Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Uygurca Tercüme - Muhammed Salih

Sayfa numarası:close

external-link copy
15 : 52

أَفَسِحۡرٌ هَٰذَآ أَمۡ أَنتُمۡ لَا تُبۡصِرُونَ

(ئۇلارغا) «(كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئازاب) سېھىرمۇ ياكى سىلەر كۆرمەيۋاتامسىلەر؟[15] info
التفاسير:

external-link copy
16 : 52

ٱصۡلَوۡهَا فَٱصۡبِرُوٓاْ أَوۡ لَا تَصۡبِرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡكُمۡۖ إِنَّمَا تُجۡزَوۡنَ مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

دوزاخقا كىرىڭلار، (ئازابقا) مەيلى سەۋر قىلىڭلار، مەيلى سەۋر قىلماڭلار، سىلەرگە بەرىبىر ئوخشاش (چۈنكى سىلەر دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر)، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر» (دېيىلىدۇ)[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 52

إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَنَعِيمٖ

تەقۋادارلار ھەقىقەتەن جەننەتلەردە ۋە نېمەت ئىچىدە بولىدۇ[17]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 52

فَٰكِهِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ وَوَقَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡ عَذَابَ ٱلۡجَحِيمِ

ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن نەرسىلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ[18]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 52

كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ هَنِيٓـَٔۢا بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

(ئۇلارغا) «قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ (مۇكاپاتى) ئۈچۈن كۆڭۈللۈك يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)[19]. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 52

مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ سُرُرٖ مَّصۡفُوفَةٖۖ وَزَوَّجۡنَٰهُم بِحُورٍ عِينٖ

ئۇلار قاتار تىزىلغان تەختلەر ئۈستىدە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ، شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىپ بېرىمىز[20]. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 52

وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱتَّبَعَتۡهُمۡ ذُرِّيَّتُهُم بِإِيمَٰنٍ أَلۡحَقۡنَا بِهِمۡ ذُرِّيَّتَهُمۡ وَمَآ أَلَتۡنَٰهُم مِّنۡ عَمَلِهِم مِّن شَيۡءٖۚ كُلُّ ٱمۡرِيِٕۭ بِمَا كَسَبَ رَهِينٞ

ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر[21]. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 52

وَأَمۡدَدۡنَٰهُم بِفَٰكِهَةٖ وَلَحۡمٖ مِّمَّا يَشۡتَهُونَ

ئۇلار كۆرۈۋاتقان نېمەتنىڭ ئۈستىگە يەنە (ئۇلارنى) كۆڭلى تارتقان مېۋە ۋە كۆڭلى تارتقان گۆش بىلەن تەمىنلەيمىز[22]. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 52

يَتَنَٰزَعُونَ فِيهَا كَأۡسٗا لَّا لَغۡوٞ فِيهَا وَلَا تَأۡثِيمٞ

ئۇلار جەننەتتە ئۆزئارا (مەي قاچىلانغان) جاملارنى تۇتىشىدۇ، (مەي ئىچىش بىلەن) ئۇلاردىن (بۇ دۇنيادىكىدەك) بىھۇدە سۆز ۋە گۇناھ سادىر بولمايدۇ[23]. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 52

۞ وَيَطُوفُ عَلَيۡهِمۡ غِلۡمَانٞ لَّهُمۡ كَأَنَّهُمۡ لُؤۡلُؤٞ مَّكۡنُونٞ

گويا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەردەك (چىرايلىق) غىلمانلار ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ (ئۇلارنىڭ) خىزمىتىنى قىلىدۇ[24]. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 52

وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ

ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ[25]. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 52

قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا قَبۡلُ فِيٓ أَهۡلِنَا مُشۡفِقِينَ

ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق[26]. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 52

فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَيۡنَا وَوَقَىٰنَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ

ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى[27]. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 52

إِنَّا كُنَّا مِن قَبۡلُ نَدۡعُوهُۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡبَرُّ ٱلرَّحِيمُ

بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[28]. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 52

فَذَكِّرۡ فَمَآ أَنتَ بِنِعۡمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٖ وَلَا مَجۡنُونٍ

(ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن[29]. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 52

أَمۡ يَقُولُونَ شَاعِرٞ نَّتَرَبَّصُ بِهِۦ رَيۡبَ ٱلۡمَنُونِ

ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز».[30] info
التفاسير:

external-link copy
31 : 52

قُلۡ تَرَبَّصُواْ فَإِنِّي مَعَكُم مِّنَ ٱلۡمُتَرَبِّصِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»[ـ31]. info
التفاسير: