Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Uygurca Tercüme - Muhammed Salih

Sayfa numarası:close

external-link copy
121 : 7

قَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق[121]. info
التفاسير:

external-link copy
122 : 7

رَبِّ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ

مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)»[122]. info
التفاسير:

external-link copy
123 : 7

قَالَ فِرۡعَوۡنُ ءَامَنتُم بِهِۦ قَبۡلَ أَنۡ ءَاذَنَ لَكُمۡۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكۡرٞ مَّكَرۡتُمُوهُ فِي ٱلۡمَدِينَةِ لِتُخۡرِجُواْ مِنۡهَآ أَهۡلَهَاۖ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[123]. info
التفاسير:

external-link copy
124 : 7

لَأُقَطِّعَنَّ أَيۡدِيَكُمۡ وَأَرۡجُلَكُم مِّنۡ خِلَٰفٖ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمۡ أَجۡمَعِينَ

سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن»[124]. info
التفاسير:

external-link copy
125 : 7

قَالُوٓاْ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ

دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز[125]. info
التفاسير:

external-link copy
126 : 7

وَمَا تَنقِمُ مِنَّآ إِلَّآ أَنۡ ءَامَنَّا بِـَٔايَٰتِ رَبِّنَا لَمَّا جَآءَتۡنَاۚ رَبَّنَآ أَفۡرِغۡ عَلَيۡنَا صَبۡرٗا وَتَوَفَّنَا مُسۡلِمِينَ

سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»[126]. info
التفاسير:

external-link copy
127 : 7

وَقَالَ ٱلۡمَلَأُ مِن قَوۡمِ فِرۡعَوۡنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوۡمَهُۥ لِيُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَيَذَرَكَ وَءَالِهَتَكَۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبۡنَآءَهُمۡ وَنَسۡتَحۡيِۦ نِسَآءَهُمۡ وَإِنَّا فَوۡقَهُمۡ قَٰهِرُونَ

پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى[127]. info
التفاسير:

external-link copy
128 : 7

قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِ ٱسۡتَعِينُواْ بِٱللَّهِ وَٱصۡبِرُوٓاْۖ إِنَّ ٱلۡأَرۡضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ وَٱلۡعَٰقِبَةُ لِلۡمُتَّقِينَ

مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى[128]. info
التفاسير:

external-link copy
129 : 7

قَالُوٓاْ أُوذِينَا مِن قَبۡلِ أَن تَأۡتِيَنَا وَمِنۢ بَعۡدِ مَا جِئۡتَنَاۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمۡ أَن يُهۡلِكَ عَدُوَّكُمۡ وَيَسۡتَخۡلِفَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرَ كَيۡفَ تَعۡمَلُونَ

ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى[129]. info
التفاسير:

external-link copy
130 : 7

وَلَقَدۡ أَخَذۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ بِٱلسِّنِينَ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلثَّمَرَٰتِ لَعَلَّهُمۡ يَذَّكَّرُونَ

ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق[130]. info
التفاسير: