وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئۆیغوری بۆ پوختەی تەفسیری قورئانی پیرۆز

ژمارەی پەڕە:close

external-link copy
46 : 8

وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَنَٰزَعُواْ فَتَفۡشَلُواْ وَتَذۡهَبَ رِيحُكُمۡۖ وَٱصۡبِرُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ

سۆزلىرىڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ۋە پۈتۈن ئەھۋالىڭلاردا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇڭلار. پىكىردە ئىختىلاپلاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئىختىلاپ ئاجىزلىشىشىڭلارنىڭ، قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىڭلارنىڭ ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىڭلارنىڭ كېتىپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. دۈشمىنىڭلارغا ئۇچراشقان چېغىڭلاردا چىدامچان بولۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ياردەم، كۈچ ۋە نۇسرەت بېرىش ئارقىلىق سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھ كىم بىلەن بىرگە بولسا ئۇ كىشى شەكسىز غالىب كېلىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
47 : 8

وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ خَرَجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بَطَرٗا وَرِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ

مەككىدىن كىشىلەرگە چوڭچىلىق ۋە رىيا قىلىپ چىققان مۇشرىكلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ۋە ئۇنىڭغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
48 : 8

وَإِذۡ زَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَقَالَ لَا غَالِبَ لَكُمُ ٱلۡيَوۡمَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَإِنِّي جَارٞ لَّكُمۡۖ فَلَمَّا تَرَآءَتِ ٱلۡفِئَتَانِ نَكَصَ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ وَقَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكُمۡ إِنِّيٓ أَرَىٰ مَا لَا تَرَوۡنَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَۚ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

ئى مۆئمىنلەر! شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى، شەيتاننىڭ مۇشرىكلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا ۋە ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرۇشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. شەيتان ئۇلارغا: «بۈگۈن ھېچقانداق كىشى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن ۋە سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزىمەن» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا (مۆئمىنلەر قوشۇنى بىلەن ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان پەرىشتىلەر بار ئىدى. مۇشرىكلار قوشۇنى بىلەن ئۇلارنى خار قىلىدىغان شەيتان بار ئىدى) شەيتان ئارقىسىغا قاچتى ۋە مۇشرىكلارغا: مەن سىلەردىن ئادا-جۇدا، مەن ھەقىقەتەن مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن پەرىشتىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مېنى ھالاك قىلىشىدىن قورقىمەن. ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۆتۈرۈشكە ھېچكىم قادىر بولالمايدۇ» دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
49 : 8

إِذۡ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ غَرَّ هَٰٓؤُلَآءِ دِينُهُمۡۗ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ

شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەر: «مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ سانى ئاز، تەييارلىقى بوش، دۈشمەنلىرىنىڭ سانى كۆپ، تەييارلىقى پۇختا بولسىمۇ مۆئمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى غەلبە قازىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان دىنى مۆئمىنلەرنى ئالداپ كەتتى» دېدى. ئۇلار، كىمكى يەككە-يېگانە ئاللاھقا تايىنىپ، ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلبىگە ئىشىنىدىكەن ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك ئاجىز بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ئۇنى ھەرگىز خار قىلمايدىغانلىقىنى بىلمىدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرىدە ۋە ھۆكمىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
50 : 8

وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ يَتَوَفَّى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ

ئى پەيغەمبەر! ئەگەر پەرىشتىلەر ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى ئالدىنى قىلىپ كەلسە يۈزلىرىگە، ئارقىسىنى قىلىپ قاچسا ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئى كاپىرلار! كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيتتى. ناۋادا سەن بۇنى كۆرگەن بولساڭ كاتتا بىر ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ. info
التفاسير:

external-link copy
51 : 8

ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ

ئى كاپىرلار! جانلىرىڭلارنى ئالغان چاغدىكى دەرتلىك ئازاپ، قەبرىلىرىڭلاردىكى ۋە ئاخىرەتتىكى ھالاك قىلغۇچى ئازابنىڭ سەۋەبى دۇنيادا ئۆزۈڭلار قىلغان جىنايەتتۇر. ئاللاھ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
52 : 8

كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيّٞ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ

بۇ كاپىرلارغا چۈشكەن ئازاب ئۇلارغىلا خاس ئەمەس بەلكى ئۇ ھەرقانداق زامان ماكاندا كاپىرلارغا ئىجرا بولىدىغان ئاللاھنىڭ قانۇنيىتىدۇر. بۇ ئازابقا پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كاپىر بولغان چېغىدا ئۇلارمۇ ئۇچرىغان. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبلىك قاتتىق جازالىغان ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئازابىنى چۈشۈرگەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچ قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كىلەلمەيدۇ. ئۆزىگە ئاسى بولغانلارنى قاتتىق ئازابلىغۇچىدۇر. info
التفاسير:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• البَطَر مرض خطير ينْخَرُ في تكوين شخصية الإنسان، ويُعَجِّل في تدمير كيان صاحبه.
ھاكاۋۇرلۇق؛ ئىنسان خارەكتىرىنىڭ شەكىللنىشىدە يۈز بېرىدىغان، ئىنسانى تەبىئىتەنى ناھايىتى تىز ۋەيران قىلىدىغان خەتەرلىك كېسەلدۇر. info

• الصبر يعين على تحمل الشدائد والمصاعب، وللصبر منفعة إلهية، وهي إعانة الله لمن صبر امتثالًا لأمره، وهذا مشاهد في تصرفات الحياة.
سەۋرچانلىقنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى تېگىدۇ. سەۋرنىڭ رۇھانىي مەنپەئەتى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن چىدامچان بولغان كىشىگە ئۇنىڭ ياردەم بېرىشىدۇر. بۇ ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۇچراپ تۇرىدۇ. info

• التنازع والاختلاف من أسباب انقسام الأمة، وإنذار بالهزيمة والتراجع، وذهاب القوة والنصر والدولة.
دەتالاش ۋە ئىختىلاپلىشىش بولسا؛ مىللەتنىڭ پارچىلىنىش ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىشى، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نۇسرەتنىڭ كەلمەسلىكى، دۆلەتنىڭ يوقىلىشى قاتارلىقلارغا ئىلىپ بارىدۇ. info

• الإيمان يوجب لصاحبه الإقدام على الأمور الهائلة التي لا يُقْدِم عليها الجيوش العظام.
ئىمان: ساھىبىنى بۈيۈك قوشۇن جۈرئەت قىلالمايدىغان كاتتا ئىشلارغا جاسارەت قىلدۇرىدۇ. info