Kilniojo Korano reikšmių vertimas - Kilniojo Korano reikšmių vertimas į uigūrų k.

Puslapio numeris:close

external-link copy
138 : 7

وَجَٰوَزۡنَا بِبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱلۡبَحۡرَ فَأَتَوۡاْ عَلَىٰ قَوۡمٖ يَعۡكُفُونَ عَلَىٰٓ أَصۡنَامٖ لَّهُمۡۚ قَالُواْ يَٰمُوسَى ٱجۡعَل لَّنَآ إِلَٰهٗا كَمَا لَهُمۡ ءَالِهَةٞۚ قَالَ إِنَّكُمۡ قَوۡمٞ تَجۡهَلُونَ

مۇسا ھاسىسى بىلەن دېڭىزغا ئۇرغان چاغدا دېڭىز يېرىلدى، بىز بەنى ئىسرائىلنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۋەتتۇق، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدىغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلار مۇساغا: ئى مۇسا! خۇددى ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرى بولغىنىدەك بىزگىمۇ ئىبادەت قىلىدىغان بۇت ئورنۇتۇپ بەرگىن دېدى. مۇسا ئۇلارغا: ئى قەۋمىم! سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنى بىر دەپ بېلىش ۋە ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەت ئۈستۈڭلارغا ۋاجىپ بولغان ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن نەرسىلەردىن جاھىل قەۋىم ئىكەنسىلەر، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
139 : 7

إِنَّ هَٰٓؤُلَآءِ مُتَبَّرٞ مَّا هُمۡ فِيهِ وَبَٰطِلٞ مَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

شۈبھىسىزكى، ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلغان ئىبادەتلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلار ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىكاردۇر. info
التفاسير:

external-link copy
140 : 7

قَالَ أَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡغِيكُمۡ إِلَٰهٗا وَهُوَ فَضَّلَكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ

مۇسا قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈك مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن تۇرساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىش، سىلەرنى زېمىندا ئورۇن باسار قىلىش ۋە كۈچلەندۇرۇشتىن ئىبارەت نېئمەتلىرى ئارقىلىق زامانىڭلاردىكى جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم ؟!، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
141 : 7

وَإِذۡ أَنجَيۡنَٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يُقَتِّلُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ

ئى بەنى ئىسرائىل! ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار، ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پىرئەۋن ۋە قەۋمىنىڭ خارلىشىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە ئوغۇل بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۇرۇش، ئاياللىرىڭلارنى خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت تۈرلۈك خارلىقنى تېتىتاتتى. سىلەرنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزۇشتا شۈكرى قىلىشىڭلارنى تەقەززا قىلىدىغان پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپتىن زور سىناق مەۋجۇتتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
142 : 7

۞ وَوَٰعَدۡنَا مُوسَىٰ ثَلَٰثِينَ لَيۡلَةٗ وَأَتۡمَمۡنَٰهَا بِعَشۡرٖ فَتَمَّ مِيقَٰتُ رَبِّهِۦٓ أَرۡبَعِينَ لَيۡلَةٗۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَٰرُونَ ٱخۡلُفۡنِي فِي قَوۡمِي وَأَصۡلِحۡ وَلَا تَتَّبِعۡ سَبِيلَ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇساغا مۇناجات قىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدى، ئاندىن يەنە ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون كېچىنى قوشۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن قىرىق كېچە بولدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىش ئۈچۈن بارماقچى بولغان چاغدا قېرىندىشى ھارۇنغا: ئى ھارۇن! قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇن باسارىم بولۇپ تۇرغىن، ياخشى سىياسەت يۈرگۈزۈش ۋە كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئىسلاھ قىلغىن، گۇناھ -مەئسىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن، ئاسىيلارغا ياردەمچى بولمىغىن، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
143 : 7

