വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - തഫ്സീറുൽ മുഖ്തസർ ഉയ്ഘൂർ പരിഭാഷ

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
103 : 37

فَلَمَّآ أَسۡلَمَا وَتَلَّهُۥ لِلۡجَبِينِ

ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھقا باش ئېگىپ، ئەمرىگە بويسۇنغاچقا، ئىبراھىم ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى يېنىچە ياتقۇزدى. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 37

وَنَٰدَيۡنَٰهُ أَن يَٰٓإِبۡرَٰهِيمُ

ئىبراھىم ئوغلىنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەمشىلىۋاتقاندا بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: ئەي ئىبراھىم! info
التفاسير:

external-link copy
105 : 37

قَدۡ صَدَّقۡتَ ٱلرُّءۡيَآۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

سەن ئوغلۇڭ ئىسمائىلنى بوغۇزلاشتا قەتئىي نىيەتكە كېلىش ئارقىلىق چۈشۈڭدە كۆرگەنلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. شەكسىزكى بىز - سېنى بۇ بۈيۈك سىناقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك - ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلاپ، سىناقلاردىن ۋە ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلدۇرىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
106 : 37

إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡبَلَٰٓؤُاْ ٱلۡمُبِينُ

شەكسىزكى بۇ ئەلۋەتتە ئوپئوچۇق بىر سىناق ئىدى. ئىبراھىم بۇ سىناقتىن شەكسىز ئۆتتى. info
التفاسير:

external-link copy
107 : 37

وَفَدَيۡنَٰهُ بِذِبۡحٍ عَظِيمٖ

بىز ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا بوغۇزلاش ئۈچۈن چوڭ بىر قوچقارنى بەردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
108 : 37

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

كېيىنكى ئۈممەتلەر ئىچىدە ئىبراھىمنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 37

سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ

ئىبراھىمغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ھەر قانداق زىيان ۋە ئاپەتتىن ئامان قېلىشى ئۈچۈن تىلەكلەر ياغسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
110 : 37

كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

بىز ئىبراھىمنىڭ ئىتائىتىگە قارىتا مۇكاپات بەرگىنىمىزدەك، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 37

إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

شەكسىزكى ئىبراھىم ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىق ۋەزىپىسىنى لايىقىدا بەجا كەلتۈرىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 37

وَبَشَّرۡنَٰهُ بِإِسۡحَٰقَ نَبِيّٗا مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ

بىز ئۇنىڭغا كەلگۈسىدە پەيغەمبەر ۋە سالىھ بەندە بولىدىغان يەنە بىر پەرزەنت بىلەن خۇشبېشارەت بەردۇقكى، ئۇ ئىسھاق ئىدى. بۇ، ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا كۆرسەتكەن ئىتائەتمەنلىكىنىڭ مۇكاپاتىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 37

وَبَٰرَكۡنَا عَلَيۡهِ وَعَلَىٰٓ إِسۡحَٰقَۚ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحۡسِنٞ وَظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ مُبِينٞ

بىز ئۇنىڭغا ۋە ئوغلى ئىسھاققا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، كۆپلىگەن نېئمەتلەرنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكىمۇ شۇ نېئمەتلەردىن بىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ياخشى بەندە بولىدىغانلىرىمۇ، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئوچۇق - ئاشكارا زۇلۇم قىلىدىغانلىرىمۇ بار. info
التفاسير:

external-link copy
114 : 37

وَلَقَدۡ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ

شەكسىزكى بىز مۇساغا ۋە قېرىندىشى ھارۇنغا پەيغەمبەرلىكنى ئىلتىپات قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
115 : 37

وَنَجَّيۡنَٰهُمَا وَقَوۡمَهُمَا مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ

بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەمى بەنىي ئىسرائىلنى پىرئەۋننىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەسىدىن ھەمدە غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
116 : 37

وَنَصَرۡنَٰهُمۡ فَكَانُواْ هُمُ ٱلۡغَٰلِبِينَ

بىز ئۇلارغا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگە قارشى ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
117 : 37

وَءَاتَيۡنَٰهُمَا ٱلۡكِتَٰبَ ٱلۡمُسۡتَبِينَ

بىز مۇساغا ۋە قېرىندىشى ھارۇنغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشۈرۈلگەن روشەن كىتاب تەۋراتنى بەردۇقكى، ئۇنىڭدا قىلچە چۈشىنىكسىزلىك يوق. info
التفاسير:

external-link copy
118 : 37

وَهَدَيۡنَٰهُمَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ

بىز ئۇلارنى قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان تۈپتۈز يولغا باشلىدۇق. ئۇ يول بولسا ياراتقۇچى زاتنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئىسلام يولىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
119 : 37

وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِمَا فِي ٱلۡأٓخِرِينَ

بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭمۇ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
120 : 37

سَلَٰمٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَٰرُونَ

ئۇلارغا ئاللاھ تەرەپتىن سالاملار ۋە مەدھىيەلەر بولسۇن! ھەر قانداق يامانلىقتىن ئامان بولۇشلىرى ئۈچۈن تىلەكلەر ياغسۇن! info
التفاسير:

external-link copy
121 : 37

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ

شەكسىزكى بىز مۇسا ۋە ھارۇننى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، رەببىگە ئىتائەتمەن بولۇش ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. info
التفاسير:

external-link copy
122 : 37

إِنَّهُمَا مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

شەكسىزكى مۇسا بىلەن ھارۇن ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
123 : 37

وَإِنَّ إِلۡيَاسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

شەكسىزكى ئىلياسمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرىدۇركى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك نېئمىتىنى بەردى. info
التفاسير:

external-link copy
124 : 37

إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِۦٓ أَلَا تَتَّقُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆزى پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن قەۋمى بەنىي ئىسرائىلغا: ئەي قەۋمىم! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقمامسلەر؟ تەۋھىد ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر. چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقمامسىلەركى، شېرىك شۇ چەكلىمىلەردىن بىرىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
125 : 37

أَتَدۡعُونَ بَعۡلٗا وَتَذَرُونَ أَحۡسَنَ ٱلۡخَٰلِقِينَ

ئاللاھنى قويۇپ بەئلى دېگەن بۇتۇڭلارغا چوقۇنامسىلەر؟ ئەمەلىيەتتە سىلەر ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى بولغان ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى تاشلاۋاتىسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
126 : 37

ٱللَّهَ رَبَّكُمۡ وَرَبَّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئۇ ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. نە پايدا، نە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھلا قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لايىقتۇر. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• قوله: ﴿فَلَمَّآ أَسْلَمَا﴾ دليل على أن إبراهيم وإسماعيل عليهما السلام كانا في غاية التسليم لأمر الله تعالى.
ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاتا - بالا ئىككىسى بويسۇنغاندا» دېگەن سۆزى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا يۈكسەك دەرىجىدە بويسۇنىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. info

• من مقاصد الشرع تحرير العباد من عبودية البشر.
بەندىلەرنى ئىنسانغا قۇل بولۇشتىن ئازات قىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر. info

• الثناء الحسن والذكر الطيب من النعيم المعجل في الدنيا.
ياخشى نام ۋە گۈزەل ئەسلىمە مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىلىدىغان نېئمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. info