ශුද්ධවූ අල් කුර්ආන් අර්ථ කථනය - උයිගර් පරිවර්තනය - මුහම්මද් සාලිහ්

لەيل

external-link copy
1 : 92

وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰ

قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى[1]، info
التفاسير:

external-link copy
2 : 92

وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ

يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى[2]، info
التفاسير:

external-link copy
3 : 92

وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ

ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى[3]، info
التفاسير:

external-link copy
4 : 92

إِنَّ سَعۡيَكُمۡ لَشَتَّىٰ

سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 92

فَأَمَّا مَنۡ أَعۡطَىٰ وَٱتَّقَىٰ

(پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك[5ـ6]، info
التفاسير:

external-link copy
6 : 92

وَصَدَّقَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

(پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك[5ـ6]، info
التفاسير:

external-link copy
7 : 92

فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡيُسۡرَىٰ

ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 92

وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسۡتَغۡنَىٰ

بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك[8ـ9]، info
التفاسير:

external-link copy
9 : 92

وَكَذَّبَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ

بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك[8ـ9]، info
التفاسير:

external-link copy
10 : 92

فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡعُسۡرَىٰ

بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز[10]. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 92

وَمَا يُغۡنِي عَنۡهُ مَالُهُۥٓ إِذَا تَرَدَّىٰٓ

ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ[11]. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 92

إِنَّ عَلَيۡنَا لَلۡهُدَىٰ

توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك ـ شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز[12]. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 92

وَإِنَّ لَنَا لَلۡأٓخِرَةَ وَٱلۡأُولَىٰ

دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر[13]. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 92

فَأَنذَرۡتُكُمۡ نَارٗا تَلَظَّىٰ

سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم[14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 92

لَا يَصۡلَىٰهَآ إِلَّا ٱلۡأَشۡقَى

ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ[15ـ16]. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 92

ٱلَّذِي كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ

ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ[15ـ16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 92

وَسَيُجَنَّبُهَا ٱلۡأَتۡقَى

پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ[17ـ18]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 92

ٱلَّذِي يُؤۡتِي مَالَهُۥ يَتَزَكَّىٰ

پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ[17ـ18]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 92

وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُۥ مِن نِّعۡمَةٖ تُجۡزَىٰٓ

ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر[19ـ20]. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 92

إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ رَبِّهِ ٱلۡأَعۡلَىٰ

ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر[19ـ20]. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 92

وَلَسَوۡفَ يَرۡضَىٰ

ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ[21]. info
التفاسير: