Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - Tradução Uigur do (livro) o breve na interpretação do Nobre Al-Qur'án

Número de página:close

external-link copy
111 : 6

۞ وَلَوۡ أَنَّنَا نَزَّلۡنَآ إِلَيۡهِمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَحَشَرۡنَا عَلَيۡهِمۡ كُلَّ شَيۡءٖ قُبُلٗا مَّا كَانُواْ لِيُؤۡمِنُوٓاْ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَجۡهَلُونَ

ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغىنىنى مەيدانغا كەلتۈرسەك، يەنى ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈپ بەرسەك، ئۇلار پەرىشتىلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، ئۆلۈكلەر ئۇلارغا گەپ قىلىپ، سەن ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ھەمدە بىز ئۇلار تەلەپ قىلغان ھەر نەرسىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ئاللاھ ھىدايەت قىلىشنى خالىغانلاردىن باشقىسى سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمىگەچكە، ئۆزلىرىنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يېلىنىپ-يالۋۇرمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 6

وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا شَيَٰطِينَ ٱلۡإِنسِ وَٱلۡجِنِّ يُوحِي بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ زُخۡرُفَ ٱلۡقَوۡلِ غُرُورٗاۚ وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُۖ فَذَرۡهُمۡ وَمَا يَفۡتَرُونَ

ساڭا مۇشۇ مۇشرىكلارنى دۈشمەن قىلىش ئارقىلىق سىنىغىنىمىزدەك، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىمۇ سىنىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئاسىيلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغان ئىدۇق. ئۇلار ئۆزئارا ۋەسۋەسە قىلىشىپ، بىر-بىرىنى ئالداش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداقلارنى پەردازلاپ كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى خالىسا ئىدى، ئۇلار قىلالمايتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن شۇنداق بولۇشىنى خالىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان كۇپرى ۋە يالغانلىرى بىلەن تاشلاپ قويغىن، ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 6

وَلِتَصۡغَىٰٓ إِلَيۡهِ أَفۡـِٔدَةُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ وَلِيَرۡضَوۡهُ وَلِيَقۡتَرِفُواْ مَا هُم مُّقۡتَرِفُونَ

ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى شەيتانلار ۋەسۋەسە قىلغان نەرسىگە مايىل بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىپ شۇنىڭغا مەمنۇن بولۇشلىرى ئۈچۈن ھەمدە شەيتانلار قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى ئۇلارنىڭمۇ قىلىشى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
114 : 6

أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡتَغِي حَكَمٗا وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡكِتَٰبَ مُفَصَّلٗاۚ وَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡلَمُونَ أَنَّهُۥ مُنَزَّلٞ مِّن رَّبِّكَ بِٱلۡحَقِّۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ چوقۇنغان بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مېنىڭ سىلەر بىلەن ئارىمىزدا ئاللاھتىن باشقا بىر ھۆكۈم قىلغۇچىنى قوبۇل قىلىشىم ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەر نەرسىنى تولۇق بايان قىلغۇچى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى. يەھۇدىيلارغا تەۋراتنى، ناسارالارغا ئىنجىلنى بەردۇق. ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ شەكسىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى تاپالايدۇ. شۇڭا بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىدە ئىككىلەنمىگىن. info
التفاسير:

external-link copy
115 : 6

وَتَمَّتۡ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدۡقٗا وَعَدۡلٗاۚ لَّا مُبَدِّلَ لِكَلِمَٰتِهِۦۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

قۇرئان كەرىم سۆزلىرى ۋە خەۋەرلىرىدە ناھايىتى راستتۇر، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتكۈچى يوق. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان ئادەمنى چوقۇم جازاغا تارتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
116 : 6

وَإِن تُطِعۡ أَكۡثَرَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَخۡرُصُونَ

ئەي پەيغەمبەر! مۇبادا يەر يۈزىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ئازدۇرۋېتىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى ئەزەلدىن شۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەنكى، ھەقىقەت ئاز سانلىق تەرەپتە بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ تولىسى پەقەت ئاساسسىز گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. چۈنكى ئۇلار مەبۇدلىرىنى ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇ قاراشتا يالغانچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
117 : 6

إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ مَن يَضِلُّ عَن سَبِيلِهِۦۖ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۆز يولىدىن ئازغان كىشىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولدا بولغان ئىنسانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھقا بۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
118 : 6

فَكُلُواْ مِمَّا ذُكِرَ ٱسۡمُ ٱللَّهِ عَلَيۡهِ إِن كُنتُم بِـَٔايَٰتِهِۦ مُؤۡمِنِينَ

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھنىڭ روشەن دەلىللىرىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتقۇچى بولساڭلار، بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامى ئېيتىلغان نەرسىلەرنى يەڭلار. info
التفاسير:
Das notas do versículo nesta página:
• يجب أن يكون الهدف الأعظم للعبد اتباع الحق، ويطلبه بالطرق التي بيَّنها الله، ويعمل بذلك، ويرجو عَوْن ربه في اتباعه، ولا يتكل على نفسه وحوله وقوته.
بەندىنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى ھەقىقەتنى ئىزدەش بولۇپ، ئۇ ئاللاھ بايان قىلىپ بەرگەن يوللار بىلەن ھەقنى ئىزدىشى، شۇ بويىچە ئەمەل قىلىشى، شۇنى بويلاپ مېڭشتا پەرۋەردىگارىدىن ياردەم تىلىشى، ئۆزىگە ۋە ئۆز كۈچىگە زىيادە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. info

• من إنصاف القرآن للقلة المؤمنة العالمة إسناده الجهل والضلال إلى أكثر الخلق.
قۇرئاننىڭ نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇقنى خالايىقنىڭ كۆپ قىسمىغا نىسبەت بېرىشى، ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىدىغان ئاز سانلىق مۇئمىنلەرگە قىلغان ئىنساپىدىندۇر. info

• من سنّته تعالى في الخلق ظهور أعداء من الإنس والجنّ للأنبياء وأتباعهم؛ لأنّ الحقّ يعرف بضدّه من الباطل.
پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ چىقىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدا تۇتقان يولىدۇر. چۈنكى ھەق ئۇنىڭغا زىت بولغان سەپسەتە ئارقىلىق تونۇلىدۇ. info

• القرآن صادق في أخباره، عادل في أحكامه،لا يُعْثَر في أخباره على ما يخالف الواقع، ولا في أحكامه على ما يخالف الحق.
قۇرئاننىڭ خەۋەرلىرى راست، ھۆكۈملىرى ئادىلدۇر. قۇرئاننىڭ خەۋەرلىرىدە رىئاللىققا ماس كەلمەيدىغىنى، ئەھكاملىرىدا توغرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغىنى يوق. info