د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه

د مخ نمبر: 29:2 close

external-link copy
191 : 2

وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ ثَقِفۡتُمُوهُمۡ وَأَخۡرِجُوهُم مِّنۡ حَيۡثُ أَخۡرَجُوكُمۡۚ وَٱلۡفِتۡنَةُ أَشَدُّ مِنَ ٱلۡقَتۡلِۚ وَلَا تُقَٰتِلُوهُمۡ عِندَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِيهِۖ فَإِن قَٰتَلُوكُمۡ فَٱقۡتُلُوهُمۡۗ كَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ

سىلەر ئۇلارنى ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جاي مەككىدىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار. مۆئمىننى دىنىدىن توسۇش ۋە كۇپرىغا قايتۇرۇش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن پىتنە ئۆلتۈرۋەتكەندىنمۇ يامان. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە مەسجىدى ھەرەمنى ئۇلۇغلىغانلىق ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار. ئەگەر ئۇلار مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇرۇش ئاچسا ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋىرىڭلار. مەسجىدى ھەرەمدە ھەددىدىن ئاشقان كاپىرلارنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
192 : 2

فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ

ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ۋە كۇپرىلىقىدىن يانسا، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قول يىغىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر ۋە جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
193 : 2

وَقَٰتِلُوهُمۡ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتۡنَةٞ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ لِلَّهِۖ فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَلَا عُدۡوَٰنَ إِلَّا عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ

تاكى كاپىرلاردىن كۇپرۇلۇق، شېرىك ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش تۈگەپ، ئاللاھنىڭ دىنى غالىب كەلگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇلار كۇپرىلىقىدىن ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىن يانسا سىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار. كۇپرۇلۇق ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش بىلەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
194 : 2

ٱلشَّهۡرُ ٱلۡحَرَامُ بِٱلشَّهۡرِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡحُرُمَٰتُ قِصَاصٞۚ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱعۡتَدُواْ عَلَيۡهِ بِمِثۡلِ مَا ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ

ھىجىرىيە 7- يىلى ئۇرۇش ھارام قىلغان ئايدا ئاللاھ سىلەرگە ھەرەمگە كىرىپ ئۆمرە قىلىش ئىمكانىيىتى بەرگەن ۋاقىت بولسا، ھىجىرىيە 6- يىلى مۇشرىكلار سىلەرنى ھەرەمدىن توسۇۋالغان ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىڭ تۇلۇقلىمىسىدۇر. ھەددىدىن ئاشقانلاردىن قىساس ئېلىش ھەرەم ۋە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا، ئېھراملىق بولۇشقا ئوخشاش رايون ۋە ئەھۋاللاردىمۇ ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ. كىمكى سىلەرگە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ھۇجۇم قىلسا، سىلەرمۇ شۇ ئايلاردا ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر ھۇجۇمنى تەڭ-باراۋەر قىلىشتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ، سىلەرگە رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەردە چەكتىن ئاشۇرىۋىتىشتە ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋپىق ۋە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىشتا تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
195 : 2

وَأَنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا تُلۡقُواْ بِأَيۡدِيكُمۡ إِلَى ٱلتَّهۡلُكَةِ وَأَحۡسِنُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ

پۇل-مالنى جىھاد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھنىڭ يولىغا سەرپ قىلىڭلار. سىلەر جىھاد ۋە جىھادقا پۇل-مال بېرىشنى تەرك ئېتىش ياكى ھالاكىتىڭلارغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارغا ئۆزۈڭلارنى ئېتىش ئارقىلىق نەپسىڭلارنى ھالاك قىلماڭلار. ئىبادىتىڭلارنى، مۇئامىلەڭلارنى ۋە ئەخلاقىڭلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ پۈتۈن ئىشلىرىدا ئېھسان قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. ئۇلارغا كاتتا ساۋاپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
196 : 2

وَأَتِمُّواْ ٱلۡحَجَّ وَٱلۡعُمۡرَةَ لِلَّهِۚ فَإِنۡ أُحۡصِرۡتُمۡ فَمَا ٱسۡتَيۡسَرَ مِنَ ٱلۡهَدۡيِۖ وَلَا تَحۡلِقُواْ رُءُوسَكُمۡ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ ٱلۡهَدۡيُ مَحِلَّهُۥۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ بِهِۦٓ أَذٗى مِّن رَّأۡسِهِۦ فَفِدۡيَةٞ مِّن صِيَامٍ أَوۡ صَدَقَةٍ أَوۡ نُسُكٖۚ فَإِذَآ أَمِنتُمۡ فَمَن تَمَتَّعَ بِٱلۡعُمۡرَةِ إِلَى ٱلۡحَجِّ فَمَا ٱسۡتَيۡسَرَ مِنَ ٱلۡهَدۡيِۚ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٖ فِي ٱلۡحَجِّ وَسَبۡعَةٍ إِذَا رَجَعۡتُمۡۗ تِلۡكَ عَشَرَةٞ كَامِلَةٞۗ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمۡ يَكُنۡ أَهۡلُهُۥ حَاضِرِي ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۇلۇق ئادا قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر كېسەل ياكى دۈشمەن سەۋەبلىك ھەج ئۆمرىنى تۇلۇق ئادا قىلىشتىن چەكلىنىپ قالساڭلار، ئېھرامدىن چىقىشىڭلار ئۈچۈن تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار. قۇربانلىق قىلىدىغان مال، بۇغۇزلايدىغان يەرگە يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار ياكى قىسقارتماڭلار. ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان مال ھەرەمگە يىتىپ بېرىشتىن چەكلىنىپ قالغان بولسا ئۇنى چەكلەنگەن جايدا بۇغۇزلىسۇن. ئەگەر ھەرەمگە بېرىشتىن چەكلەنمىگەن بولسا نەھرى كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەشرىق كۈنلىرىدە ھەرەمدە بۇغۇزلىسۇن. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا پىتقا ئوخشاش ئەزىيەت بار بولۇپ شۇ سەۋەبلىك چېچىنى چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ئۇ كىشى پىدىيە بېرىش يۈزىسىدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن ياكى ھەرەمنىڭ مىسكىنلىرىدىن ئالتە مىسكىنگە تاماق بەرسۇن ياكى بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ ھەرەمنىڭ پېقىرلىرىغا تارقاتسۇن. ئەگەر سىلەردىن كىمكى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەجگە ئېھرام باغلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئېھراملىق كىشى ئۈچۈن چەكلىنىدىغان نەرسىلەردىن بەھرىمان بولغان بولسا(يەنى تەمەتتۇئ ھەججى قىلغان بولسا)، قوي زەبىھ قىلسۇن ياكى يەتتە ئادەم شېرىكلىشىپ تۆگە ياكى كالا قۇربانلىق قىلسۇن. ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان مالغا قادىر بولالمىسا جەمئى ئون كۈن بولۇش ئۈچۈن، قۇربانلىقنىڭ ئورنىدا ھەج كۈنلىرىدا ئۈچ كۈن، ئائىلىسىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن. قۇربانلىق مال ياكى ئاجىز كەلگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىشى ۋاجىپ بولىدىغان بۇ ھۆكۈم ھەرەمدە ۋە ھەرەمگە يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ ئېھرامدىن چىقىپ باشقا نەرسىلەردىن بەھرىمان بولۇشقا ھاجىتى يوق. ئۇلار ھەرەمدە تۇرغان پەيتلىرىدە ئۆمرە بىلەن ھەجگە بىر ئېھرام باغلاپ تاۋاپ قىلىشى ئۇلارغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ يولغا قۇيغان ھۆكۈملەرگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى ئاللاھ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان كىشىلەرنى قاتتىق جازالىغۇچىدۇر. info
التفاسير:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• مقصود الجهاد وغايته جَعْل الحكم لله تعالى وإزالة ما يمنع الناس من سماع الحق والدخول فيه.
جىھادنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى؛ ھۆكۈمنى ئاللاھقا خاس قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئاڭلاپ ئۇ يولغا مېڭىشىدىن چەكلەيدىغان ئامىللارنى يوق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. info

• ترك الجهاد والقعود عنه من أسباب هلاك الأمة؛ لأنه يؤدي إلى ضعفها وطمع العدو فيها.
جىھادنى تەرىك قىلىش، جىھادقا چىقماي ئولتۇرىۋېلىش ئۈممەتنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىندۇر. چۈنكى ئۇ ئۈممەتنىڭ ئاجىزلىشى ۋە دۇشمەننىڭ تاما قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. info

• وجوب إتمام الحج والعمرة لمن شرع فيهما، وجواز التحلل منهما بذبح هدي لمن مُنِع عن الحرم.
ھەج ۋە ئۆمرىنى باشلىغان كىشىنىڭ ئۇ ئىككىسىنى تولۇق ئادا قىلىشى ۋاجىپتۇر. ھەرەمگە بېرىشتىن يول ئۈستىدە چەكلىنىپ قالغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى بۇغۇزلاش بىلەن ئېھرامدىن چىقىپ كېتىشى جائىزدۇر. info