ශුද්ධවූ අල් කුර්ආන් අර්ථ කථනය - ශුද්ධ වූ අල්කුර්ආන් අර්ථ විවරණයේ සංෂිප්ත අනුවාදය - ඔයිගර් පරිවර්තනය

تۇر

සූරාවෙහි අරමුණු:
الحجج والبراهين لرد شبهات المكذبين للنبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىرىگە رەت قايتۇرۇش ئۈچۈن دەلىل، ھۆججەتلەرنى بايان قىلىش. info

external-link copy
1 : 52

وَٱلطُّورِ

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلغان تاغ بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 52

وَكِتَٰبٖ مَّسۡطُورٖ

ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 52

فِي رَقّٖ مَّنشُورٖ

ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئوخشاش ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 52

وَٱلۡبَيۡتِ ٱلۡمَعۡمُورِ

پەرىشتىلەر ئاسماندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇۋاتقان ئۆي بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 52

وَٱلسَّقۡفِ ٱلۡمَرۡفُوعِ

زېمىننىڭ ئۆگزىسىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئاسمان بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 52

وَٱلۡبَحۡرِ ٱلۡمَسۡجُورِ

سۈيى لىق بولغان دېڭىز بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 52

إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ لَوَٰقِعٞ

ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا چوقۇم كېلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 52

مَّا لَهُۥ مِن دَافِعٖ

ئۇلاردىن ئۇ ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان ۋە ئۇلارغا كېلىشىنى چەكلەپ قالالايدىغان ھېچكىم يوق. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 52

يَوۡمَ تَمُورُ ٱلسَّمَآءُ مَوۡرٗا

ئۇ كۈندە ئاسمان قىيامەتنىڭ بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قاتتىق تەۋرەپ، تىترەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 52

وَتَسِيرُ ٱلۡجِبَالُ سَيۡرٗا

تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 52

فَوَيۡلٞ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُكَذِّبِينَ

ئۇ كۈندە ئاللاھ كاپىرلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! info
التفاسير:

external-link copy
12 : 52

ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي خَوۡضٖ يَلۡعَبُونَ

ئۇلار يالغان - ياۋىداققا پاتقانلار بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىپ، توپلىنىدىغانلىقىغا پەرۋا قىلماي ئويۇن - تاماشا قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 52

يَوۡمَ يُدَعُّونَ إِلَىٰ نَارِ جَهَنَّمَ دَعًّا

ئۇلار ئۇ كۈندە جەھەننەمنىڭ ئوتىغا قوپاللىق بىلەن قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 52

هَٰذِهِ ٱلنَّارُ ٱلَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ

ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: پەيغەمبەرلىرىڭلار سىلەرنى قورقۇتقان چاغدا سىلەر ئىنكار قىلغان دوزاخ مانا مۇشۇ، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:
මෙ⁣ම පිටුවේ තිබෙන වැකිවල ප්‍රයෝජන:
• الكفر ملة واحدة وإن اختلفت وسائله وتنوع أهله ومكانه وزمانه.
كۇپۇرلۇقنىڭ ۋاسىتىلىرى خىلمۇ-خىل، كاپىرلارمۇ ھەر خىل، ئورنى ھەم ۋاقتى ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ بەرىبىر كۇپرىنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتتۇر. info

• شهادة الله لرسوله صلى الله عليه وسلم بتبليغ الرسالة.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر. info

• الحكمة من خلق الجن والإنس تحقيق عبادة الله بكل مظاهرها.
جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ھەممە كۆرۈنۈشلىرىنى رېئاللىققا چىقىرىشتۇر. info

• سوف تتغير أحوال الكون يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى كائىناتنىڭ ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. info