വിശുദ്ധ ഖുർആൻ പരിഭാഷ - ഖുർആൻ സംക്ഷിപ്ത വിശദീകരണം - പരിഭാഷ (ഉയ്ഘൂർ )

പേജ് നമ്പർ:close

external-link copy
12 : 35

وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡبَحۡرَانِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ سَآئِغٞ شَرَابُهُۥ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞۖ وَمِن كُلّٖ تَأۡكُلُونَ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُونَ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس: يەنى بىرىنىڭ سۈيى ناھايىتى تاتلىق بولۇپ، تاتلىقلىقىدىن ئىچىش ئاسان. يەنە بىرى تۇزلۇق، ئاچچىق بولغاچقا، قاتتىق تۇزلۇقلۇقىدىن ئىچكىلى بولمايدۇ. سىلەر مەزكۇر ئىككى دېڭىزدىن بېلىق گۆشلىرىنى يېڭى پېتى يەيسىلەر، كىيىم - كېچەكلىرىڭلارنى زىننەتلەيدىغان ئۈنچە - مارجانلارنى سۈزۈۋالىسىلەر. -ئەي كۆزى كۆرىدىغان ئىنسان!- كېمىلەرنىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئۇياق - بۇياققا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. (بۇ) سىلەرنىڭ تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىنى تىلىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ سىلەرگە كۆپلىگەن نېئمەتلەرنى بەرگەنلىكىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 35

يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ لَهُ ٱلۡمُلۡكُۚ وَٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ مَا يَمۡلِكُونَ مِن قِطۡمِيرٍ

ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق كۈندۈزنى ئۇزۇن قىلىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق كېچىنى ئۇزۇن قىلىدۇ. ئاللاھ قۇياش بىلەن ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئۇلاردىن ھەر بىرى قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان مۇئەييەن مۇددەتكىچە توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشىنى بېكىتكەن ھەم ئۇنى ماڭدۇرغان زات پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر. پادىشاھلىق يالغۇز ئۇنىڭغا خاستۇر. سىلەر ئۇنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خورمىنىڭ ئۇرۇقىدىكى يىپقا چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. (شۇنداق تۇرۇپ) سىلەر قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
14 : 35

إِن تَدۡعُوهُمۡ لَا يَسۡمَعُواْ دُعَآءَكُمۡ وَلَوۡ سَمِعُواْ مَا ٱسۡتَجَابُواْ لَكُمۡۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُونَ بِشِرۡكِكُمۡۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثۡلُ خَبِيرٖ

ئەگەر سىلەر مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرساڭلار، ئۇلار چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار جانسىز بولۇپ، ئۇلاردا نە ھاياتلىق، نە ئاڭلاش يوق. ئۇلار سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىدى دېگەن تەقدىردىمۇ -پەرزەن- ھەرگىز سىلەرگە ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلار سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلاردىن تېنىۋالىدۇ. -ئى پەيغەمبەر!- ساڭا بۇلارنى ئېيتىپ بېرىدىغان ئاللاھتىن راستچىلراق بىرەرسى يوق. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 35

۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ أَنتُمُ ٱلۡفُقَرَآءُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَٱللَّهُ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ

ئى ئىنسانلار! سىلەر پۈتۈن ئىشلىرىڭلاردا ۋە ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھقا موھتاجسىلەر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت بولۇپ، ھېچ ئىشتا سىلەرگە ئېھتىياجى چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەندىلىرىگە تەقدىر قىلغان ھەر ئىشتا ماختاشقا سازاۋەردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 35

إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَأۡتِ بِخَلۡقٖ جَدِيدٖ

ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق يوقىتىشنى خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى يوق قىلىپ، ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىدىغان، ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان يېڭى بىر خەلقنى كەلتۈرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 35

وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٖ

سىلەرنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق يوقىتىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا يېڭى بىر خەلقنى كەلتۈرۈش ئاللاھقا تەس ئەمەس. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 35

وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ وَإِن تَدۡعُ مُثۡقَلَةٌ إِلَىٰ حِمۡلِهَا لَا يُحۡمَلۡ مِنۡهُ شَيۡءٞ وَلَوۡ كَانَ ذَا قُرۡبَىٰٓۗ إِنَّمَا تُنذِرُ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَۚ وَمَن تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفۡسِهِۦۚ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ

ھېچبىر گۇناھكار بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەكسىچە ھەر كىم ئۆز گۇناھىغا مەسئۇلدۇر. ناۋادا گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم بىراۋنى ئۆز گۇناھىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا، گەرچە ئۇ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئۈستىگە ئالغىلى ئۇنىمايدۇ. -ئەي پەيغەمبەر!- سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغان، نامازلىرىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدىغانلارنىلا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتالايسەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ قورقۇتۇشۇڭدىن پايدىلىنالايدۇ. -ئەڭ چوڭى شېرىك بولغان- گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن پاكلانغان كىشى پەقەت ئۆزىنى پاكلىغان بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدىغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىپ بارىدىغان جاي پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. info
التفاسير:
ഈ പേജിലെ ആയത്തുകളിൽ നിന്നുള്ള പാഠങ്ങൾ:
• تسخير البحر، وتعاقب الليل والنهار، وتسخير الشمس والقمر: من نعم الله على الناس، لكن الناس تعتاد هذه النعم فتغفل عنها.
دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بېرىش، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېئمەتلىرىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلار بۇ نېئمەتلەرگە كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ نېئمەتلەردىن بىخۇتلىشىپ قالىدۇ. info

• سفه عقول المشركين حين يدعون أصنامًا لا تسمع ولا تعقل.
ئاڭلىمايدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغان بۇتلارغا سىغىنىش مۇشرىكلارنىڭ دۆتلۈكىدۇر. info

• الافتقار إلى الله صفة لازمة للبشر، والغنى صفة كمال لله.
ئاللاھقا موھتاجلىق ئىنساننىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بىر سۈپەت بولۇپ، بىھاجەتلىك ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىك سۈپىتىدۇر. info

• تزكية النفس عائدة إلى العبد؛ فهو يحفظها إن شاء أو يضيعها.
نەپسىنى پاكلىغاننىڭ پايدىسى بەندىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر خالىسا نەپسىنى پاكلاشقا كۆڭۈل بۆلسۇن، خالىسا نابۇت قىلىۋەتسۇن. info