قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - قۇرئان كەرىم قىسقىچە تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

external-link copy
21 : 10

وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ مِّنۢ بَعۡدِ ضَرَّآءَ مَسَّتۡهُمۡ إِذَا لَهُم مَّكۡرٞ فِيٓ ءَايَاتِنَاۚ قُلِ ٱللَّهُ أَسۡرَعُ مَكۡرًاۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكۡتُبُونَ مَا تَمۡكُرُونَ

مۇشرىلارغا كەلگەن قۇرغاقچىلىق ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا يامغۇر ۋە مولچىلىقتىن ئىبارەت نېئمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىش ۋە مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ تېخىمۇ تىز چارە تەدبىر قوللىنىدۇ ۋە سىلەرنى تېخىمۇ تىز جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر پىلانلىغان مىكىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن ھېچنەرسە ساقىت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن قانداقمۇ مەخپى قالسۇن؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھېلە- مىكرىڭلارغا قارىتا جازا بېرىدۇ. info
التفاسير:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الله أسرع مكرًا بمن مكر بعباده المؤمنين.
ئاللاھ مۆئمىن بەندىلىرىگە مىكىر قىلغانلارنى تېخىمۇ تىز چارە قىلغۇچىدۇر. info

• بغي الإنسان عائد على نفسه ولا يضر إلا نفسه.
ئىنساننىڭ بۇزۇقچىلىقى ئۆزىگە كېلىدۇ، پەقەت ئۆزىگىلا زىيان يەتكۈزىدۇ. info

• بيان حقيقة الدنيا في سرعة انقضائها وزوالها، وما فيها من النعيم فهو فانٍ.
دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى نېئمەتلەرنىڭ تىز سۈرئەتتە يوقىلىشى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. info

• الجنة هي مستقر المؤمن؛ لما فيها من النعيم والسلامة من المصائب والهموم.
جەننەت مۆئمىننىڭ تۇرىدىغان جايىدۇر. چۈنكى جەننەتتە مۇسىيبەت ۋە غەم قايغۇلاردىن سالامەت قېلىش ۋە نېئمەتلەردىن ھۇزۇر ئېلىش باردۇر. info