وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئیگۆری - محمد صالح

ژمارەی پەڕە:close

external-link copy
99 : 20

كَذَٰلِكَ نَقُصُّ عَلَيۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ مَا قَدۡ سَبَقَۚ وَقَدۡ ءَاتَيۡنَٰكَ مِن لَّدُنَّا ذِكۡرٗا

(ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك، ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىمىز، ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق[99]. info
التفاسير:

external-link copy
100 : 20

مَّنۡ أَعۡرَضَ عَنۡهُ فَإِنَّهُۥ يَحۡمِلُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وِزۡرًا

كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن) ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ[100]. info
التفاسير:

external-link copy
101 : 20

خَٰلِدِينَ فِيهِۖ وَسَآءَ لَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ حِمۡلٗا

(ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان![101]. info
التفاسير:

external-link copy
102 : 20

يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ وَنَحۡشُرُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ يَوۡمَئِذٖ زُرۡقٗا

بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز[102]. info
التفاسير:

external-link copy
103 : 20

يَتَخَٰفَتُونَ بَيۡنَهُمۡ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا عَشۡرٗا

(قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار) «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ[103]. info
التفاسير:

external-link copy
104 : 20

نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذۡ يَقُولُ أَمۡثَلُهُمۡ طَرِيقَةً إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا يَوۡمٗا

ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ[104]. info
التفاسير:

external-link copy
105 : 20

وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡجِبَالِ فَقُلۡ يَنسِفُهَا رَبِّي نَسۡفٗا

ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)[105]. info
التفاسير:

external-link copy
106 : 20

فَيَذَرُهَا قَاعٗا صَفۡصَفٗا

ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ[106]. info
التفاسير:

external-link copy
107 : 20

لَّا تَرَىٰ فِيهَا عِوَجٗا وَلَآ أَمۡتٗا

ئۇ يەرلەردە نە چوڭقۇرلۇقنى، نە ئېگىزلىكنى كۆرمەيسەن»[107]. info
التفاسير:

external-link copy
108 : 20

يَوۡمَئِذٖ يَتَّبِعُونَ ٱلدَّاعِيَ لَا عِوَجَ لَهُۥۖ وَخَشَعَتِ ٱلۡأَصۡوَاتُ لِلرَّحۡمَٰنِ فَلَا تَسۡمَعُ إِلَّا هَمۡسٗا

بۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگاھقا) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن[108]. info
التفاسير:

external-link copy
109 : 20

يَوۡمَئِذٖ لَّا تَنفَعُ ٱلشَّفَٰعَةُ إِلَّا مَنۡ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُۥ قَوۡلٗا

بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ[109]. info
التفاسير:

external-link copy
110 : 20

يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِۦ عِلۡمٗا

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ[110]. info
التفاسير:

external-link copy
111 : 20

۞ وَعَنَتِ ٱلۡوُجُوهُ لِلۡحَيِّ ٱلۡقَيُّومِۖ وَقَدۡ خَابَ مَنۡ حَمَلَ ظُلۡمٗا

گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى(مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ[111]. info
التفاسير:

external-link copy
112 : 20

وَمَن يَعۡمَلۡ مِنَ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَهُوَ مُؤۡمِنٞ فَلَا يَخَافُ ظُلۡمٗا وَلَا هَضۡمٗا

مۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ[112]. info
التفاسير:

external-link copy
113 : 20

وَكَذَٰلِكَ أَنزَلۡنَٰهُ قُرۡءَانًا عَرَبِيّٗا وَصَرَّفۡنَا فِيهِ مِنَ ٱلۡوَعِيدِ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ أَوۡ يُحۡدِثُ لَهُمۡ ذِكۡرٗا

ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق[113]. info
التفاسير: