Kilniojo Korano reikšmių vertimas - Kilniojo Korano reikšmių vertimas į uigūrų k.

دۇخان

Sūros prasmės:
تهديد المشركين ببيان ما ينتظرهم من العقوبة العاجلة والآجلة.
مۇشرىكلارغا تەھدىت قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇلارنى كۈتىۋاتقان ئازابنى بايان قىلىدۇ. info

external-link copy
1 : 44

حمٓ

سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 44

وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ

ئاللاھ تائالا ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت يولىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 44

إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ فِي لَيۡلَةٖ مُّبَٰرَكَةٍۚ إِنَّا كُنَّا مُنذِرِينَ

بىز ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى شەبى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. بۇ ياخشىلىقى كۆپ كېچىدۇر. ھەقىقەتەن بىز مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 44

فِيهَا يُفۡرَقُ كُلُّ أَمۡرٍ حَكِيمٍ

بۇ كېچىدە رىزىقلارغا، ئەجەللەرگە ۋە ئاللاھ ئاشۇ بىر يىل ئىچىدە پەيدا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ھۆكۈم كونكرېتلاشتۇرۇلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 44

أَمۡرٗا مِّنۡ عِندِنَآۚ إِنَّا كُنَّا مُرۡسِلِينَ

بىز تەرىپىمىزدىن بېرىلگەن ھەر قانداق ھۆكۈمنى كونكرېت بايان قىلىمىز. شەكسىزكى بىز ئەزەلدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
6 : 44

رَحۡمَةٗ مِّن رَّبِّكَۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! بىز پەيغەمبەرلەرنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن كىشىلەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىمىز. ئاللاھ تائالا چوقۇم بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 44

رَبِّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَآۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ

ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئەگەر سىلەر بۇنىڭغا چىن پۈتىدىغان بولساڭلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 44

لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ رَبُّكُمۡ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنىڭ جېنىنى ئالالايدۇ. ئاللاھتىن باشقا تىرىلدۈرگۈچى ۋە جان ئالغۇچى يوق. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 44

بَلۡ هُمۡ فِي شَكّٖ يَلۡعَبُونَ

بۇ مۇشرىكلار ئۇنىڭغا چىن پۈتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قىيامەتنىڭ بولۇشىدىن شەكتە بولۇپ، ئۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئويدۇرمىلىرى بىلەن ئويۇن قىلىشىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 44

فَٱرۡتَقِبۡ يَوۡمَ تَأۡتِي ٱلسَّمَآءُ بِدُخَانٖ مُّبِينٖ

ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە پات يېقىندا كېلىدىغان ئازابنى كۈتكىن. ئۇ كۈندە ئاسمان ئوپئوچۇق ئىس - تۈتەك ھالىتىدە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنى قاتتىق بىئارام بولغان ھالدا ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
11 : 44

يَغۡشَى ٱلنَّاسَۖ هَٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٞ

ئۇ ئىس - تۈتەك قەۋمىڭنى ئورىۋالىدۇ ھەمدە ئۇلارغا: سىلەرگە كەلگەن بۇ ئازاب دەرتلىك ئازابتۇر، دېيىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 44

رَّبَّنَا ٱكۡشِفۡ عَنَّا ٱلۡعَذَابَ إِنَّا مُؤۡمِنُونَ

ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزگە ئەۋەتكەن بۇ ئازابنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتكىن. ئەگەر ئۇنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ۋە پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈرىمىز، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 44

أَنَّىٰ لَهُمُ ٱلذِّكۡرَىٰ وَقَدۡ جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مُّبِينٞ

(ئازاب كۆتۈرۈلسە) ئۇلار قانداقمۇ ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا قايتسۇن؟ ھالبۇكى ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كېلىپ، ئۇلار ئۇنىڭ راستچىللىقىنى ھەم ئامانەتچانلىقىنى بىلگەن تۇرسا؟ info
التفاسير:

external-link copy
14 : 44

ثُمَّ تَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ وَقَالُواْ مُعَلَّمٞ مَّجۡنُونٌ

ئاندىن ئۇلار قۇرئانغا ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈپ: ئۇ ئۆگىتىلگەن، يەنى ئۇنىڭغا ئۇنى باشقىلار ئۆگەتكەن. ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس. ئۇ دېگەن بىر ساراڭ، دېيىشتى. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 44

إِنَّا كَاشِفُواْ ٱلۡعَذَابِ قَلِيلًاۚ إِنَّكُمۡ عَآئِدُونَ

بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن ئازابنى ئازراق ۋاقىت كۆتۈرۈۋەتسەك، سىلەر چوقۇم يەنە كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىقىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 44

يَوۡمَ نَبۡطِشُ ٱلۡبَطۡشَةَ ٱلۡكُبۡرَىٰٓ إِنَّا مُنتَقِمُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرىغا قاتتىق جازا بېرىدىغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنى كۈتكىن. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىز چۇقۇم ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمىز. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 44

۞ وَلَقَدۡ فَتَنَّا قَبۡلَهُمۡ قَوۡمَ فِرۡعَوۡنَ وَجَآءَهُمۡ رَسُولٞ كَرِيمٌ

ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق. ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنى ئاللاھنى بىر بىلىشكە ھەمدە يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىدىغان ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلگەن بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر مۇسا ئەلەيھىسسالامدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 44

أَنۡ أَدُّوٓاْ إِلَيَّ عِبَادَ ٱللَّهِۖ إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ

مۇسا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ماڭا ئىسرائىل ئەۋلادىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇللىرىدۇر، سىلەرنىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىش ھەققىڭلار يوق. مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ مېنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرغان ئىشتا ئىشەنچلىكمەن، يەنى ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كەممۇ قىلماي ھەم قوشۇپ قويماي (ئەينەن ھەم تولۇق يەتكۈزىمەن). info
التفاسير:
Šiame puslapyje pateiktų ajų nauda:
• نزول القرآن في ليلة القدر التي هي كثيرة الخيرات دلالة على عظم قدره.
قۇرئان كەرىمنىڭ ياخشىلىقلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان قەدر كېچىسىدە نازىل بولغانلىقى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭمۇ كاتتىلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. info

• بعثة الرسل ونزول القرآن من مظاهر رحمة الله بعباده.
پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىشى ۋە قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىندۇر. info

• رسالات الأنبياء تحرير للمستضعفين من قبضة المتكبرين.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇشتۇر. info