ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐ ߟߎ߬ ߘߟߊߡߌߘߊ - ߟߊߘߛߏߣߍ߲" ߞߎ߬ߙߣߊ߬ ߞߟߊߒߞߋ ߞߘߐߦߌߘߊ ߘߐ߫ ߊ߬ߠߌ߯ߙߌ߲ߞߊ߲ ߘߐ߫

ߞߐߜߍ ߝߙߍߕߍ:close

external-link copy
25 : 37

مَا لَكُمۡ لَا تَنَاصَرُونَ

ئۇلارغا كايىلىپ: نېمىشقا دۇنيادا ھەمكارلاشقىنىڭلاردەك، بىر - بىرىڭلارغا ياردەم بەرمەيسىلەر؟ بۇتلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتىڭلارغۇ؟ دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 37

بَلۡ هُمُ ٱلۡيَوۡمَ مُسۡتَسۡلِمُونَ

ئۇلار بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە باش ئەگكەن ھالدا بويسۇنغۇچىلاردۇر، ئۇلار تولىمۇ ئاجىز بولغانلىقى ھەمدە تەدبىرىمۇ ئاز بولغانلىقتىن بىر - بىرىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 37

وَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ

ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ تاپا - تەنە قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە تاپا - تەنە ۋە دەتالاشلار قىلچە ئەسقاتمايدىغان چاغدا دەتالاش قىلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
28 : 37

قَالُوٓاْ إِنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَأۡتُونَنَا عَنِ ٱلۡيَمِينِ

ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: ئەي كاتتىۋاشلار! شەكسىزكى سىلەر بىزگە دىن ۋە ھەق تەرەپتىن كېلىپ، كۇپرىنى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى ھەمدە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ، پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن نەپرەتلەندۈرەتتىڭلارغۇ، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 37

قَالُواْ بَل لَّمۡ تَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ

ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە: بۇ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە سىلەر كۇپرى ئۈستىدە بولۇپ، مۇئمىن بولمىغان ئىدىڭلار. بەلكى سىلەر ئىنكار قىلغۇچى ئىدىڭلار، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 37

وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيۡكُم مِّن سُلۡطَٰنِۭۖ بَلۡ كُنتُمۡ قَوۡمٗا طَٰغِينَ

بىز سىلەرنى كۇپرىغا، شېرىككە ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ سىلەرنى مەجبۇرلاپ ئۇ ئىشلارنى قىلدۇرغىدەك كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقتا چەكتىن ئاشقان كىشىلەر ئىدىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
31 : 37

فَحَقَّ عَلَيۡنَا قَوۡلُ رَبِّنَآۖ إِنَّا لَذَآئِقُونَ

بىزگە ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ: «چوقۇمكى جەھەننەمنى سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزىدىكى تەھدىتى ھەقلىق بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىز شەكسىز پەرۋەردىگارىمىز تەھدىت قىلغان ئازابنى تېتىيمىز. info
التفاسير:

external-link copy
32 : 37

فَأَغۡوَيۡنَٰكُمۡ إِنَّا كُنَّا غَٰوِينَ

بىز سىلەرنى ئازغۇنلۇققا ۋە كۇپرىغا چاقىردۇق، چۈنكى بىز توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەر ئىدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
33 : 37

فَإِنَّهُمۡ يَوۡمَئِذٖ فِي ٱلۡعَذَابِ مُشۡتَرِكُونَ

ئەگەشكەنلەر ۋە ئەگەشتۈرگەنلەر قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتا ئورتاقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
34 : 37

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفۡعَلُ بِٱلۡمُجۡرِمِينَ

بىز بۇلارغا ئازابنى تېتىتقىنىمىزدەك، ئۇلاردىن باشقا جىنايەتچىلەرگىمۇ تېتىتىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
35 : 37

إِنَّهُمۡ كَانُوٓاْ إِذَا قِيلَ لَهُمۡ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ يَسۡتَكۡبِرُونَ

شەكسىزكى بۇ مۇشرىكلارغا دۇنيادىكى ۋاقىتتا: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىش قىلىشنى تاشلاڭلار دېيىلسە، ئۇلار ھەقتىن باش تارتىپ، چوڭچىلىق قىلىپ باتىل چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
36 : 37

وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُوٓاْ ءَالِهَتِنَا لِشَاعِرٖ مَّجۡنُونِۭ

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىغا باھانە قىلىپ: بىز بىر ساراڭ شائىرنىڭ گېپىنى دەپ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشنى تاشلايمىزمۇ؟ دېيىشەتتى. ئۇلار بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەقسەت قىلاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
37 : 37

بَلۡ جَآءَ بِٱلۡحَقِّ وَصَدَّقَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بوھتان قىلدى، چۈنكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ساراڭمۇ ئەمەس، شائىرمۇ ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىشكە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئەگىشىشكە چاقىرىدىغان قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەۋھىد ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەستىقلىدى، ئۇلارغا ھېچنەرسىدە قارشى چىقمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
38 : 37

إِنَّكُمۡ لَذَآئِقُواْ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَلِيمِ

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۇپرىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى چوقۇم بىئارام قىلغۇچى ئازابنى تېتىيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
39 : 37

وَمَا تُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر پەقەت دۇنيادا ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت ئۆز قىلمىشلىرىڭلارغا قارىتا جازالىنىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 37

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

ئىبادەتتە ئىخلاسمەنلىك ئاتا قىلىنغان، ھەمدە قۇلچىلىقنى ئاللاھقا خالىس قىلغان ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 37

أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ رِزۡقٞ مَّعۡلُومٞ

ئەنە شۇ ئىخلاسمەن بەندىلەرگە ئاللاھ تائالا لەززەتلىكلىكى، ياخشىلىقى ۋە داۋاملىقلىقى مەلۇم بولغان رىزىقلارنى ئاتا قىلغان كىشىلەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 37

فَوَٰكِهُ وَهُم مُّكۡرَمُونَ

ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ۋە لەززەتلىك مېۋىلەردىن رىزىق بېرىلگەنلىكىمۇ مۇشۇ رىزىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ ھەمدە كەرەملىك ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 37

فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ

ئۇلار مۇقىم نېئمەتلىك جەننەتلەردە ئېرىشكەن ئاشۇ نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، يوقىلىپ كەتمەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 37

عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ

ئۇلار ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل قويۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 37

يُطَافُ عَلَيۡهِم بِكَأۡسٖ مِّن مَّعِينِۭ

ئۇلارغا سۈزۈكلۈكى خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشايدىغان شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 37

بَيۡضَآءَ لَذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ

ئۇ شاراپنىڭ رەڭگى ئاق بولۇپ، ئۇنى ئىچكەن ئادەم تولۇق لەززەتكە ئېرىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 37

لَا فِيهَا غَوۡلٞ وَلَا هُمۡ عَنۡهَا يُنزَفُونَ

ئۇ شاراپ دۇنيانىڭ ھاراقلىرىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا بىھوش قىلىدىغان مەستلىك بولمايدۇ. ئۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، ئۇنى ئىچكۈچىنىڭ تېنى ساغلام، ئەقلى - ھوشى جايىدا بولىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 37

وَعِندَهُمۡ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ عِينٞ

جەننەتتە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىپپەتلىك ئاياللار بار بولۇپ، ئۇ ئاياللار ئۆز ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدۇ، ئۇلار گۈزەل كۆزلۈك ساھىبجاماللاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 37

كَأَنَّهُنَّ بَيۡضٞ مَّكۡنُونٞ

ئۇلار ئازراق سېرىقلىق ئارىلاشقان رەڭلىرىنىڭ ئاقلىقىدا پۇختا ساقلانغان ئاق قۇشقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارغا ئىلگىرى ھېچقانداق قول تېگىپ باقمىغان. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 37

فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَسَآءَلُونَ

جەننەت ئەھلى بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ، كەچمىشلىرى ۋە دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 37

قَالَ قَآئِلٞ مِّنۡهُمۡ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٞ

بۇ مۇئمىنلەردىن بىرى: مېنىڭ دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بىر يېقىنىم بار ئىدى، دەيدۇ. info
التفاسير:
ߟߝߊߙߌ ߟߎ߫ ߢߊ߬ߕߣߐ ߘߏ߫ ߞߐߜߍ ߣߌ߲߬ ߞߊ߲߬:
• سبب عذاب الكافرين: العمل المنكر؛ وهو الشرك والمعاصي.
بۇ ئايەتلەر كاپىرلارنىڭ ئازابقا قېلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنكەر ئىشنى قىلىش، يەنى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. info

• من نعيم أهل الجنة أنهم نعموا باجتماع بعضهم مع بعض، ومقابلة بعضهم مع بعض، وهذا من كمال السرور.
جەننەت ئەھلىگە بېرىلىدىغان نېئمەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا جەم بولۇش ۋە بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكى بولۇپ، بۇ خۇرسەنلىكنىڭ كامالىتىدۇر. info