وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئیگۆری - محمد صالح

زۇخرۇپ

external-link copy
1 : 43

حمٓ

ھا، مىم[1]. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 43

وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ

روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى[2] info
التفاسير:

external-link copy
3 : 43

إِنَّا جَعَلۡنَٰهُ قُرۡءَٰنًا عَرَبِيّٗا لَّعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ

سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق[3]. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 43

وَإِنَّهُۥ فِيٓ أُمِّ ٱلۡكِتَٰبِ لَدَيۡنَا لَعَلِيٌّ حَكِيمٌ

ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر[4]. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 43

أَفَنَضۡرِبُ عَنكُمُ ٱلذِّكۡرَ صَفۡحًا أَن كُنتُمۡ قَوۡمٗا مُّسۡرِفِينَ

سىلەر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشنى (يەنى قۇرئاننى نازى قىلىشنى) تەرك قىلامدۇق؟[5] info
التفاسير:

external-link copy
6 : 43

وَكَمۡ أَرۡسَلۡنَا مِن نَّبِيّٖ فِي ٱلۡأَوَّلِينَ

ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق[6]. info
التفاسير:

external-link copy
7 : 43

وَمَا يَأۡتِيهِم مِّن نَّبِيٍّ إِلَّا كَانُواْ بِهِۦ يَسۡتَهۡزِءُونَ

ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى (قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغاندەك) مەسخىرە قىلدى[7]. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 43

فَأَهۡلَكۡنَآ أَشَدَّ مِنۡهُم بَطۡشٗا وَمَضَىٰ مَثَلُ ٱلۡأَوَّلِينَ

ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسەلىرى قۇرئاندا ئۆتتى[8]. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 43

وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡعَلِيمُ

ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) ياراتتى» دەيدۇ[9]. info
التفاسير:

external-link copy
10 : 43

ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ مَهۡدٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ فِيهَا سُبُلٗا لَّعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ

ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى[10]. info
التفاسير: