Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - Tradução uigur - Muhammad Saleh

Número de página:close

external-link copy
11 : 21

وَكَمۡ قَصَمۡنَا مِن قَرۡيَةٖ كَانَتۡ ظَالِمَةٗ وَأَنشَأۡنَا بَعۡدَهَا قَوۡمًا ءَاخَرِينَ

بىز (ئاھالىسى) كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن (ئورنىغا) باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق[11]. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 21

فَلَمَّآ أَحَسُّواْ بَأۡسَنَآ إِذَا هُم مِّنۡهَا يَرۡكُضُونَ

ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ (كەلگەنلىكىنى) ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ[12]. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 21

لَا تَرۡكُضُواْ وَٱرۡجِعُوٓاْ إِلَىٰ مَآ أُتۡرِفۡتُمۡ فِيهِ وَمَسَٰكِنِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡـَٔلُونَ

(پەرىشتىلەر ئۇلارغا مەسخىرە قىلىپ ئېيتتى) « قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن (مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت) سورىلىشى مۇمكىن»[13]. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 21

قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ

ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى[14]. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 21

فَمَا زَالَت تِّلۡكَ دَعۡوَىٰهُمۡ حَتَّىٰ جَعَلۡنَٰهُمۡ حَصِيدًا خَٰمِدِينَ

ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى[15]. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 21

وَمَا خَلَقۡنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا لَٰعِبِينَ

بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق)[16]. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 21

لَوۡ أَرَدۡنَآ أَن نَّتَّخِذَ لَهۡوٗا لَّٱتَّخَذۡنَٰهُ مِن لَّدُنَّآ إِن كُنَّا فَٰعِلِينَ

ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، ئەگەر (شۇنى) ئىرادە قىلغان بولساق (لېكىن بۇ ئۇلۇغ زاتىمىزغا مۇھال بولغانلىقتىن بۇنداق قىلىشنى ئىرادە قىلمىدۇق)[17]. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 21

بَلۡ نَقۡذِفُ بِٱلۡحَقِّ عَلَى ٱلۡبَٰطِلِ فَيَدۡمَغُهُۥ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٞۚ وَلَكُمُ ٱلۡوَيۡلُ مِمَّا تَصِفُونَ

بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ، (ئى كۇففارلار جامائەسى! ئاللاھ (ئاسمان – زېمىننى بىكارغا ياراتقان دېگەندەك) سۆزۈڭلار سەۋەبلىك سىلەرگە ۋاي![18]. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 21

وَلَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَمَنۡ عِندَهُۥ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ عَنۡ عِبَادَتِهِۦ وَلَا يَسۡتَحۡسِرُونَ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ[19]. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 21

يُسَبِّحُونَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ لَا يَفۡتُرُونَ

ئۇلار كېچە ـ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ[20]. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 21

أَمِ ٱتَّخَذُوٓاْ ءَالِهَةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ هُمۡ يُنشِرُونَ

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار (يەنى بۇ نەرسىلەر) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟[21] info
التفاسير:

external-link copy
22 : 21

لَوۡ كَانَ فِيهِمَآ ءَالِهَةٌ إِلَّا ٱللَّهُ لَفَسَدَتَاۚ فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ رَبِّ ٱلۡعَرۡشِ عَمَّا يَصِفُونَ

ئەگەر ئاسمان ـ زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[22]. info
التفاسير:

external-link copy
23 : 21

لَا يُسۡـَٔلُ عَمَّا يَفۡعَلُ وَهُمۡ يُسۡـَٔلُونَ

ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ[23]. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 21

أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗۖ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡۖ هَٰذَا ذِكۡرُ مَن مَّعِيَ وَذِكۡرُ مَن قَبۡلِيۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ ٱلۡحَقَّۖ فَهُم مُّعۡرِضُونَ

ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «(بۇنىڭغا) دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى (يەنى قۇرئان) دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق) كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، ئۇلار (تەۋھىد) تىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر»[24]. info
التفاسير: