۇر بولغان ئىمان بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشاش يارىتىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئۆزلىرىنىڭ شېرىكلىرىنىڭ يارىتىشى ئارىلىشىپ كېتىپ، يارىتىشتا ئاللاھ تائالاغا شېرىكلەرنى قىلدىمۇ؟. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا بارچە نەرسىنىڭ يەككە - يېگانە ياراتقۇچىسىدۇركى، يارىتىشتا ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئۇ ئىلاھلىقتا يەككە - يېگانىدۇركى، قۇلچىلىق قىلىنىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر، ئۇ ھەممىدىن غالىبتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 13

أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَسَالَتۡ أَوۡدِيَةُۢ بِقَدَرِهَا فَٱحۡتَمَلَ ٱلسَّيۡلُ زَبَدٗا رَّابِيٗاۖ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيۡهِ فِي ٱلنَّارِ ٱبۡتِغَآءَ حِلۡيَةٍ أَوۡ مَتَٰعٖ زَبَدٞ مِّثۡلُهُۥۚ كَذَٰلِكَ يَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡحَقَّ وَٱلۡبَٰطِلَۚ فَأَمَّا ٱلزَّبَدُ فَيَذۡهَبُ جُفَآءٗۖ وَأَمَّا مَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ فَيَمۡكُثُ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ كَذَٰلِكَ يَضۡرِبُ ٱللَّهُ ٱلۡأَمۡثَالَ

ئاللاھ تائالا باتىلنىڭ يوقىلىپ، ھەقىقەتنىڭ قېپقالىدىغانلىقىغا بۇلۇتتىن چۈشىدىغان يامغۇر سۈيىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، يامغۇر سۈيى جىلغىلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ لىق تولۇپ ئاقىدۇ، (شۇ يامغۇردىن ھاسىل بولغان) سەل سۈيى ئەخلەت - چاۋا ۋە لاي - لاتقىلارنى سۇ يۈزىگە چىقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئىش ئۈچۈن باشقا بىر مىسالنى كۆرسەتتى، كىشىلەر قىممەتلىك مەدەنلەرنى ئېرىتىپ، ئۆزلىرىگە زىننەت بويۇملىرى ياساش ئۈچۈن ئوتقا سالىدۇ. مانا بۇ ئىككى مىسالنى ئاللاھ تائالا ھەق بىلەن باتىلنىڭ مىسالىغا ئوخشاتتىكى، باتىل سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان ئەخلەت - چاۋالارغا، شۇنداقلا مەدەننى تاۋلاپ چىقىرىپ تاشلىغان داتلارغا ئوخشايدۇ. ھەقىقەت بولسا ئىچكىلى بولىدىغان، (مېۋىلەرنى ۋە ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرىدىغان) سۈزۈك سۇغا ئوخشايدۇ. تاۋلانغاندىن كېيىن قېپقالغان ساپ مەدەندىن كىشىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئىككى مىسالنى بايان قىلغىنىغا ئوخشاش، ھەقىقەت باتىلدىن ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارغا يەنە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 13

لِلَّذِينَ ٱسۡتَجَابُواْ لِرَبِّهِمُ ٱلۡحُسۡنَىٰۚ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَسۡتَجِيبُواْ لَهُۥ لَوۡ أَنَّ لَهُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفۡتَدَوۡاْ بِهِۦٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ سُوٓءُ ٱلۡحِسَابِ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ

پەرۋەردىگارىنىڭ يەككە - يېگانىلىقى ۋە ئىتائىتىگە قىلىنغان چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان مۇئمىنلەرگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتۇر. شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىنىڭ يەككە - يېگانلىكى ۋە ئىتائىتىگە قىلىنغان چاقىرىققا ئاۋاز قوشمىغان كاپىرلارغا كەلسەك، يەر يۈزىدىكى بارچە مال - مۈلۈكلەر ۋە يەنە شۇنىڭ ئوخشىشى شۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار ئۇ مال - مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىنى ئۆزلىرىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان بۇ كىشىلەر پۈتۈن يامانلىقلىرىغا قارىتا ھېسابقا تارتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىساتلىرى ۋە تۇرىدىغان جايى بولغان ئوت نېمىدېگەن يامان جاي - ھە؟! info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• بيان ضلال المشركين في دعوتهم واستغاثتهم بغير الله تعالى، وتشبيه حالهم بحال من يريد الشرب فيبسط يده للماء بلا تناول له، وليس بشارب مع هذه الحالة؛ لكونه لم يتخذ وسيلة صحيحة لذلك.
بۇ ئايەتلەر مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھتىن باشقىغا تىۋىنىش ۋە سىغىنىشىدىكى ئازغۇنلۇقلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىنى سۇ ئىچكۈسى كېلىپ، ھېچبىر ھەرىكەت قىلماستىن قولىنى سۇغا سوزۇپ تۇرغان، ئەمما سۇ ئىچىشكە توغرا ئۇسۇل قوللانمىغانلىقى ئۈچۈن سۇ ئىچەلمىگەن كىشىگە ئوخشىتىدۇ. info

• أن من وسائل الإيضاح في القرآن: ضرب الأمثال وهي تقرب المعقول من المحسوس، وتعطي صورة ذهنية تعين على فهم المراد.
قۇرئاندىكى بايان قىلىش ئۇسۇللىرىدىن بىرى مىساللارنى بايان قىلىش بولۇپ، بۇ ئۇسۇل مەنىنى ھېسسىيغا يېقىنلاشتۇرۇپ، مۇددىئانى چۈشىنىشكە ياردىمى بولىدىغان ئەقلىي بىر شەكىل ئاتا قىلىدۇ. info

• إثبات سجود جميع الكائنات لله تعالى طوعًا، أو كرهًا بما تمليه الفطرة من الخضوع له سبحانه.
كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر تەبىئىي پىترىتىنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇشقا ئۈندىشى بىلەن ئۇنىڭغا مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارىي ھالەتتە سەجدە قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. info