Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Muhtasar Kur'an-ı Kerim Tefsiri Uygurca Tercümesi

Sayfa numarası:close

external-link copy
60 : 4

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ يَزۡعُمُونَ أَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَ يُرِيدُونَ أَن يَتَحَاكَمُوٓاْ إِلَى ٱلطَّٰغُوتِ وَقَدۡ أُمِرُوٓاْ أَن يَكۡفُرُواْ بِهِۦۖ وَيُرِيدُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَن يُضِلَّهُمۡ ضَلَٰلَۢا بَعِيدٗا

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى داۋراڭ سالىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئارىلىرىدىكى دەتالاشلاردا ئاللاھ يولغا قويغان شەرىئەتنى قويۇپ، ئىنسانلار چىقىرىۋالغان قانۇنلارنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بارماقچى بولۇشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. شەيتان ئۇلارنى توغرا يول تېپىۋالمىسۇن دەپ ھەقتىن تولىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
61 : 4

وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ تَعَالَوۡاْ إِلَىٰ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ وَإِلَى ٱلرَّسُولِ رَأَيۡتَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ يَصُدُّونَ عَنكَ صُدُودٗا

ناۋادا بۇ مۇناپىقلارغا: ئاراڭلاردىكى دەۋا-دەستۇرلارنى ھەل قىلىشتا ئاللاھ تائالا كىتابىدا نازىل قىلغان ھۆكۈملەرگە ۋە پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىڭلار دېيىسلە، -ئەي پەيغەمبەر!- ئۇلارنىڭ سەندىن تامامەن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن ئەرز-شىكايەتلىرىنى باشقىلارنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بېرىشقانلىقىنى كۆرىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
62 : 4

فَكَيۡفَ إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ ثُمَّ جَآءُوكَ يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ إِنۡ أَرَدۡنَآ إِلَّآ إِحۡسَٰنٗا وَتَوۡفِيقًا

ئەي پەيغەمبەر! قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بېشىغا خاپىلىق كەلگەندە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ ساڭا: بىزنىڭ باشقىلارنىڭ قېشىغا ئەرز-شىكايەتلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ بېرىشتا پەقەت دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى چىرايلىقچە ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باشقا غەرىزىمىز يوق، دەپ ئۆزۈرخاھلىق ئېيتىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە يالغانچىدۇر. چۈنكى ئېھسان دېگەن پەقەت بەندىلەر ئۈستىدىن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
63 : 4

أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمۡ فَأَعۡرِضۡ عَنۡهُمۡ وَعِظۡهُمۡ وَقُل لَّهُمۡ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ قَوۡلَۢا بَلِيغٗا

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان نىفاق ۋە يامان غەرەزلىرىنى ياخشى بىلىدۇ. -ئەي پەيغەمبەر!- شۇڭا ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، ئاللاھنىڭ ساۋاب-مۇكاپاتلىرىغا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئازابىدىن قورقۇتۇش يۈزىسىدىن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۇقتۇرۇپ قويغىن. ئۇلارغا دىللىرىغا چوڭقۇر تەسىر قىلىدىغان پاساھەتلىك سۆزلەرنى قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
64 : 4

وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَلَوۡ أَنَّهُمۡ إِذ ظَّلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ جَآءُوكَ فَٱسۡتَغۡفَرُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡتَغۡفَرَ لَهُمُ ٱلرَّسُولُ لَوَجَدُواْ ٱللَّهَ تَوَّابٗا رَّحِيمٗا

بىز ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسەك، ئۇ بۇيرۇغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىتائەت قىلىنسۇن دەپ ئەۋەتتۇق. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغدا، قىلغان گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ھالدا سەن ھايات ۋاقتىڭدا يېنىڭغا كەلگەن بولسا ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى كۆپ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا نەقەدەر شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
65 : 4

فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤۡمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيۡنَهُمۡ ثُمَّ لَا يَجِدُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ حَرَجٗا مِّمَّا قَضَيۡتَ وَيُسَلِّمُواْ تَسۡلِيمٗا

ھەقىقىي ئەھۋال بۇ مۇناپىقلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئاللاھنىڭ زاتى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئارىلىرىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق دەتالاشتا پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا شۇنىڭ يېنىغا، ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ شەرىئىتىگە دەۋا-دەستۇرلىرىنى كۆتۈرۈپ بارمىغۇچە، ئاندىن پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ، قەلبىدىكى ئازراق بولسىمۇ سىقىلىش ۋە ئىككىلىنىش قالمىغۇچە ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە چىن كۆڭلىدىن بويسۇنۇپ، تامامەن قوبۇل قىلمىغۇچە ھەقىقىي راستچىل مۇئمىنلەردىن بولالمايدۇ. info
التفاسير:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• الاحتكام إلى غير شرع الله والرضا به مناقض للإيمان بالله تعالى، ولا يكون الإيمان التام إلا بالاحتكام إلى الشرع، مع رضا القلب والتسليم الظاهر والباطن بما يحكم به الشرع.
ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا يەرگە دەۋا ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا رازى بولۇش ئاللاھ تائالاغا ئېيتقان ئىماننى بۇزۇۋېتىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھۆكۈملىرىگە چىن قەلبىدىن رازى بولۇش ۋە ئىچكى-تاشقى جەھەتلەردە بويسۇنۇش بىلەن بىرگە دەۋا-دەستۇرلىرىنى شەرىئەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىگۈچە تولۇق ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. info

• من أبرز صفات المنافقين عدم الرضا بشرع الله، وتقديم حكم الطواغيت على حكم الله تعالى.
مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك سۈپەتلىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ قانۇنىغا رازى بولماسلىق، تاغۇتلارنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن ئۈستۈن كۆرۈش. info

• النَّدْب إلى الإعراض عن أهل الجهل والضلالات، مع المبالغة في نصحهم وتخويفهم من الله تعالى.
نادان، ئازغۇنلارغا كۆپ نەسىھەت قىلىش ۋە ئاللاھتىن قورقۇتۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە پەرۋا قىلماسلىققا چاقىرىش. info