Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Uygurca Tercüme - Muhammed Salih

Sayfa numarası:close

external-link copy
43 : 16

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ

سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلار[43]. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 16

بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلزُّبُرِۗ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلذِّكۡرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ

(پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) تەپەككۇر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق[44]. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 16

أَفَأَمِنَ ٱلَّذِينَ مَكَرُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَخۡسِفَ ٱللَّهُ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ

ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ يامان ئىش قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن ياكى ئۆزلىرىگە ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟[45] info
التفاسير:

external-link copy
46 : 16

أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ فِي تَقَلُّبِهِمۡ فَمَا هُم بِمُعۡجِزِينَ

ياكى ئۆزلىرىنى سەپەر ئۇستىدىكى چاغلىرىدا جازاغا يولۇقتۇرۇشىدىن قورقمامدۇ؟ (بۇ چاغدا) ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ[46]. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 16

أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ عَلَىٰ تَخَوُّفٖ فَإِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٌ

ياكى (ئاللاھنىڭ) ئۆزلىرىنى قەدەممۇقەدەم جازالىشىدىن قورقمامدۇ؟ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە مەرھەمەتلىكتۇر، مېھرىباندۇر (شۇڭا سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىدى)[47]. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 16

أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَىٰ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ يَتَفَيَّؤُاْ ظِلَٰلُهُۥ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَٱلشَّمَآئِلِ سُجَّدٗا لِّلَّهِ وَهُمۡ دَٰخِرُونَ

ئۇلار ئاللاھ ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سايىلىرى بويسۇنغان ھالدا ئاللاھقا سەجدە قىلىش يۈزىسىدىن ئوڭ ـ سولغا مايىل بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟[48] info
التفاسير:

external-link copy
49 : 16

وَلِلَّهِۤ يَسۡجُدُۤ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن دَآبَّةٖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار ( ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ[49]. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 16

يَخَافُونَ رَبَّهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ۩

ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ[50]. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 16

۞ وَقَالَ ٱللَّهُ لَا تَتَّخِذُوٓاْ إِلَٰهَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِۖ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَإِيَّٰيَ فَٱرۡهَبُونِ

ئاللاھ: «ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ئۇ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر، مەندىنلا قورقۇڭلار» دېدى[51]. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 16

وَلَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَهُ ٱلدِّينُ وَاصِبًاۚ أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَتَّقُونَ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئىبادەت ھەمىشە ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا بىرىدىن قورقامسىلەر؟[52] info
التفاسير:

external-link copy
53 : 16

وَمَا بِكُم مِّن نِّعۡمَةٖ فَمِنَ ٱللَّهِۖ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فَإِلَيۡهِ تَجۡـَٔرُونَ

سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر[53]. info
التفاسير:

external-link copy
54 : 16

ثُمَّ إِذَا كَشَفَ ٱلضُّرَّ عَنكُمۡ إِذَا فَرِيقٞ مِّنكُم بِرَبِّهِمۡ يُشۡرِكُونَ

ئاللاھ سىلەردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە ، ئاراڭلاردىن بىر بۆلۈك ئادەم دەرھال ئۆز پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ[54]. info
التفاسير: