పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - అల్ ఖుర్ఆన్ అల్ కరీమ్ సంక్షిప్త వ్యాఖ్యానం

పేజీ నెంబరు:close

external-link copy
265 : 2

وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمُ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِ وَتَثۡبِيتٗا مِّنۡ أَنفُسِهِمۡ كَمَثَلِ جَنَّةِۭ بِرَبۡوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٞ فَـَٔاتَتۡ أُكُلَهَا ضِعۡفَيۡنِ فَإِن لَّمۡ يُصِبۡهَا وَابِلٞ فَطَلّٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ

ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلغان مۆئمىنلەرنىڭ مىسالى: ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، ئەگەر قاتتىق يامغۇر ياغماستىن يەڭگىل ياققان يامغۇردىمۇ مېۋە بېرىدىغان بىر باغقا ئوخشايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ چىن كۆڭۈلدىن سەرپ قىلىنغان نەپىقىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە گەرچە ئۇ ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئىخلاس قىلغۇچىلار بىلەن رىيا قىلغۇچىلارنىڭ ئىشلىرى مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ھەممىسىنى قىلمىشىغا .كۆرە مۇكاپاتلايدۇ info
التفاسير:

external-link copy
266 : 2

أَيَوَدُّ أَحَدُكُمۡ أَن تَكُونَ لَهُۥ جَنَّةٞ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَابٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ لَهُۥ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَأَصَابَهُ ٱلۡكِبَرُ وَلَهُۥ ذُرِّيَّةٞ ضُعَفَآءُ فَأَصَابَهَآ إِعۡصَارٞ فِيهِ نَارٞ فَٱحۡتَرَقَتۡۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَتَفَكَّرُونَ

ئاراڭلاردا كىممۇ، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ ئىش-ئەمگەكتىن قالغان، بالىلىرى ئىشقا يارىمايدىغان ئۇششاق بولۇپ، ئۇ كىشى ياشىنىپ، بۇ باغقا قاتتىق ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، بۇ باغ قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوتتا كۆيۈپ كېتىشىنى ياقتۇرامدۇ؟ پۇل-ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ سەرپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ياخشىلىققا بەك ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ھېچقانداق ساۋابسىز كەلتۈرىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى شۇنداق گۈزەل مىسال بىلەن بايان قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
267 : 2

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ وَلَا تَيَمَّمُواْ ٱلۡخَبِيثَ مِنۡهُ تُنفِقُونَ وَلَسۡتُم بِـَٔاخِذِيهِ إِلَّآ أَن تُغۡمِضُواْ فِيهِۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ

ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! سىلەر ھالال يول بىلەن قان-تەرىڭلارنى ئىقىتىپ تاپقان مالدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن ھالال ۋە پاكىزە نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ناچارلىرىنى سەدىقە قىلىشنى مەقسەت قىلماڭلار، ئەگەر سىلەرگە بېرىلسىمۇ ئۇ نەرسىنىڭ ناچارلىقىنى يامان كۆۈپ تۇرۇپ ئالىسىلەر، ئۆزۈڭلار رازى بولمايدىغان نەرسىنى قانداقمۇ ئاللاھ ئۈچۈن رازى بولۇپ سەرپ قىلىسىلەر؟، بىلىڭلاركى، ئاللاھ بۇنداق سەدىقەڭلاردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ ئۆز زاتىدا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە .چەكسىز ھەمدۇ-سانالارغا لايىقتۇر info
التفاسير:

external-link copy
268 : 2

ٱلشَّيۡطَٰنُ يَعِدُكُمُ ٱلۡفَقۡرَ وَيَأۡمُرُكُم بِٱلۡفَحۡشَآءِۖ وَٱللَّهُ يَعِدُكُم مَّغۡفِرَةٗ مِّنۡهُ وَفَضۡلٗاۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ

شەيتان سىلەرنى پۇل-مىلىڭلارنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىش ئارقىلىق پېقىر بولۇپ قىلىشىڭلاردىن قورقۇتۇپ بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە يامان ئىشلارغاچاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىش، كەڭرى رىزىق بېرىش ئۈچۈن كاتتا پەزلى-رەھمىتىنى ۋەدە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭرىدۇر، ئۇ بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
269 : 2

يُؤۡتِي ٱلۡحِكۡمَةَ مَن يَشَآءُۚ وَمَن يُؤۡتَ ٱلۡحِكۡمَةَ فَقَدۡ أُوتِيَ خَيۡرٗا كَثِيرٗاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ

ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ياخشى ئىشقا يىتەكلەيدىغان ۋە توغرا سۆز قىلىدىغان ھېكمەتنى ئاتا قىلىدۇ، بۇنداق ھېكمەت ئاتا قىلىنغان كىشى كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن توغرا يول تاپقان، ئىمان نۇرى قەلبىنى يورۇتقان، كامالىي ئەقىل ئىگىلىرىلا ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ. info
التفاسير:
ఈ పేజీలోని వచనాల ద్వారా లభించే ప్రయోజనాలు:
• المؤمنون بالله تعالى حقًّا واثقون من وعد الله وثوابه، فهم ينفقون أموالهم ويبذلون بلا خوف ولا حزن ولا التفات إلى وساوس الشيطان كالتخويف بالفقر والحاجة.
ئاللاھقا ھەقىقى ئىمان ئىيتقان، ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن ئىبارەت ۋەدىسىگە چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن مۆئمىنلەر، ئۇلار ھېچنىمىدىن قورۇقماستىن، قايغۇرماستىن، شەيتاننىڭ پىقىرلىق ۋە ھاجەتمەنلىكتىن ئىبارەت ۋەسۋەسىسىگە قارىماستىن ئاللاھ يولىدا پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىدۇ. info

• الإخلاص من أعظم ما يبارك الأعمال ويُنمِّيها.
ئەمەللەرگە بەرىكەت بېرىدىغان ۋە پەزىلىتىنى ئۈستۈن قىلىدىغان ئەڭ كاتتا نەرسە ئىخلاستۇر. info

• أعظم الناس خسارة من يرائي بعمله الناس؛ لأنه ليس له من ثواب على عمله إلا مدحهم وثناؤهم.
ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ چوڭ زېيان تارتقۇچىلار قىلغان ئەمەللىرىدە رىيا قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن پەقەت دۇنيادا ئېرىشكەن ئالقىش-سادالاردىن باشقا نەرسە قالمايدۇ. info