Kilniojo Korano reikšmių vertimas - Kilniojo Korano reikšmių vertimas į uigūrų k.

Puslapio numeris:close

external-link copy
41 : 39

إِنَّآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡكِتَٰبَ لِلنَّاسِ بِٱلۡحَقِّۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنتَ عَلَيۡهِم بِوَكِيلٍ

ئى پەيغەمبەر! بىز ھەقىقەتەن ساڭا قۇرئاننى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئاللاھقا بولمايدۇ.چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقىنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقى ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى ئۇلارغا يەتكۈزۈشتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
42 : 39

ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلۡأَنفُسَ حِينَ مَوۡتِهَا وَٱلَّتِي لَمۡ تَمُتۡ فِي مَنَامِهَاۖ فَيُمۡسِكُ ٱلَّتِي قَضَىٰ عَلَيۡهَا ٱلۡمَوۡتَ وَيُرۡسِلُ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

ئاللاھ تائالا جانلارنى ئەجىلى توشقان چاغدا ئالىدۇ، ئەجىلى توشمىغان جانلارنى ئۇخلىغان چاغدا تۇتۇپ قېلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جانلارنى ئالىدۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىغان جانلارنى ئۆزى بىلگەن مەلۇم مۇددەتكىچە قويۇپ بېرىدۇ. شەكسىزكى بۇ تۇتۇپ قېلىش، قويۇپ بېرىش، جاننى ئېلىش ۋە ھاياتلىق بېرىشتە تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مۇشۇلارنى قىلالىغان زاتنىڭ ئىنسانلارنى ھېساب ئېلىپ، جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل - پاكىتلار بار. info
التفاسير:

external-link copy
43 : 39

أَمِ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ شُفَعَآءَۚ قُلۡ أَوَلَوۡ كَانُواْ لَا يَمۡلِكُونَ شَيۡـٔٗا وَلَا يَعۡقِلُونَ

مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلىرى ئىچىدىن پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان شاپائەتچىلەرنى قىلىۋالدى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، بۇتلار نە سىلەر، نە ئۆزلىرى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايدىغان، ئەقىل ئىشلىتەلمەيدىغان، جانسىز، قىلچە سېزىممۇ يوق، سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان، پايدا - زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان تۇرسىمۇ يەنە شۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
44 : 39

قُل لِّلَّهِ ٱلشَّفَٰعَةُ جَمِيعٗاۖ لَّهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، بارچە شاپائەت يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېچكىم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگىلا شاپائەت قىلالايدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
45 : 39

وَإِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَحۡدَهُ ٱشۡمَأَزَّتۡ قُلُوبُ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِۖ وَإِذَا ذُكِرَ ٱلَّذِينَ مِن دُونِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ

يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا ئاخىرەتكە ۋە ئاخىرەتتىكى تىرىلىش، ھېساب ۋە جازا - مۇكاپاتقا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ناۋادا ئاللاھنى قويۇپ ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار بىردىنلا خۇشاللىقىدىن يايراپ كېتىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
46 : 39

قُلِ ٱللَّهُمَّ فَاطِرَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ عَٰلِمَ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ أَنتَ تَحۡكُمُ بَيۡنَ عِبَادِكَ فِي مَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ

ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئەي ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى! غەيبنى ۋە ھازىرنى بىلگۈچى ئاللاھ! ساڭا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس. پەقەت سەنلا قىيامەت كۈنى بەندىلىرىڭ ئارىسىدا ئۇلار دۇنيادا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا قىلغانلار بىلەن خاتا قىلغانلارنى، بەختلىكلەر بىلەن بەدبەختنى ئايرىيسەن. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 39

وَلَوۡ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا وَمِثۡلَهُۥ مَعَهُۥ لَٱفۡتَدَوۡاْ بِهِۦ مِن سُوٓءِ ٱلۡعَذَابِ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ وَبَدَا لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ مَا لَمۡ يَكُونُواْ يَحۡتَسِبُونَ

ناۋادا زېمىندىكى بارلىق قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە مال - دۇنيالارنىڭ ھەممىسى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىلكىدە بولغان بولسا، ئۇلار كۆرگەن دەھشەتلىك ئازابنىڭ دەستىدىن قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بېرىۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئۇ نەرسىلەر شۇلارنىڭ بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ھېچنەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان تۈرلۈك ئازابلار ئاشكارا بولدى. info
التفاسير:
Šiame puslapyje pateiktų ajų nauda:
• النوم والاستيقاظ درسان يوميان للتعريف بالموت والبعث.
ئۇيقۇ بىلەن ئويغىنىش ئۆلۈم بىلەن قايتا تىرىلىشنى تونۇتىدىغان كۈندىلىك دەرسلەردۇر. info

• إذا ذُكِر الله وحده عند الكفار أصابهم ضيق وهمّ؛ لأنهم يتذكرون ما أمر به وما نهى عنه وهم معرضون عن هذا كله.
كاپىرلارنىڭ يېنىدا يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا ئۇلار سىقىلىپ، قايغۇغا پاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن يۈز ئۆرۈگەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىدىن پەند - نەسىھەت ئالمايدۇ. info

• يتمنى الكافر يوم القيامة افتداء نفسه بكل ما يملك مع بخله به في الدنيا، ولن يُقْبل منه.
كاپىر بۇ دۇنيادا شۇنچىۋالا بېخىل تۇرۇپمۇ قىيامەت كۈنى ئۆزىنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قول ئىلكىدىكى ھەممە نەرسىسىنى بېرىپ ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. info