ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

پەجر

គោល​បំណងនៃជំពូក:
بيان عاقبة الطغاة، والحكمة من الابتلاء، والتذكير بالآخرة.
ھەددىدىن ئاشقۇچى تاغۇتلارنىڭ ئاقىۋېتى، سىناق، ئىمتىھانلاردىكى ھېكمەت، ئاخىرەتنى ئەسلىتىش قاتارلىقلارنىڭ بايانى. info

external-link copy
1 : 89

وَٱلۡفَجۡرِ

ئاللاھ تائالا تاڭ بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
2 : 89

وَلَيَالٍ عَشۡرٖ

زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسى بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
3 : 89

وَٱلشَّفۡعِ وَٱلۡوَتۡرِ

جۈپ ۋە تاق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
4 : 89

وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَسۡرِ

كېلىپ، دۋاملىشىپ، كەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. بۇ قەسەملەرنىڭ جاۋابى: سىلەرگە چوقۇم ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ، دېگەن سۆزدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
5 : 89

هَلۡ فِي ذَٰلِكَ قَسَمٞ لِّذِي حِجۡرٍ

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئەقىل ئىگىسىنى قانائەتلەندۈرلەيدىغان قەسەم بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
6 : 89

أَلَمۡ تَرَ كَيۡفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇد قەۋمى بولغان ئاد پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغاندا ئۇلارنى قانداق قىلىۋەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
7 : 89

إِرَمَ ذَاتِ ٱلۡعِمَادِ

ئاد بولسا ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئۇزۇن بويلۇق ئىرەمگە نىسبەت بېرىلگەن قەبىلىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
8 : 89

ٱلَّتِي لَمۡ يُخۡلَقۡ مِثۡلُهَا فِي ٱلۡبِلَٰدِ

بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلىپ باقمىغان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
9 : 89

وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُواْ ٱلصَّخۡرَ بِٱلۡوَادِ

شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭنىڭ سالىھ قەۋمى بولغان سەمۇدنى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ئۇلار تاغلاردىكى قورام تاشلارنى كېسىپ، تاش ئۆيلەرنى ياسايتتى info
التفاسير:

external-link copy
10 : 89

وَفِرۡعَوۡنَ ذِي ٱلۡأَوۡتَادِ

پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەنە كىشىلەرنى قوزۇقلار بىلەن ئازابلايدىغان پىرئەۋننى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ info
التفاسير:

external-link copy
11 : 89

ٱلَّذِينَ طَغَوۡاْ فِي ٱلۡبِلَٰدِ

بۇلارنىڭ ھەممىسى زومىگەرلىك ۋە زۇلۇمدا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، ھەممىسى شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان ئىدى. info
التفاسير:

external-link copy
12 : 89

فَأَكۡثَرُواْ فِيهَا ٱلۡفَسَادَ

ئۇلار كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىقنى كۆپ قىلدى. info
التفاسير:

external-link copy
13 : 89

فَصَبَّ عَلَيۡهِمۡ رَبُّكَ سَوۡطَ عَذَابٍ

شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازابىنى تېتىتىپ، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتتى. info
التفاسير:

external-link copy
14 : 89

إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلۡمِرۡصَادِ

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ياخشىلىق قىلغانلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاش، يامانلىق قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
15 : 89

فَأَمَّا ٱلۡإِنسَٰنُ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكۡرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَكۡرَمَنِ

ئىنسان تەبىئىتى شۇنداق: يەنى رەببى ئۇنى سىناپ، ئەزىز قىلىپ، مال - دۇنيا، بالا - چاقا ۋە يۈز - ئابروي ئاتا قىلسا، ئىنسان بۇنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق بولغىنىم ئۈچۈن پەۋەردىگارىم مېنى ھۆرمەتلىدى، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
16 : 89

وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبۡتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيۡهِ رِزۡقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّيٓ أَهَٰنَنِ

ناۋادا ئۇنى سىناپ، رىزقىنى تار قىلىپ قويسا، بۇنى پەرۋەردىگارىنىڭ نەزىرىدىكى خارلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: پەرۋەردىگارىم مېنى خارلىدى، دەيدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
17 : 89

كَلَّاۖ بَل لَّا تُكۡرِمُونَ ٱلۡيَتِيمَ

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ، يەنى ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنسان خىيال قىلغاندەك، راھەت - پاراغەتكە ئېرىشىش ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەس. بەلكى سىلەر ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقنىڭ بىر قىسمىنى يېتىملارغا بەرمەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
18 : 89

وَلَا تَحَٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلۡمِسۡكِينِ

بىر - بىرىڭلارنى يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالمايدىغان كەمبەغەللەرگە تائام بېرىشكە تەۋسىيە قىلىشمايسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
19 : 89

وَتَأۡكُلُونَ ٱلتُّرَاثَ أَكۡلٗا لَّمّٗا

بىچارە ئاياللار ۋە يېتىملەرنىڭ ھەقلىرىنى سىلەرگە ھالال بولۇش - بولماسلىقىغا قارىماي ھە دەپ يەيسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
20 : 89

وَتُحِبُّونَ ٱلۡمَالَ حُبّٗا جَمّٗا

مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا بېخىللىق قىلىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
21 : 89

كَلَّآۖ إِذَا دُكَّتِ ٱلۡأَرۡضُ دَكّٗا دَكّٗا

بۇنداق قىلىش سىلەرگە راۋا بولمايدۇ. زېمىن ئارقىمۇ-ئارقا قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا. info
التفاسير:

external-link copy
22 : 89

وَجَآءَ رَبُّكَ وَٱلۡمَلَكُ صَفّٗا صَفّٗا

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن، پەرىشتىلەرمۇ سەپ - سەپ بولۇپ تىزىلغان چاغدا. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• فضل عشر ذي الحجة على أيام السنة.
زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى بىر يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدىن پەزىلەتلىكتۇر. info

• ثبوت المجيء لله تعالى يوم القيامة وفق ما يليق به؛ من غير تشبيه ولا تمثيل ولا تعطيل.
قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە كېلىدىغانلىقى مۇھەققەقتۇر، ئۇنىڭ كېلىشىنى ھېچنەرسىگە ئوخشىتىشقا، تەسۋىرلەشكە، يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. info

• المؤمن إذا ابتلي صبر وإن أعطي شكر.
مۇئمىن خاپىلىققا ئۇچرىسا سەۋر قىلىدۇ، نېئمەت بېرىلسە شۈكرى قىلىدۇ. info