وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - وەرگێڕاوی ئۆیغوری بۆ پوختەی تەفسیری قورئانی پیرۆز

ژمارەی پەڕە:close

external-link copy
160 : 26

كَذَّبَتۡ قَوۡمُ لُوطٍ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

لۇت قەۋمى لۇتنى ئىنكار قىلغانلىق تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
161 : 26

إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
162 : 26

إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
163 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
164 : 26

وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. info
التفاسير:

external-link copy
165 : 26

أَتَأۡتُونَ ٱلذُّكۡرَانَ مِنَ ٱلۡعَٰلَمِينَ

سىلەر ئىنسانلاردىن ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
166 : 26

وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمۡ رَبُّكُم مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُمۚ بَلۡ أَنتُمۡ قَوۡمٌ عَادُونَ

پەرۋەردىگارىڭلار شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئاياللىرىڭلارنى تاشلامسىلەر؟ سىلەر مۇشۇنداق ناچار قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قەۋمسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
167 : 26

قَالُواْ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ يَٰلُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُخۡرَجِينَ

قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي لۇت! ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئىشتىن چەكلەشتىن ۋە بىزنى ئەيىبلەشتىن توختىمىساڭ، سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر يۇرتىمىزدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىلىسىلەر، دېدى. info
التفاسير:

external-link copy
168 : 26

قَالَ إِنِّي لِعَمَلِكُم مِّنَ ٱلۡقَالِينَ

لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: مەن سىلەرنىڭ بۇ يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىمەن. info
التفاسير:

external-link copy
169 : 26

رَبِّ نَجِّنِي وَأَهۡلِي مِمَّا يَعۡمَلُونَ

لۇت يەنە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! مۇشۇلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلار دۇچار بولىدىغان ئازابتىن مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتۇلدۇرغىن. info
التفاسير:

external-link copy
170 : 26

فَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ

شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ھەم تەۋەلىرىنى تولۇق قۇتۇلدۇردۇق. info
التفاسير:

external-link copy
171 : 26

إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ

لېكىن ئۇنىڭ ئايالى كاپىر بولغانلىقتىن ھالاك بولغۇچىلار بىلەن بىرگە كەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
172 : 26

ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ

لۇت ئۆز تەۋەلىرىنى ئېلىپ سەدۇم شەھىرىدىن چېقىپ كەتكەندىن كېيىن قەۋمىنىڭ قالغانلىرىنى ئېچىنىشلىق ھالاك قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
173 : 26

وَأَمۡطَرۡنَا عَلَيۡهِم مَّطَرٗاۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلۡمُنذَرِينَ

بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن خۇددى يامغۇر ياغدۇرغاندەك تاش ياغدۇردۇق. بۇلارنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان! لۇت ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار يەنە مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشتىن ئەسكەرتكەن ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
174 : 26

إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ

شەكسىزكى يۇقىرىدا لۇت قەۋمىنىڭ ناچار قىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئازابتا ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. info
التفاسير:

external-link copy
175 : 26

وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
176 : 26

كَذَّبَ أَصۡحَٰبُ لۡـَٔيۡكَةِ ٱلۡمُرۡسَلِينَ

مەديەن شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بۈك - باراقسان ئورمانلىققا جايلاشقان كەنتتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى. info
التفاسير:

external-link copy
177 : 26

إِذۡ قَالَ لَهُمۡ شُعَيۡبٌ أَلَا تَتَّقُونَ

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ info
التفاسير:

external-link copy
178 : 26

إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ

مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن. info
التفاسير:

external-link copy
179 : 26

فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ

ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
180 : 26

وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ

مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. info
التفاسير:

external-link copy
181 : 26

۞ أَوۡفُواْ ٱلۡكَيۡلَ وَلَا تَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُخۡسِرِينَ

كىشىلەرگە بىر نەرسە ساتقاندا تولۇق (تارتىپ) بېرىڭلار، ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
182 : 26

وَزِنُواْ بِٱلۡقِسۡطَاسِ ٱلۡمُسۡتَقِيمِ

باشقىلارغا بىر نەرسە تارتىپ بەرگەندە توغرا تارازىدا تارتىڭلار. info
التفاسير:

external-link copy
183 : 26

وَلَا تَبۡخَسُواْ ٱلنَّاسَ أَشۡيَآءَهُمۡ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ

كىشىلەرنىڭ ھەققىنى كەم بەرمەڭلار، گۇناھ - مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزۇقچىلىقنى كۆپەيتىۋەتمەڭلار. info
التفاسير:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• اللواط شذوذ عن الفطرة ومنكر عظيم.
ئەرلەرنىڭ ئۆزئارا بەچچىۋازلىق نورمال تەبىئەتتىن چىقىپ كەتكەنلىك بولۇپ، قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان قىلمىشتۇر. info

• من الابتلاء للداعية أن يكون أهل بيته من أصحاب الكفر أو المعاصي.
دەۋەتچىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ كاپىر ياكى ئاسىيلاردىن بوپقېلىشى ئۇنىڭغا بېشىغا كەلگەن سىناقتۇر. info

• العلاقات الأرضية ما لم يصحبها الإيمان، لا تنفع صاحبها إذا نزل العذاب.
بۇ دۇنيادىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ئىمان بولمىسا، ئازاب كەلگەن چاغدا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. info

• وجوب وفاء الكيل وحرمة التَّطْفِيف.
ئۆلچەمدە تولۇق بېرىش ۋاجىب، كەم بېرىش ھارامدۇر. info