Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - Tradução Uigur do (livro) o breve na interpretação do Nobre Al-Qur'án

مۇتەپپىپىن

Dos propósitos do capítulo:
تحذير المكذبين الظالمين من يوم القيامة وبشارة المؤمنين به.
قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغۇچى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئمىنلەرگە خوش بىشارەت بېرىش. info

external-link copy
1 : 83

وَيۡلٞ لِّلۡمُطَفِّفِينَ

ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەر ھالاك بولسۇن ۋە زىيان تارتسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
2 : 83

ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكۡتَالُواْ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسۡتَوۡفُونَ

ئۇلار باشقىلاردىن ئۆلچەپ ئالغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق، قىلچە كەم قىلماي ئالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 83

وَإِذَا كَالُوهُمۡ أَو وَّزَنُوهُمۡ يُخۡسِرُونَ

باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپ ھىجرەت قىلىپ كەلگەن چاغدا مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 83

أَلَا يَظُنُّ أُوْلَٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبۡعُوثُونَ

مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تەرەپكە تىرىلىپ بارىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟ info
التفاسير:
Das notas do versículo nesta página:
• التحذير من الغرور المانع من اتباع الحق.
تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقكە ئەگىشىشتىن چەكلەپ قويۇدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. info

• الجشع من الأخلاق الذميمة في التجار ولا يسلم منه إلا من يخاف الله.
سودا - سېتىقتىكى ئاچكۆزلۈكتىن ئىبارەت ناچار خۇيلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق خۇيلاردىن پەقەت ئاللاھتىن قورققان كىشىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ. info

• تذكر هول القيامة من أعظم الروادع عن المعصية.
قىيامەت كۈنىنىڭ قورقۇنچىسىنى ئەسلەش گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن توسىدىغان ئەڭ چوڭ ۋاسىتىدۇر. info