పవిత్ర ఖురాన్ యొక్క భావార్థాల అనువాదం - ఉయ్ఘుర్ అనువాదం - అల్ ఖుర్ఆన్ అల్ కరీమ్ సంక్షిప్త వ్యాఖ్యానం

పేజీ నెంబరు:close

external-link copy
225 : 2

لَّا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتۡ قُلُوبُكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ

ئاللاھ بىلەن قەسەم دېگەنگە ئوخشاش مەقسەتسىز تىلدىلا دىيىلگەن قەسەم ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، كافارەت بېرىشمۇ كەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق جازامۇ يوق. ئەمما مەقسەتلىك قىلىنغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ.ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
226 : 2

لِّلَّذِينَ يُؤۡلُونَ مِن نِّسَآئِهِمۡ تَرَبُّصُ أَرۡبَعَةِ أَشۡهُرٖۖ فَإِن فَآءُو فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر قەسەم ئىچكەن كۈندىن باشلاپ دەل تۆت ئاي كۈتۈپ تۇرىدۇ. مانا بۇ « ئىيلا » دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلغان تۆت ئاي مۇددەت ئىچىدە قايتىدىن ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ قالسا، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر. شۇڭلاشقا ئۇلارغا قەسەمدىن چىقىش ئۈچۈن كاففارەتنى يولغا قويدى. info
التفاسير:

external-link copy
227 : 2

وَإِنۡ عَزَمُواْ ٱلطَّلَٰقَ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ

ئەگەر ئۇلار ئاياللىرىغا ئىزچىل يېقىنچىلىق قىلماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن يېنىشىۋالماسلىق ئارقىلىق تالاق قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە نىيىتىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
228 : 2

وَٱلۡمُطَلَّقَٰتُ يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَٰثَةَ قُرُوٓءٖۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكۡتُمۡنَ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِيٓ أَرۡحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤۡمِنَّ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنۡ أَرَادُوٓاْ إِصۡلَٰحٗاۚ وَلَهُنَّ مِثۡلُ ٱلَّذِي عَلَيۡهِنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيۡهِنَّ دَرَجَةٞۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە توي قىلماي كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېيتقان ئىمانىدا راستچىل بولسا ئۇلارنىڭ بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان ھامىلىنى يوشۇرىشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە تالاق قىلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن نىزالارنى تۈگىتىپ، يارىشىپ قېلىشىنى نىيەت قىلسا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە باشقىلارغا قارىغاندا ھەقلىقتۇر. ئۆرپ-ئادەتكە قارىتا ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى بولغىنىدەك ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدە ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى بولىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرۇش، تالاق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھدىن ئۈستۈن كېلەلمەيدۇ. ئۇ يولغا قويغان ھۆكۈملىرى ۋە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
229 : 2

ٱلطَّلَٰقُ مَرَّتَانِۖ فَإِمۡسَاكُۢ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ تَسۡرِيحُۢ بِإِحۡسَٰنٖۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَأۡخُذُواْ مِمَّآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ شَيۡـًٔا إِلَّآ أَن يَخَافَآ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۖ فَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَا فِيمَا ٱفۡتَدَتۡ بِهِۦۗ تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَعۡتَدُوهَاۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ

