ශුද්ධවූ අල් කුර්ආන් අර්ථ කථනය - ශුද්ධ වූ අල්කුර්ආන් අර්ථ විවරණයේ සංෂිප්ත අනුවාදය - ඔයිගර් පරිවර්තනය

පිටු අංක:close

external-link copy
150 : 7

وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰٓ إِلَىٰ قَوۡمِهِۦ غَضۡبَٰنَ أَسِفٗا قَالَ بِئۡسَمَا خَلَفۡتُمُونِي مِنۢ بَعۡدِيٓۖ أَعَجِلۡتُمۡ أَمۡرَ رَبِّكُمۡۖ وَأَلۡقَى ٱلۡأَلۡوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأۡسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُۥٓ إِلَيۡهِۚ قَالَ ٱبۡنَ أُمَّ إِنَّ ٱلۡقَوۡمَ ٱسۡتَضۡعَفُونِي وَكَادُواْ يَقۡتُلُونَنِي فَلَا تُشۡمِتۡ بِيَ ٱلۡأَعۡدَآءَ وَلَا تَجۡعَلۡنِي مَعَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ

مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىپ قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتقاندا، ئۇلارنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەنگەن ۋە غەمگە چۆككەن ھالدا قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! مەن كەتكەندىن كېيىن سىلەر نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار-ھە! چۈنكى ئۇ قىلمىشىڭلار ھالاكەت ۋە بەخىتسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ، سىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرۇشتىن زېرىكىپ موزايغا ئىبادەت قىلدىڭلارمۇ؟! دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتتىق قايغۇرغان ۋە غەزەپلەنگەنلىكتىن تاختايلارنى ئاتتى. قېرىندىشى ھارۇننىڭ ئۇلارنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنى چەكلىمىگەنلىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ چېچى ۋە ساقىلىدىن تۇتۇپ ئۆزى تەرەپكە تارتتى. ھارۇن مۇساغا ئۇنىڭ كۆيۈنۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزرە ئېيتقان ھالدا مۇنداق دېدى: ئى قېرىندىشىم قەۋم ھەقىقەتەن مېنى ئاجىز دەپ ئويلاپ بوزەك قىلدى، ئۇلار مېنى ئۆلتۈرۋەتكىلى تاس قالدى، مېنى دۈشمەنلىرىمنى خۇشال قىلىدىغان جازا بىلەن جازالىمىغىن. ماڭا غەزەپلەنگەنلىكىڭ سەۋەبلىك مېنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى قەۋىمنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
151 : 7

قَالَ رَبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَلِأَخِي وَأَدۡخِلۡنَا فِي رَحۡمَتِكَۖ وَأَنتَ أَرۡحَمُ ٱلرَّٰحِمِينَ

مۇسا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە قېرىندىشىم ھارۇنغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، رەھمىتىڭ بىزنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدىغان قىلغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزگە ھەرقانداق رەھىم قىلغۇچىدىنمۇ رەھىم قىلغۇچىدۇرسەن. info
التفاسير:

external-link copy
152 : 7

إِنَّ ٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ ٱلۡعِجۡلَ سَيَنَالُهُمۡ غَضَبٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَذِلَّةٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَكَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُفۡتَرِينَ

شۈبھىسىزكى، موزاينى ئىبادەت قىلىدىغان ئىلاھ قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنى غەزەپلەندۈرگەنلىكى ۋە مەنسىتمىگەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ ئېغىر غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغۇچىلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
153 : 7

وَٱلَّذِينَ عَمِلُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ ثُمَّ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِهَا وَءَامَنُوٓاْ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعۡدِهَا لَغَفُورٞ رَّحِيمٞ

شېرىك ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئىبارەت يامان ئەمەللەرنى قىلىپ قويۇپ، ئىمان ئېيتىپ ۋە گۇناھ -مەئسىيەتلەردىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەۋبە قىلغانلارنى، يەنى بۇ تەۋبىدىن كىيىن شېرىكتىن ئىمانغا، گۇناھ-مەئسىيەتتىن تائەت -ئىبادەتكە قايتقانلارنى پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ۋە كەچۈرۈش قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
154 : 7

وَلَمَّا سَكَتَ عَن مُّوسَى ٱلۡغَضَبُ أَخَذَ ٱلۡأَلۡوَاحَۖ وَفِي نُسۡخَتِهَا هُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلَّذِينَ هُمۡ لِرَبِّهِمۡ يَرۡهَبُونَ

مۇسا ئەلەيھىسسالام غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن ئاچچىقلىغانلىقى ئۈچۈن تاشلىۋەتكەن تاختايلارنى ئالدى، بۇ تاختايلار ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەت تېپىش ۋە ھەقىقەتنى بايان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ جازاسىدىن ئەندىشىلەنگەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورۇققان كىشىلەر ئۈچۈن رەھمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
155 : 7

