ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
23 : 89

وَجِاْيٓءَ يَوۡمَئِذِۭ بِجَهَنَّمَۚ يَوۡمَئِذٖ يَتَذَكَّرُ ٱلۡإِنسَٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكۡرَىٰ

ئۇ كۈندە جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ يەتمىش مىڭ ھالقىسى بار بولۇپ، ھەر بىر ھالقىنى يەتمىش مىڭ پەرىشتە تۇتۇپ، سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسان سەلقارىغان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنكى ئەسلەشنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئەمەل كۈنى ئەمەس، بەلكى دۇنيادا قىلغاننىڭ جازا - مۇكاپاتىنى كۆرىدىغان كۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
24 : 89

يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي قَدَّمۡتُ لِحَيَاتِي

ئىنسان قاتتىق پۇشايماندىن: كاشكى ھەقىقىي ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتىغا ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسامچۇ؟ دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
25 : 89

فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُۥٓ أَحَدٞ

ئۇ كۈندە ھېچكىم ئاللاھ ئازابلىغانغا ئوخشاش ئازابلىيالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئازابى ئەڭ قاتتىق ۋە داۋاملىقتۇر. info
التفاسير:

external-link copy
26 : 89

وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُۥٓ أَحَدٞ

ھېچكىم ئاللاھ كاپىرلارنى باغلىغانغا ئوخشاش زەنجىرلەردە باغلىيالمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
27 : 89

يَٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفۡسُ ٱلۡمُطۡمَئِنَّةُ

مۇئمىنگە جېنى ئېلىنىدىغان چاغدا ۋە قىيامەت كۈنى مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەي ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئارام تاپقۇچى جان! info
التفاسير:

external-link copy
28 : 89

ٱرۡجِعِيٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةٗ مَّرۡضِيَّةٗ

ئېرىشكەن مول مۇكاپاتلاردىن مەمنۇن بولغان، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭ ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشكەن ھالدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقىن. info
التفاسير:

external-link copy
29 : 89

فَٱدۡخُلِي فِي عِبَٰدِي

مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىمنىڭ سىپىگە قوشۇلغىن. info
التفاسير:

external-link copy
30 : 89

وَٱدۡخُلِي جَنَّتِي

ئۇلار بىلەن بىرگە مەن ئۇلارغا تەييارلىغان جەننىتىمگە كىرگىن. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• عتق الرقاب، وإطعام المحتاجين في وقت الشدة، والإيمان بالله، والتواصي بالصبر والرحمة: من أسباب دخول الجنة.
قۇل ئازات قىلىش، قىيىن پەيتلەردە موھتاجلارغا يېمەكلىك بېرىش، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، ئۆزئارا سەۋرچان ھەم شەپقەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. info

• من دلائل النبوة إخباره أن مكة ستكون حلالًا له ساعة من نهار.
ئاللاھ تائالانىڭ مەككىنىڭ كۈندۈزدىن مەلۇم ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھالال بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك مۆجىزلىرىدىن بىرىدۇر. info

• لما ضيق الله طرق الرق وسع طرق العتق، فجعل الإعتاق من القربات والكفارات.
ئاللاھ تائالا قۇللۇق يوللىرىنى تارلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇل ئازات قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شۇڭا قۇل ئازات قىلىشنى ئاللاھقا قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە كاپپارەتلەردىن قىلىپ بېكىتتى. info