وَلَمَّا جَآءَ مُوسَىٰ لِمِيقَٰتِنَا وَكَلَّمَهُۥ رَبُّهُۥ قَالَ رَبِّ أَرِنِيٓ أَنظُرۡ إِلَيۡكَۚ قَالَ لَن تَرَىٰنِي وَلَٰكِنِ ٱنظُرۡ إِلَى ٱلۡجَبَلِ فَإِنِ ٱسۡتَقَرَّ مَكَانَهُۥ فَسَوۡفَ تَرَىٰنِيۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُۥ لِلۡجَبَلِ جَعَلَهُۥ دَكّٗا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقٗاۚ فَلَمَّآ أَفَاقَ قَالَ سُبۡحَٰنَكَ تُبۡتُ إِلَيۡكَ وَأَنَا۠ أَوَّلُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

مۇسا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارى بىلەن مۇناجاتلىشىش ئۈچۈن كەلگەندە ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا بۇيرۇق -چەكلىمىلەر ھەققىدە بىۋاستە سۆز قىلغان چاغدا، مۇسانىڭ نەپسى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇپ پەرۋەردىگارىدىن ماڭا ئۆزەڭنى كۆرسەتكىن دەپ سورىدى، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: سېنىڭ مېنى كۆرۈش قۇدرىتىڭ يوق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا مېنى ھەرگىز كۆرەلمەيسەن، لېكىن مەن تاغقا تەجەللى قىلغان ۋاقتىمدا تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ كۇكۇم-تالقان بولماستىن ئۆز ئورنىدا تۇرالىسا مېنى كۆرەلەيسەن، ئەگەر تاغ تۈپتۈز بولۇپ كەتسە مېنى بۇ دۇنيادا ھەرگىز كۆرەلمەيسەن دېدى. ئاللاھ تائالا تاغقا تەجەللى قىلغان ئىدى، تاغ تەپ-تۈز بولۇپ كەتتى. مۇسا بىھۇش بولۇپ يېقىلدى، مۇسا ھۇشىغا كەلگەن چاغدا: ئى پەرۋەردىگارىم! سەن نالايىق نەرسىلەردىن پاكتۇرسەن، مەن دۇنيادا سېنى كۆرۈشتىن ئىبارەت سەندىن سورىغان نەرسىلەردىن ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن قەۋمىم ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمانمەن، دېدى. info
التفاسير:
Šiame puslapyje pateiktų ajų nauda:
• تؤكد الأحداث أن بني إسرائيل كانوا ينتقلون من ضلالة إلى أخرى على الرغم من وجود نبي الله موسى بينهم.
ئەينى زاماندىكى ۋەقەلىكلەر شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ئارىسىدا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بار بولسىمۇ ئۇلار بىر ئازغۇنلۇقتىن يەنە بىر ئازغۇنلۇققا يۆتكەلگەن ئىدى. info

• من مظاهر خذلان الأمة أن تُحَسِّن القبيح، وتُقَبِّح الحسن بمجرد الرأي والأهواء.
ھاۋايى-ھەۋەس ياكى شەخسىي كۆزقاراشلىرىغا تايىنىپ يامان ئىشنى ياخشى، ياخشى ئىشنى يامان كۆرسۈتۈش قاتارلىقلار ئۈممەتنى خارلىققا ئىلىپ بارىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قاتارىدىندۇر. info

• إصلاح الأمة وإغلاق أبواب الفساد هدف سام للأنبياء والدعاة.
جەمئىيەتتىن پاساتچىلىقنى يوقۇتۇپ ئۈممەتنى ئىسلاھ قىلىش، پەيغەمبەرلەر ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىدۇر. info

• قضى الله تعالى ألا يراه أحد من خلقه في الدنيا، وسوف يكرم من يحب من عباده برؤيته في الآخرة.
ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچبىر كىشىنىڭ دۇنيادا ئۆزىنى كۆرەلمەسلىكنى ئىرادە قىلدى. ئاللاھ ئاخىرەتتە بەندىلىرى ئىچىدىن ياخشى كۆرگەن بەندىلىرىگە ئۆز جامالىنى كۆرسۈتۈش بىلەن ئىكرام قىلىدۇ . info