Tradução dos significados do Nobre Qur’an. - Tradução Uigur do (livro) o breve na interpretação do Nobre Al-Qur'án

Número de página:close

external-link copy
137 : 26

إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا خُلُقُ ٱلۡأَوَّلِينَ

بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ دىنى، ئادىتى ۋە ئەخلاقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
138 : 26

وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ

بىز جازالانمايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
139 : 26

فَكَذَّبُوهُ فَأَهۡلَكۡنَٰهُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

ئۇلار پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاندىن بىز ئۇلارنى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق بوران بىلەن ھالاك قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھالاكەتتە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
140 : 26

وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
141 : 26

كَذَّبَتۡ ثَمُودُ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

سەمۇد خەلقى ئۆز پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
142 : 26

إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ صَٰلِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
143 : 26

إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
144 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
145 : 26

وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. info
التفاسير:

external-link copy
146 : 26

أَتُتۡرَكُونَ فِي مَا هَٰهُنَآ ءَامِنِينَ

سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
147 : 26

فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٖ

سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
148 : 26

وَزُرُوعٖ وَنَخۡلٖ طَلۡعُهَا هَضِيمٞ

سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمان بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
149 : 26

وَتَنۡحِتُونَ مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا فَٰرِهِينَ

سىلەر تاغلارنى تېشىشكە ماھىر بولغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ تاغلارنى تېشىپ، ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ياسامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
150 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
151 : 26

وَلَا تُطِيعُوٓاْ أَمۡرَ ٱلۡمُسۡرِفِينَ

گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلىدىغانلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
152 : 26

ٱلَّذِينَ يُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا يُصۡلِحُونَ

ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەت تارقىتىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى تۈزىمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
153 : 26

قَالُوٓاْ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلۡمُسَحَّرِينَ

قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن ھەقىقەتەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، ساراڭ بوپقاپسەن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
154 : 26

مَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٞ مِّثۡلُنَا فَأۡتِ بِـَٔايَةٍ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ

سەنمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سېنىڭ پەيغەمبەر بولغۇدەك بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دېگەن گېپىڭدە راستچىل بولساڭ، پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن. info
التفاسير:

external-link copy
155 : 26

قَالَ هَٰذِهِۦ نَاقَةٞ لَّهَا شِرۡبٞ وَلَكُمۡ شِرۡبُ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ

سالىھ ئۇلارغا ئېيتتى: (سىلەرنىڭ مۆجىزە كەلتۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلغىنىڭلارغا قارىتا) ئاللاھ تائالا بىر ئالامەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئالامەت ئاللاھ تائالا قورام تاشتىن چىقىرىپ بەرگەن چىشى تۆگىدۇركى، ئۇنى كۆرۈپ، تۇتۇپ باققىلى بولىدۇ. (سىلەر ئىچىۋاتقان) سۇدىن مۇشۇ تۆگىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق نېسىۋىسى بار، سىلەرنىڭمۇ مەلۇم نېسىۋەڭلار بار. سىلەرنىڭ نۆۋىتىڭلار كەلگەن كۈندە تۆگە سۇ ئىچمەيدۇ، تۆگىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈندە سىلەر ئىچمەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
156 : 26

وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٖ فَيَأۡخُذَكُمۡ عَذَابُ يَوۡمٍ عَظِيمٖ

ئۇ تۆگىنى ئۇرۇش ياكى بوغۇزلاش ئارقىلىق يامانلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، شۇ سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئازاب كەلگەن كۈندە سىلەرنى شۇ ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
157 : 26

فَعَقَرُوهَا فَأَصۡبَحُواْ نَٰدِمِينَ

ئۇلار تۆگىنى بوغۇزلاشقا تىل بىرىكتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە چوقۇم ئازاب كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى، لېكىن ئازابنى كۆرگەندە قىلغان پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
158 : 26

فَأَخَذَهُمُ ٱلۡعَذَابُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ئۇلارنى تۇتتى، ئۇ ئازاب يەر تەۋرەش ۋە كۈچلۈك ئاۋاز ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سالىھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن كاتتا ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
159 : 26

وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:
Das notas do versículo nesta página:
• توالي النعم مع الكفر استدراج للهلاك.
كۇپۇرلۇق قىلسىمۇ نېئمەتنىڭ داۋاملىشىشى تۇيدۇرماي ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر. info

• التذكير بالنعم يُرتجى منه الإيمان والعودة إلى الله من العبد.
نېئمەتلەرنى ئەسلىتىشتىن بەندىنىڭ ئىمان ئېيتىپ، ئاللاھ تەرەپكە قايتىۋېلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. info

• المعاصي هي سبب الفساد في الأرض.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر زېمىندا بۇزۇقچىلىق يامرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. info