ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
77 : 37

وَجَعَلۡنَا ذُرِّيَّتَهُۥ هُمُ ٱلۡبَاقِينَ

بىز نۇھنىڭ ئائىلىسىنى ۋە مۇئمىن ئەگەشكۈچىلىرىنىلا قۇتۇلدۇردۇق. ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارنى غەرق قىلىۋەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
78 : 37

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

بىز كېيىنكى ئۈممەتلەرگە نۇھنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇقكى، ئۇلار ئۇنى مەدھىيىلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
79 : 37

سَلَٰمٌ عَلَىٰ نُوحٖ فِي ٱلۡعَٰلَمِينَ

كېيىنكى ئۈممەتلەر نۇھنىڭ يامان گېپىنى قىلماستىن، ئامان - ئېسەنلىك تىلەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
80 : 37

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

شەكسىزكى بىز نۇھنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ياخشىلارغىمۇ يالغۇز ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلغان تائەت - ئىبادەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
81 : 37

إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

شەكسىزكى نۇھ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
82 : 37

ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ

ئاندىن كېيىن بىز توپان بالاسى ئەۋەتكەن كىشىلەرنى تەلتۆكۈس غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم ئامان قالمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 37

۞ وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِۦ لَإِبۡرَٰهِيمَ

شەكسىزكى ئىبراھىمنىڭ ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشى بىلەن دىنىغا قوشۇلغانلار ئۇنىڭ دىنىغا تەۋە كىشىلەردىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 37

إِذۡ جَآءَ رَبَّهُۥ بِقَلۡبٖ سَلِيمٍ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا شېرىكتىن ساغلام، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا كۆيۈنگۈچى قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 37

إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَاذَا تَعۡبُدُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەر ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كايىپ: ئاللاھنى قويۇپ نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
86 : 37

أَئِفۡكًا ءَالِهَةٗ دُونَ ٱللَّهِ تُرِيدُونَ

ئاللاھنى قويۇپ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇۋاتامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
87 : 37

فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

ھەي خالايىق! ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىغا چوقۇنغان پېتى ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ قالساڭلار، نېمىمۇ دەرسىلەر؟ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلار دەپ قارايسىلەر؟ دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
88 : 37

فَنَظَرَ نَظۡرَةٗ فِي ٱلنُّجُومِ

ئىبراھىم قەۋمى بىلەن بىرگە (ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىمىغا) چىقىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرەر باھانە تېپىشنى ئويلاپ يۇلتۇزلارغا كۆز يۈگۈرتتى. info
التفاسير:

external-link copy
89 : 37

فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٞ

ئاندىن قەۋمى بىلەن بىرگە مۇراسىمغا چىقماسلىققا ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
90 : 37

فَتَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ مُدۡبِرِينَ

ئاندىن ئۇلار ئىبراھىمنى تاشلاپ كېتىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
91 : 37

فَرَاغَ إِلَىٰٓ ءَالِهَتِهِمۡ فَقَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ

شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا مۇنۇلارنى ئېيتتى: مۇشرىكلار سىلەرگە تەييارلىغان يېمەكلىكتىن يېمەمسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
92 : 37

مَا لَكُمۡ لَا تَنطِقُونَ

نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟ نېمىشقا سوئال سورىغۇچىغا ئىنكاس بىلدۈرمەيسىلەر؟ ئاللاھنى قويۇپ مۇشۇنداق نەرسىگىمۇ چوقۇنىلامدۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
93 : 37

فَرَاغَ عَلَيۡهِمۡ ضَرۡبَۢا بِٱلۡيَمِينِ

ئاندىن ئىبراھىم ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدى. info
التفاسير:

external-link copy
94 : 37

فَأَقۡبَلُوٓاْ إِلَيۡهِ يَزِفُّونَ

ئارقىدىنلا بۇ بۇتلارنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
95 : 37

قَالَ أَتَعۡبُدُونَ مَا تَنۡحِتُونَ

ئىبراھىم تەمكىنلىك بىلەن ئۇلارغا تىكىلىپ، ئۇلارغا كايىغان ھالدا مۇنداق دېدى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئويۇپ ياسىغان مۇشۇ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
96 : 37

وَٱللَّهُ خَلَقَكُمۡ وَمَا تَعۡمَلُونَ

ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنىمۇ ياراتقان بولۇپ، مۇشۇ بۇتلارمۇ سىلەرنىڭ ياسىغان نەرسىلىرىڭلاردىن بىرىدۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، پەقەت ئاللاھ تائالالا قۇلچىلىق قىلىنىشقا ۋە ئۇنىڭغا باشقا ھېچنەرسە شېرىك كەلتۈرۈلمەسلىككە لايىقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
97 : 37

قَالُواْ ٱبۡنُواْ لَهُۥ بُنۡيَٰنٗا فَأَلۡقُوهُ فِي ٱلۡجَحِيمِ

ئۇلار ئىبراھىمغا پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرالماي، كۈچكە تايانماقچى بولۇشۇپ، ئىبراھىمنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئۆز - ئارا مەسلىھەتلىشىپ: ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ، ئوت يېقىڭلار. ئاندىن ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
98 : 37

فَأَرَادُواْ بِهِۦ كَيۡدٗا فَجَعَلۡنَٰهُمُ ٱلۡأَسۡفَلِينَ

ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ، بىراقلا قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولۇشتى. نەتىجىدە بىز ئىبراھىمغا ئوتنى سالقىن ۋە زىيانسىز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى زىيان تارتقۇزدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
99 : 37

وَقَالَ إِنِّي ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّي سَيَهۡدِينِ

ئىبراھىم ئېيتتى: شەكسىزكى مەن پەرۋەردىگارىمغا لايىقىدا قۇلچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەۋمىمنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىمەن. چوقۇمكى پەرۋەردىگارىم ماڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ياخشى بولىدىغان يولنى كۆرسىتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
100 : 37

رَبِّ هَبۡ لِي مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

ئەي رەببىم، ماڭا مۇساپىرچىلىقتا قەۋمىمنىڭ ئورنىدا غەمخورلۇق قىلىدىغان سالىھ بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
101 : 37

فَبَشَّرۡنَٰهُ بِغُلَٰمٍ حَلِيمٖ

بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزدۇق. ئۇنىڭغا چوڭ بولغۇچە ياشايدىغان ھەم ئېغىر - بېسىق بولىدىغان بىر بالىسى بولىدىغانلىقىدىن خۇشبېشارەت بەردۇق. بۇ بالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
102 : 37

فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ ٱلسَّعۡيَ قَالَ يَٰبُنَيَّ إِنِّيٓ أَرَىٰ فِي ٱلۡمَنَامِ أَنِّيٓ أَذۡبَحُكَ فَٱنظُرۡ مَاذَا تَرَىٰۚ قَالَ يَٰٓأَبَتِ ٱفۡعَلۡ مَا تُؤۡمَرُۖ سَتَجِدُنِيٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّٰبِرِينَ

ئىسمائىل چوڭىيىپ، داداىسىنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغاندا دادىسى ئىبراھىم بىر چۈش كۆردى. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھىي ئىدى. ئىبراھىم ئوغلىغا كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرىنى يېشىپ: ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ (يەنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلۇپ) چۈش كۆرۈپتىمەن. سەن بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ دېدى. ئىسمائىل دادىسىغا جاۋابەن: ئەي ئاتا! ئاللاھ مېنى بوغۇزلاشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇنداق قىلغىن. مېنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مەمنۇنىيەت بىلەن سەۋر قىلىدىغانلاردىن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن، دېدى. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• من مظاهر الإنعام على نوح: نجاة نوح ومن آمن معه، وجعل ذريته أصول البشر والأعراق والأجناس، وإبقاء الذكر الجميل والثناء الحسن.
نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇش، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەجدادى قىلىش، ئۇنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلىنغان نېئمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. info

• أفعال الإنسان يخلقها الله ويفعلها العبد باختياره.
ئىنساننىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى ئاللاھ يارىتىدۇ، بەندە بولسا ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ. info

• الذبيح بحسب دلالة هذه الآيات وترتيبها هو إسماعيل عليه السلام؛ لأنه هو المُبَشَّر به أولًا، وأما إسحاق عليه السلام فبُشِّر به بعد إسماعيل عليه السلام.
بۇ ئايەتلەر ئۇقتۇرغان مەنىلەر ۋە ئۇنىڭ تەرتىپىگە قارىغاندا قۇربانلىق قىلىنغۇچى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدۇر. چۈنكى ئۇ تۇنجى بولۇپ بېشارەت بېرىلگەن پەرزەنتتۇر. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بولسا، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن تۇغۇلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىلگەن. info

• قول إسماعيل: ﴿سَتَجِدُنِي إِن شَآءَ اْللهُ مِنَ اْلصَّابِرِينَ﴾ سبب لتوفيق الله له بالصبر؛ لأنه جعل الأمر لله.
ئىسمائىلنىڭ: «ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن بولىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن» دېگەن سۆزى ئاللاھنىڭ ئۇنى سەۋرگە مۇۋەپپەق قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى ئۇ ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ئىدى. info