വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
127 : 37

فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ

ئىلياسنىڭ قەۋمىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ئۇلار ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
128 : 37

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ

لېكىن ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىن مۇئمىن بولۇپ، ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇنداق كىشىلەر ئازابقا تاشلىنىشتىن قۇتۇلغۇچىلاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
129 : 37

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭمۇ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
130 : 37

سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِلۡ يَاسِينَ

ئىلياسقا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە مەدھىيەسى بولسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
131 : 37

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

شەكسىزكى بىز مۇسا ۋە ھارۇننى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، رەببىگە ئىتائەتمەن بولۇپ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىمۇ شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
132 : 37

إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

شەكسىزكى ئىلياس پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىمانىدا ھەقىقىي راستچىل، مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
133 : 37

وَإِنَّ لُوطٗا لَّمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

شەكسىزكى، لۇت ئاللاھ تائالا ئۆز قەۋمىگە خۇشبېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
134 : 37

إِذۡ نَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ

ئۆز ۋاقتىدىكى ئىشنى ئەسلىگىنكى، بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تەۋەلىكىنى قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن ئازابتىن ساقلاپ قالدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
135 : 37

إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ

پەقەت ئۇنىڭ ئايالى قەۋمىگە ئوخشاش كاپىر بولغاچقا، ئۇنىڭغىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب كەلدى. info
التفاسير:

external-link copy
136 : 37

ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ

ئاندىن ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمىگەنلەرنى ھالاك قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
137 : 37

وَإِنَّكُمۡ لَتَمُرُّونَ عَلَيۡهِم مُّصۡبِحِينَ

ئەي مەككە ئاھالىسى! شەكسىزكى سىلەر شامغا ماڭغاندا سەپەر جەريانىدا سەھەردە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىدىن ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
138 : 37

وَبِٱلَّيۡلِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ

شۇنداقلا ئۇ جايدىن كېچىدىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. بۇ ھەقتە ئويلىنىپ، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، كاپىر بولۇپ، ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان قەبىھ قىلمىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۇلار دۇچار بولغان يامان ئاقىۋەتتىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
139 : 37

وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

شەكسىزكى بەندىمىز يۇنۇس ئاللاھ تائالا ئۆز قەۋملىرىگە خۇشبېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
140 : 37

إِذۡ أَبَقَ إِلَى ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ

ئەينى چاغدا ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ رۇخسىتىسىز قەۋمىدىن قېچىپ، يولۇچىلار ۋە يۈك - تاقلار بىلەن تولغان كېمىگە چىقتى. info
التفاسير:

external-link copy
141 : 37

فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُدۡحَضِينَ

كېمە بەك لىق بولۇپ كەتكەنلىكتىن چۆكۈپ كېتىشكە تاس قالدى. شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكىلەر يولۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بەزى كىشىلەرنى تاشلىۋېتىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. يۇنۇسمۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغانلاردىن بىرى بوپقېلىپ، ئۇلار ئۇنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
142 : 37

فَٱلۡتَقَمَهُ ٱلۡحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٞ

ئۇلار ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغاندا چوڭ بىر بېلىق ئۇنى تۇتۇپلا يۇتۇۋەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ رۇخسىتىسىز دېڭىزغا بارغانلىقى ئۈچۈن مالامەت قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
143 : 37

فَلَوۡلَآ أَنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلۡمُسَبِّحِينَ

يۇنۇس بېشىغا بۇ كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنى كۆپ ئەسلەيدىغانلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدىكى ۋاقتىدىمۇ ئاللاھقا كۆپ تەسبىھ ئېيتمىغان بولسا ئىدى، info
التفاسير:

external-link copy
144 : 37

لَلَبِثَ فِي بَطۡنِهِۦٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ

ئەلۋەتتە قىيامەتكە قەدەر بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ قالاتتى. چۈنكى بېلىقنىڭ قارنى ئۇنىڭ قەبرىسى بولاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
145 : 37

۞ فَنَبَذۡنَٰهُ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ سَقِيمٞ

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن چىقىرىپ، دەل - دەرەخ ۋە قۇرۇلۇشلار بولمىغان بىر جايغا تاشلىدۇق. ئۇ بېلىقنىڭ قارنىدا مەلۇم ۋاقىت تۇرغان بولغاچقا بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
146 : 37

وَأَنۢبَتۡنَا عَلَيۡهِ شَجَرَةٗ مِّن يَقۡطِينٖ

بىز ئاشۇ ئاق يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ۋە مېۋىسىنى يېگىلى بولىدىغان بىر خىل كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
147 : 37

وَأَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ مِاْئَةِ أَلۡفٍ أَوۡ يَزِيدُونَ

بىز ئۇنى يۈز مىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. info
التفاسير:

external-link copy
148 : 37

فَـَٔامَنُواْ فَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ

ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بېكىتىلگەن ئەجىلى توشقانغا قەدەر ئۇلارنى ھاياتىي دۇنيادا قالدۇردى. info
التفاسير:

external-link copy
149 : 37

فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَلِرَبِّكَ ٱلۡبَنَاتُ وَلَهُمُ ٱلۡبَنُونَ

ئەي مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلاردىن مۇنداق ئىنكار سوئالىنى سوراپ باققىن: سىلەر ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلامسىلەر؟ بۇ قانداق تەقسىمات؟ info
التفاسير:

external-link copy
150 : 37

أَمۡ خَلَقۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِنَٰثٗا وَهُمۡ شَٰهِدُونَ

ئۇلار قانداقمۇ پەرىشتىلەرنى چىشى جىنسلىق دەپ بىلجىرلايدۇ؟ ئۇلار ئۇ پەرىشتىلەر يارىتىلغان يەردە يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا؟ info
التفاسير:

external-link copy
151 : 37

أَلَآ إِنَّهُم مِّنۡ إِفۡكِهِمۡ لَيَقُولُونَ

ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، ئۇ زاتقا بالا نىسبەت بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكى مۇشرىكلارنىڭ يالغانلىرىدىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
152 : 37

وَلَدَ ٱللَّهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ

ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، ئۇ زاتقا بالا نىسبەت بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكى مۇشرىكلارنىڭ يالغانلىرىدىندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
153 : 37

أَصۡطَفَى ٱلۡبَنَاتِ عَلَى ٱلۡبَنِينَ

ئاللاھ تائالا ئۆزىگە سىلەر ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى قويۇپ، سىلەر ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى تاللىدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• سُنَّة الله التي لا تتبدل ولا تتغير: إنجاء المؤمنين وإهلاك الكافرين.
ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ، كاپىرلارنى ھالاك قىلىشتۇر. info

• ضرورة العظة والاعتبار بمصير الذين كذبوا الرسل حتى لا يحل بهم ما حل بغيرهم.
پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا دۇچار بوپقالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىش زۆرۈر. info

• جواز القُرْعة شرعًا لقوله تعالى: ﴿ فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ اْلْمُدْحَضِينَ ﴾.
ئاللاھ تائالا «كېمىدىكىلەر چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى) دېگەنلىكى ئۈچۈن چەك تاشلاش شەرىئەت نۇقتىسىدىنمۇ دۇرۇس. info