وَٱخۡتَارَ مُوسَىٰ قَوۡمَهُۥ سَبۡعِينَ رَجُلٗا لِّمِيقَٰتِنَاۖ فَلَمَّآ أَخَذَتۡهُمُ ٱلرَّجۡفَةُ قَالَ رَبِّ لَوۡ شِئۡتَ أَهۡلَكۡتَهُم مِّن قَبۡلُ وَإِيَّٰيَۖ أَتُهۡلِكُنَا بِمَا فَعَلَ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَّآۖ إِنۡ هِيَ إِلَّا فِتۡنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَن تَشَآءُ وَتَهۡدِي مَن تَشَآءُۖ أَنتَ وَلِيُّنَا فَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَاۖ وَأَنتَ خَيۡرُ ٱلۡغَٰفِرِينَ

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىچىدىكى بەزى جاھىل كىشىلەر موزايغا ئىبادەت قىلىپ قويغانلىقتىن پەرۋەردىگارىغا ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن قەۋمىنىڭ ئىچىدىن ياخشى دەپ قاراكغان يەتمىش ئادەمنى تاللىدى. ئاللاھ ئۇلارغا كېلىدىغان ئورۇننى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىدىن تەلەپ قىلىنمايدىغان ئىشنى سوراپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاللاھنى كۆرسۈتىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا زەلزەلە(يەنى يەر تەۋرەش) يۈزلەندى، ئۇلار ئۇنىڭ قورقۇنچىسىدىن ھۇشىدىن كەتتى ۋە ھالاك بولدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئەگەر سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلار كېلىشتىن ئىلگىرى مېنى ھالاك قىلىشنى خالىغان بولساڭ ھالاك قىلاتتىڭ، ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى بىزنى ھالاك قىلامسەن،؟ قەۋمىمنىڭ موزايغا ئىبادەت قىلىشى پەقەت سىناق بولۇپ ئۇ ئارقىلىق سەن خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىسەن ۋە خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئىگە بولغۇچىسەن، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، كەڭرى رەھمىتىڭ ئارقىلىق بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن گۇناھنى ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن ۋە ئەڭ ياخشى كەچۈرگۈچىسەن، دېدى. info
التفاسير:
මෙ⁣ම පිටුවේ තිබෙන වැකිවල ප්‍රයෝජන:
• في الآيات دليل على أن الخطأ في الاجتهاد مع وضوح الأدلة لا يعذر فيه صاحبه عند إجراء الأحكام عليه، وهو ما يسميه الفقهاء بالتأويل البعيد.
ئايەتتە شۇنىڭغا دەلىل باركى، دەلىللەر ئۇچۇق تۇرۇپ ئىجتىھادتا خاتالىشىپ قالغان ئادەمنىڭ ئەھكاملارنى ئىجرا قىلغاندا ئۆزرىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ، بۇنى ئۆلىمالار « تەئۋىلىل بەئىد » يەنى يىراق تەۋىل دەپ ئاتايدۇ. info

• من آداب الدعاء البدء بالنفس، حيث بدأ موسى عليه السلام دعاءه فطلب المغفرة لنفسه تأدُّبًا مع الله فيما ظهر عليه من الغضب، ثم طلب المغفرة لأخيه فيما عسى أن يكون قد ظهر منه من تفريط أو تساهل في رَدْع عَبَدة العجل عن ذلك.
ئۆزىگە دۇئا قىلىشتىن باشلاش دۇئانىڭ ئەدەپلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە ئۆزىگە دۇئا قىلىپ، ئاللاھقا بولغان ئەدەب نۇقتىسىدىن ئۆزى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن غەزەپ ھەققىدە مەغپىرەت تىلىدى. ئاندىن قېرىندىشىدىن مەيدانغا كېلىشى مۈمكىنچىلىكى بولغان موزايغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى چەكلەشكە سەل قاراش ھەققىدە ھارۇنغا مەغپىرەت تىلىدى. info

• التحذير من الغضب وسلطته على عقل الشخص؛ ولذلك نسب الله للغضب فعل السكوت كأنه هو الآمر والناهي.
ئاچچىقلىنىش ئىنسان ئەقلىگە ھۆكۈمران بولىدىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ. سۇكۇت قىلىش خۇددى غەزەپلىنىشتىن توسقۇچى ياكى سۇكۇتقا بۇيرۇغىچىغا ئوخشاشتۇر. info

• ضرورة التوقي من غضب الله، وخوف بطشه، فانظر إلى مقام موسى عليه السلام عند ربه، وانظر خشيته من غضب ربه.
ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ۋە جازاسىدىن قورقۇشنىڭ زۈرۈرلىكى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى ئورنىىغا قاراڭ، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىدىن قورققىنىغا قاراڭ. info