Kur'an-ı Kerim meal tercümesi - Muhtasar Kur'an-ı Kerim Tefsiri Uygurca Tercümesi

Sayfa numarası:close

external-link copy
35 : 16

وَقَالَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا عَبَدۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖ نَّحۡنُ وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن دُونِهِۦ مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ فَعَلَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ فَهَلۡ عَلَى ٱلرُّسُلِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ

ئۆزلىرىنىڭ ئىبادىتىدە ئاللاھقا ئاللاھنىڭ غەيرىنى قوشۇپ مۇشرىك بولغانلار: ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا، بىز ۋە بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بۈلسا بىز ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كاپىرلارمۇ مۇشۇنداق باتىل دەلىللەرنى دېگەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتۇر، ھەقىقەتەن ئۇلار يەتكۈزدى، ئاللاھ كاپىرلارغا خالاش ۋە ئىختىيارلىقنى بېرىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتماستىن بىزنى ئاللاھ كاپىر بولۇشىمىزنى ئىرادە قىلغان) تەقدىر دەپ ئۆزۈر ئېيتىشىنىڭ ھېچ .ئاساسىي يوقتۇر info
التفاسير:

external-link copy
36 : 16

وَلَقَدۡ بَعَثۡنَا فِي كُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱجۡتَنِبُواْ ٱلطَّٰغُوتَۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ هَدَى ٱللَّهُ وَمِنۡهُم مَّنۡ حَقَّتۡ عَلَيۡهِ ٱلضَّلَٰلَةُۚ فَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ

بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئۇلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلار، شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشنى تەرىك قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەقكە بۇيرۇيدىغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئارىسىدىن ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغانلار پەيغەمبەرگە ئېشەندى ۋە پەيغەمبەر ئىلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئەگەشتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئاللاھقا كاپىر بولدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلدى، توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولمىدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئازغۇنلۇق ئۇلارغا زۆرۈر بولدى. زېمىندا سەيرى قىلىڭلار يالغانچىلارنىڭ ئۈسىتىگە ئازاب ۋە ھالاكەت چۈشكەندىن كېيىن ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 16

إِن تَحۡرِصۡ عَلَىٰ هُدَىٰهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَن يُضِلُّۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّٰصِرِينَ

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن كۈچۈڭنىڭ يېتىشچە ئۇلارنى دەۋەت قىلىشقا تېرىشساڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەن بولساڭمۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قلساڭمۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆزى ئازدۇرىۋەتكەن كىشىنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھدىن باشقا ياردەم بەرگۈچى ۋە ئۇلاردىن ئازابنى مەنئىي قىلغۇچى يوقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 16

وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَا يَبۡعَثُ ٱللَّهُ مَن يَمُوتُۚ بَلَىٰ وَعۡدًا عَلَيۡهِ حَقّٗا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئۇلار قاتتىق قەسەم بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى تەكىتلەپ: ھېچ قانداق دەلىلسىزلا ئاللاھ ئۆلۈكنى تېرىلدۈرەلمەيدۇ دەيدۇ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تېرىلدۈرىدۇ. بۇ ئاللاھدىن بولغان راست ۋەدىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ ئۆلۈكنى تېرگۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، نەتىجىدە ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 16

لِيُبَيِّنَ لَهُمُ ٱلَّذِي يَخۡتَلِفُونَ فِيهِ وَلِيَعۡلَمَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰذِبِينَ

مۇشرىكلار ئىختىلاپ قىلىشقان؛ ئاللاھنىڭ بىرلىكى، ئۆلگەندىن كىيىن تېرىلىش ۋە نۇبۇۋۋەت قاتارلىق ئىشلارنى قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىكلارنىڭ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 16

إِنَّمَا قَوۡلُنَا لِشَيۡءٍ إِذَآ أَرَدۡنَٰهُ أَن نَّقُولَ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ

ئەگەر بىز ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قەبىردىن قوزغاشنى خالىساق، بىزنى ئۇنداق قىلىشىمىزدىن چەكلەپ قويىدىغان ھېچقانداق چەكلىمە يوق، بىز بىر نەرسىنى خالىساق "ۋۇجۇتقا كەل" دەيمىز دەرھال بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 16

وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ فِي ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا ظُلِمُواْ لَنُبَوِّئَنَّهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗۖ وَلَأَجۡرُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ

كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ ئازابلىغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇرتى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ كاپىرلارنىڭ يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىپ چىققانلارنى ئەلۋەتتە دۇنيادا ئىززەت-ئىكرامغا مۇشەررەپ قىلىمىز. ئەلۋەتتە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ جەننەتتىن ئىبارەت بۈيۈك نېئمەتكە نائىل بولىدۇ. ئەگەر ھىجرەت قېلىشتىن كېچىكىپ قالغانلار ھىجرەت قىلغانلارغا بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ كاتتىلىقىنى بىلگەن بولسا ئېدى ئەلۋەتتە ھىجرەت قىلىشتىن كىچىكىپ قالمايتتى. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 16

ٱلَّذِينَ صَبَرُواْ وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ

ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ چېققان ئاشۇ مۇھاجىرلار ئۆز قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىگە، ۋەتىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئايرىلىشقا، ئاللاھقا ئېتائەت قېلىشتا سەۋىر قىلغانلىقلىرى، بارلىق ئىشلىرىدا يەككە-يېگانە پەرۋەردىگارىغا تايانغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ كاتتا مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلدى. info
التفاسير:
Bu sayfadaki ayetlerin faydaları:
• العاقل من يعتبر ويتعظ بما حل بالضالين المكذبين كيف آل أمرهم إلى الدمار والخراب والعذاب والهلاك.
ئەقىللىق كىشى ئازغۇن، يالغانچىلارغا چۈشكەن ئازاب ۋە ئۇلارنىڭ گۇمران بولۇش، خانىۋەيران بولۇش، ئازابقا دۇچار بولۇش ۋە ھالاك بولۇش قاتارلىق ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ۋە ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ. info

• الحكمة من البعث والمعاد إظهار الله الحقَّ فيما يختلف فيه الناس من أمر البعث وكل شيء.
ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلدۈرۈش ۋە قىيامەتنىڭ بولىشىدىكى ھېكمەت بولسا، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە باشقا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلىرىدىكى ھەقنى ئاشكارا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. info

• فضيلة الصّبر والتّوكل: أما الصّبر: فلما فيه من قهر النّفس، وأما التّوكل: فلأن فيه الثقة بالله تعالى والتعلق به.
سەۋىر قىلىش ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ پەزىلىتى: سەۋىر قىلىشتا نەپسىنى بويسۇندۇرۇش بولسا، تەۋەككۇل قىلىشتا مەخلۇقتىن ئايرىلىپ ھەقكە يۈزلىنىش بولىدۇ. info

• جزاء المهاجرين الذين تركوا ديارهم وأموالهم وصبروا على الأذى وتوكّلوا على ربّهم، هو الموطن الأفضل، والمنزلة الحسنة، والعيشة الرّضية، والرّزق الطّيّب الوفير، والنّصر على الأعداء، والسّيادة على البلاد والعباد.
ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى، مال-مۈلكىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلغان، ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغانلارنىڭ مۇكاپىتى ئەۋزەل يۇرت، گۈزەل مەرتىۋە، رازى بولىدىغان تۇرمۇش، كەڭرى رىزىق، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، دەۋلەت ۋە خەلققە ھۆكۈمران بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. info