Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - Tradução Uigur do (livro) o breve na interpretação do Nobre Al-Qur'án

external-link copy
18 : 37

قُلۡ نَعَمۡ وَأَنتُمۡ دَٰخِرُونَ

ئەي مۇھەممەد! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: ئەلۋەتتە، سىلەر تۇپراققا ئايلىنىپ، چىرىپ كەتكىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈلىسىلەر. سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىڭلارمۇ تىرگۈزۈلىدۇ، سىلەر ھەممىڭلار خارۇزار بولغان ھالدا تىرگۈزۈلىسىلەر. info
التفاسير:
Das notas do versículo nesta página:
• تزيين السماء الدنيا بالكواكب لمنافع؛ منها: تحصيل الزينة، والحفظ من الشيطان المارد.
بۇ ئايەتلەر دۇنيا ئاسمىنىنىڭ تۈرلۈك مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن يۇلتۇزلار بىلەن بېزەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆركەملەشتۈرۈش ۋە جىن-شەيتانلاردىن قوغداش مۇشۇ مەنپەئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info

• إثبات الصراط؛ وهو جسر ممدود على متن جهنم يعبره أهل الجنة، وتزل به أقدام أهل النار.
پىلسىرات كۆۋرۈكىنى ئىسپاتلاشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ؛ ئۇ، جەھەننەم ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر كۆۋرۈكتۇركى، جەننەت ئەھلى شۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ، دوزاخ ئەھلىنىڭ قەدەملىرى بۇ كۆۋرۈكتە تېيىلىپ كېتىدۇ. info