وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئۆیغوری بۆ پوختەی تەفسیری قورئانی پیرۆز

ژمارەی پەڕە:close

external-link copy
82 : 7

وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوۡمِهِۦٓ إِلَّآ أَن قَالُوٓاْ أَخۡرِجُوهُم مِّن قَرۡيَتِكُمۡۖ إِنَّهُمۡ أُنَاسٞ يَتَطَهَّرُونَ

لۇت توسقان مۇشۇ قەبىھ قىلمىشنى قىلغان قەۋمىنىڭ جاۋابى پەقەت ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن ھالدا: لۇتنى ۋە ئائىلىسىنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدىن ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلار ئارىمىزدا تۇرۇشقا لايىق ئەمەس، دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
83 : 7

فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ إِلَّا ٱمۡرَأَتَهُۥ كَانَتۡ مِنَ ٱلۡغَٰبِرِينَ

بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى ئازاب چۈشىدىغان شەھەردىن كېچىچە چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇش ئارقىلىق قۇتقۇزدۇق، لېكىن لۇتنىڭ ئايالى قەۋمى بىلەن بىرگە قېپقالغاچقا، شۇلار بىلەن ئوخشاش ئازابقا دۇچار بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
84 : 7

وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِم مَّطَرٗاۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

بىز ئۇلارغا شۇنداق قاتتىق بىر يامغۇر ياغدۇردۇقكى، ئۇلارنى لايدىن پىشۇرۇلغان تاشلار بىلەن ئاتتۇق، يېزىنى پۈتۈنلەي دۈم كۆمتۈرۈپ، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق. ئەي پەيغەمبەر! لۇتنىڭ جىنايەتچى قەۋمىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلىنىپ باققىن. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋە ئەبەدىي رەسۋاچىلىق بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
85 : 7

وَإِلَىٰ مَدۡيَنَ أَخَاهُمۡ شُعَيۡبٗاۚ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ مَا لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرُهُۥۖ قَدۡ جَآءَتۡكُم بَيِّنَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡۖ فَأَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ وَٱلۡمِيزَانَ وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ بَعۡدَ إِصۡلَٰحِهَاۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ

شۈبھىسىزكى، بىز مەديەن ئاھالىسىگە قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇئەيب ئۇلارغا: ئەي قەۋمىم! بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلشقا لايىق مەبۇدۇڭلار يوق. سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىغا ئاللاھ تەرەپتىن روشەن دەلىل-پاكىتلار كەلدى. ئۆلچەم ۋە تارازىلارنى توغرا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى جايىدا بېرىڭلار، باشقىلارنىڭ ماللىرىنى ئەيىبلەپ، باشقىلارنى ئۇنىڭدىن بەزدۈرۈش ئارقىلىق كەم سۇندۇرماڭلار ياكى مال ئىگىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەڭلار، يەر يۈزىنى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، يۇقىرىقى ئىشلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە پايدىلىقتۇر. چۈنكى بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ساقلىنىش يۈزىسىدىن گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاشلاش ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش بار. info
التفاسير:

external-link copy
86 : 7

وَلَا تَقۡعُدُواْ بِكُلِّ صِرَٰطٖ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ بِهِۦ وَتَبۡغُونَهَا عِوَجٗاۚ وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ كُنتُمۡ قَلِيلٗا فَكَثَّرَكُمۡۖ وَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ

باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا مېڭىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى كۆزلەپ يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاش ۋە توغرا يولدا ماڭماقچى بولغانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش مەقسىتىدە يولۇچىلارغا تەھدىت سالماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلاركى، ئۇنىڭ مۇشۇ نېئمەتلەرنى بەرگەنلىكىنىڭ شۈكرانىسى بولسۇن. ئەسلىدە سانىڭلار ئاز ئىدى، ئاللاھ سانىڭلارنى كۆپەيتتى. سىلەردىن ئىلگىرى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق بولغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
87 : 7

وَإِن كَانَ طَآئِفَةٞ مِّنكُمۡ ءَامَنُواْ بِٱلَّذِيٓ أُرۡسِلۡتُ بِهِۦ وَطَآئِفَةٞ لَّمۡ يُؤۡمِنُواْ فَٱصۡبِرُواْ حَتَّىٰ يَحۡكُمَ ٱللَّهُ بَيۡنَنَاۚ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلۡحَٰكِمِينَ

ئەگەر سىلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر مەن رەببىمدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىر بۆلۈكى ئىمان ئېيتمىسا، -ئەي ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار- ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقارغۇچە كۈتۈڭلار. ئۇ ئەڭ ياخشى ئايرىغۇچى ۋە ئەڭ ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر. info
التفاسير:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• اللواط فاحشة تدلُّ على انتكاس الفطرة، وناسب أن يكون عقابهم من جنس عملهم فنكس الله عليهم قُراهم.
بەچچىۋازلىق ئىستىل بۇزۇقلۇقىنى كۆرسىتىدىغان قەبىھ قىلمىشتۇر. بۇنداق كىشىلەرگە «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» جازاسى مۇناسىپ بولغاچقا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرۈۋەتتى. info

• تقوم دعوة الأنبياء - ومنهم شعيب عليه السلام - على أصلين: تعظيم أمر الله: ويشمل الإقرار بالتوحيد وتصديق النبوة. والشفقة على خلق الله: ويشمل ترك البَخْس وترك الإفساد وكل أنواع الإيذاء.
شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى مۇنداق ئىككى پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان: بىرىنچى، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىش بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىقرار قىلىش ۋە پەيغەمبەرلىكنى تەستىقلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا شەپقەتلىك بولۇش بولۇپ، بۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى كەم بەرمەسلىك، بۇزۇقچىلىق قىلماسلىق، ھەر تۈرلۈك ئەزىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. info

• الإفساد في الأرض بعد الإصلاح جُرْم اجتماعي في حق الإنسانية؛ لأن صلاح الأرض بالعقيدة والأخلاق فيه خير للجميع، وإفساد الأرض عدوان على الناس.
يەر يۈزى ئىسلاھ قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بۇزۇقچىلىق قىلىش ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا قىلىنغان ئىجتىمائىي جىنايەتتۇر. چۈنكى يەر يۈزىنى ئەقىدە ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىش ھەممەيلەنگە پايدىلىق، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولسا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتۇر. info

• من أعظم الذنوب وأكبرها وأشدها وأفحشها أخذُ ما لا يحقُّ أخذه شرعًا من الوظائف المالية بالقهر والجبر؛ فإنه غصب وظلم وعسف على الناس وإذاعة للمنكر وعمل به ودوام عليه وإقرار له.
باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىش ھەقلىرىنى ناھەق يوسۇندا، زورلۇق بىلەن مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ئەڭ ئېغىر، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەبىھ گۇناھلاردىندۇر. چۈنكى ئۇ بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم قىلغانلىق، باشقىلارنى بوزەك قىلغانلىق، يامانلىق تېرىشقا ھەرىكەت قىلغانلىق، شۇنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقتۇر. info