വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ )

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
39 : 35

هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَكُمۡ خَلَٰٓئِفَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ فَمَن كَفَرَ فَعَلَيۡهِ كُفۡرُهُۥۖ وَلَا يَزِيدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ كُفۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ إِلَّا مَقۡتٗاۖ وَلَا يَزِيدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ كُفۡرُهُمۡ إِلَّا خَسَارٗا

ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن سىلەرنى زېمىندا بىر - بىرىڭلارغا ئورۇنباسار قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ گۇناھى ھەم جازاسى ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ كۇپرىسى پەرۋەردىگارىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ كۇپرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت ئېغىر غەزەبنىلا زىيادە قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇپرى پەقەت زىياننىلا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ناۋادا ئىمان ئېيتقان بولسا ئاللاھ ئۇلارغا تەييارلايدىغان جەننەتتىن قۇرۇق قالىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
40 : 35

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ شُرَكَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُواْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ لَهُمۡ شِرۡكٞ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ أَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ كِتَٰبٗا فَهُمۡ عَلَىٰ بَيِّنَتٖ مِّنۡهُۚ بَلۡ إِن يَعِدُ ٱلظَّٰلِمُونَ بَعۡضُهُم بَعۡضًا إِلَّا غُرُورًا

ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار ھەققىدە سۆزلەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئۇلار زېمىندىن نېمىنى ياراتتى؟ زېمىننىڭ تاغلىرىنى ياراتتىمۇ؟ دەريالىرىنى ياراتتىمۇ؟ ھايۋانلىرىنى ياراتتىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئاللاھقا شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ياكى بىز ئۇلارغا بۇتلىرىغا چوقۇنۇشنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە دەلىل بار بىرەر كىتاب بەردۇقمۇ؟ بۇ ئىشلاردىن ھېچبىرى يۈز بەرگىنى يوق. ئەكسىچە كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار بىر - بىرىنى پەقەت ئالدايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
41 : 35

۞ إِنَّ ٱللَّهَ يُمۡسِكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ أَن تَزُولَاۚ وَلَئِن زَالَتَآ إِنۡ أَمۡسَكَهُمَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنۢ بَعۡدِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورٗا

شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ۋەيران بولۇشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسى ۋەيران بولدى -دەپ پەرەز قىلساق-، ئۇلارنى ۋەيران بولۇشتىن توسۇپ قالالايدىغان ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم يوق. شەكسىزكى ئاللاھ ھەلىمدۇركى، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 35

وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِن جَآءَهُمۡ نَذِيرٞ لَّيَكُونُنَّ أَهۡدَىٰ مِنۡ إِحۡدَى ٱلۡأُمَمِۖ فَلَمَّا جَآءَهُمۡ نَذِيرٞ مَّا زَادَهُمۡ إِلَّا نُفُورًا

بۇ ئىنكارچى كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر كەلسە، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ توغرا يولدا بولىدىغانلىقى ھەم ھەقىقەتكە ئەڭ كۆپ ئەگىشىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى كۈچلۈك قەسەملەرنى قىلىشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ كەلگەنلىكى ئۇلارنى ھەقىقەتتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، باتىلغا تېخىمۇ باغلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلگىرىكىلەردىن بەكرەك توغرا يول تاپقۇچىلار بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك قەسەملىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 35

ٱسۡتِكۡبَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَكۡرَ ٱلسَّيِّيِٕۚ وَلَا يَحِيقُ ٱلۡمَكۡرُ ٱلسَّيِّئُ إِلَّا بِأَهۡلِهِۦۚ فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ ٱلۡأَوَّلِينَۚ فَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗاۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ ٱللَّهِ تَحۡوِيلًا

ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغانلىقى نىيەتلىرىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يەر - يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈندۇر. سۇيىقەستنىڭ ۋابالى پەقەت شۇنداق قىلغانلارغا بولىدۇ. بۇ تەكەببۇر، ھىيلىگەرلەر ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىنىلا كۈتىدۇكى، ئۇ قانۇنىيەت بولسا مۇشۇلارنىڭمۇ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاش ھالاك قىلىنىشىدۇر. سەن ئاللاھنىڭ تەكەببۇرلارنى ھالاك قىلىشتىكى قانۇنىيىتىدە ئۇلارغا ئازاب كەلمەي قالىدىغان بىرەر ئۆزگىرىش ياكى باشقىلارغا (خاتا) كېلىپ قالىدىغان بىرەر ئالمىشىپ كېتىش تاپالمايسەن. چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
44 : 35

أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَكَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعۡجِزَهُۥ مِن شَيۡءٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَلِيمٗا قَدِيرٗا

قۇرەيشلەردىن سېنى يالغانچىغا چىقارغانلار يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئىچىدىن ئىنكار قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ناچار ئاقىۋەت بولمىدىمۇ؟ ئۇلار قۇرەيشلەردىنمۇ كۈچلۈك ئىدىغۇ؟! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر قانداق نەرسە ئاللاھنىڭ (بىلىشىدىن) چەتتە قالمايدۇ. ئاللاھ بۇ ئىنكارچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چوقۇم بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە ئاللاھنىڭ (ئىلمىدىن) چەتتە قالمايدۇ. ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قادىردۇر. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• الكفر سبب لمقت الله، وطريق للخسارة والشقاء.
كۇپرى ئاللاھنىڭ ئۆچ كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان، زىيانكارلىق ۋە بەدبەختلىكنىڭ يولىدۇر. info

• المشركون لا دليل لهم على شركهم من عقل ولا نقل.
مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىگە نە ئەقلىي، نە نەقلىي دەلىلى يوق. info

• تدمير الظالم في تدبيره عاجلًا أو آجلًا.
زالىمنىڭ پىلانى يا مۇشۇ دۇنيادا، يا ئاخىرەتتە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ. info