Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Muhtasar Kur'an-ı Kerim Tefsiri Uygurca Tercümesi

Sayfa numarası:close

external-link copy
112 : 26

قَالَ وَمَا عِلۡمِي بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتتى: مەن ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھېسابلاپ تۇرۇشقا مۇئەككەل ئەمەسمەن. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 26

إِنۡ حِسَابُهُمۡ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّيۖ لَوۡ تَشۡعُرُونَ

ئۇلارنىڭ ھېسابىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ ئالىدۇ. ئەگەر بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىز ئۇنداق دېمەيتتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
114 : 26

وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

مەن سىلەرنى ئىمان ئېيتىپ قالارمىكىن دەپ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ئاساسەن مۇئمىنلەرنى سورۇنۇمدىن قوغلىۋەتمەيمەن. info
التفاسير:

external-link copy
115 : 26

إِنۡ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٞ

مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
116 : 26

قَالُواْ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ يَٰنُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمَرۡجُومِينَ

نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! ئەگەر سەن بىزنى چاقىرىۋاتقان ئىشتىن توختىمىساڭ، چوقۇم تىل - ئاھانەتكە قېلىپ، تاش كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىسەن. info
التفاسير:

external-link copy
117 : 26

قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوۡمِي كَذَّبُونِ

نۇھ پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم ھەقىقەتەن مېنى ئىنكار قىلدى، سېنىڭ دەرگاھىڭدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
118 : 26

فَٱفۡتَحۡ بَيۡنِي وَبَيۡنَهُمۡ فَتۡحٗا وَنَجِّنِي وَمَن مَّعِيَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنكى، ئۇلار ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسۇن. مېنى ۋە مەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قەۋمىمنىڭ كاپىرلىرىنى ھالاك قىلغان ئازابتىن قۇتۇلدۇرغىن. info
التفاسير:

external-link copy
119 : 26

فَأَنجَيۡنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِي ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ

بىز نۇھنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار بىلەن لىق تولغان كېمىدە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
120 : 26

ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا بَعۡدُ ٱلۡبَاقِينَ

ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن نۇھنىڭ قەۋمىدىن قېپقالغانلىرىنى ھالاك غەرق قىلىۋەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
121 : 26

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە، شۇنداقلا نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىشىدا پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
122 : 26

وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ رەببىڭ شەكسىز غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
123 : 26

كَذَّبَتۡ عَادٌ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئاد خەلقى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقتىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
124 : 26

إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
125 : 26

إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
126 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
127 : 26

وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. info
التفاسير:

external-link copy
128 : 26

أَتَبۡنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ ءَايَةٗ تَعۡبَثُونَ

سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشىنىڭ ئالامىتى قىلىپ بۇ دۇنيا ياكى ئۇ دۇنيالىقىڭلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغان بىنالارنى سالامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
129 : 26

وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمۡ تَخۡلُدُونَ

گوياكى سىلەر بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىپ، بۇ جايدىن يۆتكەلمەيدىغاندەك پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
130 : 26

وَإِذَا بَطَشۡتُم بَطَشۡتُمۡ جَبَّارِينَ

ئەگەر (بىراۋغا) ئۆلۈم جازاسى ياكى كالتەكلەش جازاسى بەرسەڭلار، قىلچە رەھىم قىلماستىن زالىملارچە جازالايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
131 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
132 : 26

وَٱتَّقُواْ ٱلَّذِيٓ أَمَدَّكُم بِمَا تَعۡلَمُونَ

ئۆزۈڭلارمۇ بىلىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
133 : 26

أَمَدَّكُم بِأَنۡعَٰمٖ وَبَنِينَ

ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى ۋە ئوغۇللارنى بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
134 : 26

وَجَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ

باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
135 : 26

إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ

ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت كاتتا كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن. info
التفاسير:

external-link copy
136 : 26

قَالُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡنَآ أَوَعَظۡتَ أَمۡ لَمۡ تَكُن مِّنَ ٱلۡوَٰعِظِينَ

قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن بىزگە نەسىھەت قىلساڭمۇ - قىلمىساڭمۇ بەرىبىر، چۈنكى بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ئۆز دىنىمىزدىنمۇ قايتمايمىز، دېدى. info
التفاسير:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• أفضلية أهل السبق للإيمان حتى لو كانوا فقراء أو ضعفاء.
دەسلەپتە ئىمان ئېيتقانلار گەرچە يوقسۇل، ئاجىز كىشىلەر بولسىمۇ ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىلەدۇر. info

• إهلاك الظالمين، وإنجاء المؤمنين سُنَّة إلهية.
زالىملارنى ھالاك قىلىش، مۇئمىنلەرگە قۇتۇلدۇرۇش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. info

• خطر الركونِ إلى الدنيا.
دۇنياغا بېرىلىش خەتەرلىكتۇر. info

• تعنت أهل الباطل، وإصرارهم عليه.
باتىل تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىدا بارغانسىرى ئەزۋەيلەيدۇ. info