ශුද්ධවූ අල් කුර්ආන් අර්ථ කථනය - ශුද්ධ වූ අල්කුර්ආන් අර්ථ විවරණයේ සංෂිප්ත අනුවාදය - ඔයිගර් පරිවර්තනය

رەئد

සූරාවෙහි අරමුණු:
الرد على منكري الوحي والنبوة ببيان مظاهر عظمة الله.
ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلغۇچىغا رەددىيە بېرىش، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنىڭ نامايەندىسىنىڭ ئىپادىسىدۇر. info

external-link copy
1 : 13

الٓمٓرۚ تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱلۡكِتَٰبِۗ وَٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ ٱلۡحَقُّ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يُؤۡمِنُونَ

ئەلىف، لام، مىيم، رائ. بۇ خىلدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۆتتى. ئەي پەيغەمبەر! بۇ سۈرىدىكى مۇشۇنداق يۈكسەك مۆجىزىلەر ۋە ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان شەكسىز ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە شەك يوق. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇقىدىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 13

ٱللَّهُ ٱلَّذِي رَفَعَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ بِغَيۡرِ عَمَدٖ تَرَوۡنَهَاۖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَ يُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُم بِلِقَآءِ رَبِّكُمۡ تُوقِنُونَ

ئاللاھ تائالا سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئاسمانلارنى ئىنتايىن يۈكسەك ھالەتتە، تۈۋرۈكسىز ياراتتى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدىكى، ئاللاھنىڭ قارار ئېلىشىنىڭ نە سۈپىتىنى بىلگىلى بولسۇن، نە ئۇنى بىر نەرسىگە ئوخشاتقىلى بولسۇن. قۇياشنى ۋە ئاينى مەخلۇقاتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. قۇياش ۋە ئاينىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئىشلارنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشىنىپ، ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 13

وَهُوَ ٱلَّذِي مَدَّ ٱلۡأَرۡضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَٰسِيَ وَأَنۡهَٰرٗاۖ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ جَعَلَ فِيهَا زَوۡجَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِۖ يُغۡشِي ٱلَّيۡلَ ٱلنَّهَارَۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

ئاللاھ تائالا زېمىننى يايدى ۋە كىشىلەرنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى ياراتتى. خۇددى ھايۋانلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتقاندەك، ھەر تۈرلۈك مىۋېلەرنىمۇ جۈپ-جۈپ ياراتتى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىيگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈز يورۇق بولغاندىن كېيىن قاراڭغۇ بولىدۇ. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلاردا ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل - پاكىتلار بار بولۇپ، بۇ دەلىل - پاكىتلاردىن ئاشۇ كىشىلەر مەنپەئەت ئالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 13

وَفِي ٱلۡأَرۡضِ قِطَعٞ مُّتَجَٰوِرَٰتٞ وَجَنَّٰتٞ مِّنۡ أَعۡنَٰبٖ وَزَرۡعٞ وَنَخِيلٞ صِنۡوَانٞ وَغَيۡرُ صِنۡوَانٖ يُسۡقَىٰ بِمَآءٖ وَٰحِدٖ وَنُفَضِّلُ بَعۡضَهَا عَلَىٰ بَعۡضٖ فِي ٱلۡأُكُلِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

زېمىندا بىر-بىرىگە يېقىن قىتئەلەر بار بولۇپ، ئۇلاردا ئۈزۈملۈك باغلار، ئېكىنلەر، بىر تۈپ ئۈستىدە كۆپ شاخلىرى بولغان ۋە بىر تۈپتە بىردىن شېخى بولغان خورمىلار بار. بۇ باغلار ۋە زىرائەتلەر ئوخشاش سۇدا سۇغۇرۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا يانداش تىكىلگەن ھەمدە بىر خىل سۇدا سۇغۇرۇلغان تۇرۇپمۇ بىز ئۇلارنى تەمدە ۋە باشقا پايدىلىق تەرەپلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىق قىلىمىز. شەكسىزكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردا ئەقىل ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەلىل - پاكىتلار بار. چۈنكى بۇلار مۇشۇلاردىن ئىبرەت ئالىدىغان كىشىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 13

۞ وَإِن تَعۡجَبۡ فَعَجَبٞ قَوۡلُهُمۡ أَءِذَا كُنَّا تُرَٰبًا أَءِنَّا لَفِي خَلۡقٖ جَدِيدٍۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِرَبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ ٱلۡأَغۡلَٰلُ فِيٓ أَعۡنَاقِهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر بىرەر نەرسىدىن ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن ھەمدە «بىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ، سۆڭەكلىرىمىز چىرىپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىلىرىمىزدىن چىقىرىلىپ، تىرىك ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟ دېگەننى ئۆزلىرىنىڭ ئىنكارىغا باھانە قىلغانلىرىدىن ئەجەبلەنسەڭ بولىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشتى. قىيامەت كۈنى ئەنە شۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئوتتىن زەنجىرلەر سېلىنىدۇ، ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ مەھكۇملىرى بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار يوق بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. info
التفاسير:
මෙ⁣ම පිටුවේ තිබෙන වැකිවල ප්‍රයෝජන:
• إثبات قدرة الله سبحانه وتعالى والتعجب من خلقه للسماوات على غير أعمدة تحملها، وهذا مع عظيم خلقتها واتساعها.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ئىسپاتلاشنى ھەمدە شۇنچىۋالا كاتتا ۋە كەڭرى ھالەتتىكى ئاسمانلارنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكسىز ياراتقانلىقىدىن ھەيرانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. info

• إثبات قدرة الله وكمال ربوبيته ببرهان الخلق، إذ ينبت النبات الضخم، ويخرجه من البذرة الصغيرة، ثم يسقيه من ماء واحد، ومع هذا تختلف أحجام وألوان ثمراته وطعمها.
ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ھەمدە ئۇنىڭ رەبۇبىيەتتە مۇكەممەللىكىنى يارىتىش پاكىتلىرى بىلەن ئىسپاتلايدۇكى، ئۇ كىچىككىنە ئۇرۇقچىدىن ئىنتايىن چوڭ ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ، ئاندىن ھەممىنى بىر خىل سۇدا سۇغۇرىدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، رەڭلىرىنى ۋە تەمىنى خىلمۇ-خىل قىلىدۇ. info

• أن إخراج الله تعالى للأشجار الضخمة من البذور الصغيرة، بعد أن كانت معدومة، فيه رد على المشركين في إنكارهم للبعث؛ فإن إعادة جمع أجزاء الرفات المتفرقة والمتحللة في الأرض، وبعثها من جديد، بعد أن كانت موجودة، هو بمنزلة أسهل من إخراج المعدوم من البذرة.
ئاللاھ تائالانىڭ كىچىك ئۇرۇقچىلاردىن دەسلەپتە يوق بولغان چوڭ-چوڭ دەرەخلەرنى چىقارغانلىقىدا مۇشرىكلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىغا رەددىيە بار. چۈنكى چىرىپ پارچىلىنىپ، زېمىنغا چېچىلىپ كەتكەن پارچىلارنى قايتىدىن بىر يەرگە توپلاش ۋە بار بولغاندىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈش يوق نەرسىنى ئۇرۇقچىدىن چىقارغاندىن كۆپ ئاساندۇر. info