ئەر قايتا يارىشالايدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. يەنى ئايالىنى تالاق قىلىدۇ ئاندىن كېيىن يېنىۋالىدۇ ئاندىن كىيىن يەنە تالاق قىلىدۇ ئاندىن كېيىن يەنە يېنىۋالىدۇ. ئىككى قېتىم تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايالىنى چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇپ قالىدۇ ياكى ئايالىنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا چىرايلىقچە ئۈچىنجى قېتىم تالاق قىلىدۇ. ئى ئەرلەر! ئايال ئېرىنى ئۇنىڭ ئەخلاقى ياكى چىرايى سەۋەبلىك ياقتۇرمىغان بولسا، بۇ سەۋەبتىن ئەر-ئايال ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ھەقلەرگە رىئايە قىلالماسلىقىغا جەزم قىلغان بولسا، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارغا بەرگەن مېھرى ھەققىدىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۋېلىشىڭلار دۇرۇس ئەمەس.( ئەر-ئايال بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە) ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ياكى باشقا يېقىنلىرىغا يەتكۈزۈشى كېرەك. ئەگەر ۋەلىلەر ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق ھەق-ھۇقۇقلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلسا، ئايالنىڭ ئېرىگە تالىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەر-ئايالغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان شەرئى ئەھكاملاردۇر. سىلەر بۇ ھۆكۈملەرگە خىلاپلىق قىلماڭلار. كىمكى ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدىكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەنە شۇلار نەپسىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىپ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا تەڭلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر info
التفاسير:

external-link copy
230 : 2

فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُۥ مِنۢ بَعۡدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوۡجًا غَيۡرَهُۥۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَآ أَن يَتَرَاجَعَآ إِن ظَنَّآ أَن يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۗ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ

ئەر خوتۇنىنى ئۈچىنجى قېتىم تالاق قىلسا، خوتۇن باشقا ئەرگە بىرىنجى ئېرىگە ھالال بولۇشنى مەقسەت قىلماستىن، شەرتلىرىنى تولۇقلىغان شەكىلدە نىكاھلىنىپ، نىكاھدىن كېيىن ئىككىنجى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن جىنسى ئالاقە قىلمىغۇچە بىرىنجى ئەرنىڭ ئۇنىڭغا قايتىدىن نىكاھلىنىشى ھالال بولمايدۇ. ئىككىنجى ئەر ئۇنى تالاق قىلغان بولسا ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئۇ بىرىنجى ئېرى بىلەن شەرئى ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالىغان ھالدا يېڭى مېھرى ۋە يېڭى نىكاھ بىلەن(ئىددەت توشقاندىن كىيىن) يېنىشىۋالغان بولسا ئۇلارغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ بۇلارنى ھۆكۈملىرىنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. info
التفاسير:
ఈ పేజీలోని వచనాల ద్వారా లభించే ప్రయోజనాలు:
• بيَّن الله تعالى أحكام النكاح والطلاق بيانًا شاملًا حتى يعرف الناس حدود الحلال والحرام فلا يتجاوزونها.
ئاللاھ كىشىلەرنىڭ ھالال ۋە ھارام توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن نىكاھ ۋە تالاقنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇلۇق بايان قىلدى. info

• عظَّم الله شأن النكاح وحرم التلاعب فيه بالألفاظ فجعلها ملزمة، وألغى التلاعب بكثرة الطلاق والرجعة فجعل لها حدًّا بطلقتين رجعيتين ثم تحرم عليه إلا أن تنكح زوجا غيره ثم يطلقها، أو يموت عنها.
ئاللاھ نىكاھنىڭ شەئنىنى ئۈستۈن قىلىپ، نىكاھ لەۋزىلىرىنى ئوينىشىپ ئىشلىتىشنى ھارام قىلدى،تالاق قىلىش ۋە تالاقتىن يېنىۋېلىشنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ( ئاياللارنى ) ئۇيۇنچاق قىلىۋىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېنىۋېلىشقا بولىدىغان تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئۈچىنجى قېتىم ئايال كىشى باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ ئاندىن ئۇ ئەر ئۇنى تالاق قىلمىغۇچە ئۇ ئايال بىرىنجى ئىرىگە ھارام بولىدۇ. info

• المعاشرة الزوجية تكون بالمعروف، فإن تعذر ذلك فلا بأس من الطلاق، ولا حرج على أحد الزوجين أن يطلبه.
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش چىرايلىقچە بولىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئايرىلىپ كەتسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايالنىڭ بىرەرسىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ گۇناھ ئەمەستۇر. info