ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
147 : 6

فَإِن كَذَّبُوكَ فَقُل رَّبُّكُمۡ ذُو رَحۡمَةٖ وَٰسِعَةٖ وَلَا يُرَدُّ بَأۡسُهُۥ عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡمُجۡرِمِينَ

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سېنى ئىنكار قىلىپ، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمىگەن بولسا، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ ئېيتقىنكى: پەرۋەردىگارىڭلار ھەقىقەتەن چەكسىز مەرھەمەت ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭ سىلەرگە مۆھلەت بېرىپ، ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكىمۇ ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-شەپقىتىدىندۇر. يەنە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقىنكى: ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئازابى گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىۋېرىدىغان كىشىلەردىن قايتۇرۇلمايدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
148 : 6

سَيَقُولُ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْ لَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَآ أَشۡرَكۡنَا وَلَآ ءَابَآؤُنَا وَلَا حَرَّمۡنَا مِن شَيۡءٖۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ حَتَّىٰ ذَاقُواْ بَأۡسَنَاۗ قُلۡ هَلۡ عِندَكُم مِّنۡ عِلۡمٖ فَتُخۡرِجُوهُ لَنَآۖ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا ٱلظَّنَّ وَإِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا تَخۡرُصُونَ

مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە تەقدىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ توغرا قىلغانلىقىغا باھانە قىلىپ: ئەگەر ئاللاھ بىزنىڭ ۋە ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شېرىك كەلتۈرمەسلىكىمىزنى خالىسا ئىدى، بىز ھەرگىزمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق. ئەگەر ئاللاھ بىز ئۆزىمىزگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلماسلىقىمىزنى خالىسا ئىدى، ئۇ نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ ھارام قىلمىغان بولاتتۇق، دېيىشىدۇ. بۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش قۇرۇق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ: ئەگەر ئاللاھ بىزنىڭ ئۇلارنى ئىنكار قىلماسلىقىمىزنى خالىسا ئىدى، بىز ئۇلارنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايتتۇق، دېگەن ئىدى. ئۇلار تاكى بىزنىڭ ئۆزلىرىگە چۈشۈرگەن ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر ئىزچىل مۇشۇنداق ئىنكارچىلىق قىلىپ كەلگەن. ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ھەمدە ئۆزى ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال، ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىشىڭلاردىن رازى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتىڭلار بارمۇ؟ سىلەرنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭلارنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ سىلەردىن رازى ئىكەنلىكىگە پاكىت بولالمايدۇ. شەكسىزكى سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر، گۇمان ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. سىلەر پەقەت يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر. info
التفاسير:

external-link copy
149 : 6

قُلۡ فَلِلَّهِ ٱلۡحُجَّةُ ٱلۡبَٰلِغَةُۖ فَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ

ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مۇبادا سىلەرنىڭ مۇشۇ ئاجىز پاكىتىڭلاردىن باشقا پاكىتىڭلار بولمىسا، شەكسىزكى ئاللاھنىڭ سىلەر ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇق باھانە-سەۋەبلىرىڭلارنى تامامەن بەربات قىلىۋېتەلەيدىغان، سىلەر ئېسىلىۋاتقان گۇمانىڭلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋېتەلەيدىغان كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلىرى بار. ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھەقىقەتكە ئېرىشتۈرۈشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتى. info
التفاسير:

external-link copy
150 : 6

قُلۡ هَلُمَّ شُهَدَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ يَشۡهَدُونَ أَنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَ هَٰذَاۖ فَإِن شَهِدُواْ فَلَا تَشۡهَدۡ مَعَهُمۡۚ وَلَا تَتَّبِعۡ أَهۡوَآءَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ وَهُم بِرَبِّهِمۡ يَعۡدِلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام قىلىدىغان، ئاندىن بۇنى ئاللاھ ھارام قىلدى، دەپ جار سالىدىغان بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ھارام قىلغان مۇشۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭمۇ ھارام قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى چوقۇم ھارام قىلغانلىقىغا ئاساسسىز گۇۋاھلىق بەرسە، ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ بۇ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگىن، چۈنكى ئۇ يالغان گۇۋاھلىقتۇر. ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى رەھبەر قىلىدىغانلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگىن. ئۇلار ئاللاھ ئۆزلىرىگە ھالال قىلغاننى ھارام قىلغان چاغدىلا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرۈپ، باشقىلارنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلىشىدۇ. پەرۋەردىگارىغا تۇتقان مۇئامىلىسى مۇشۇنداق بولغان ئادەمگە قانداقمۇ ئەگەشكىلى بولسۇن؟ info
التفاسير:

external-link copy
151 : 6

۞ قُلۡ تَعَالَوۡاْ أَتۡلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمۡ عَلَيۡكُمۡۖ أَلَّا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡـٔٗاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗاۖ وَلَا تَقۡتُلُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُم مِّنۡ إِمۡلَٰقٖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُكُمۡ وَإِيَّاهُمۡۖ وَلَا تَقۡرَبُواْ ٱلۡفَوَٰحِشَ مَا ظَهَرَ مِنۡهَا وَمَا بَطَنَۖ وَلَا تَقۡتُلُواْ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكُمۡ وَصَّىٰكُم بِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ

ئەي پەيغەمبەر! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى، كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ نېمىلەرنى ھارام قىلغانلىقىنى ئوقۇپ بېرەي. ئاللاھ سىلەرگە مەخلۇقاتلىرىدىن بىرەر نەرسىنى ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈشىڭلارنى، ئاتا -ئاناڭلارنى قاقشىتىشىڭلارنى -ئەكسىچە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىش سىلەرگە ۋاجىب-، جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ قىلغىنىدەك كەمبەغەللىك تۈپەيلى بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلارنى ھارام قىلدى. بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا-يۇشۇرۇن ھالدا زىنايى-پاھىشىلەرگە يېقىن يولىشىڭلارنى، ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلارنى ھارام قىلدى، توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلىش، ئىسلامغا كىرىپ بولۇپ دىندىن يېنىۋېلىشقا ئوخشاش (جىنايەتلەر تۈپەيلىدىن) ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرىنى چۈشەنسۇن دەپ ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ مەزكۇر ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• الحذر من الجرائم الموصلة لبأس الله؛ لأنه لا يُرَدُّ بأسه عن القوم المجرمين إذا أراده.
ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىدىغان جىنايەتلەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ گۇناھكارلارنى ئازابلىماقچى بولغاندا ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئازابى قايتۇرۇلمايدۇ. info

• الاحتجاج بالقضاء والقدر بعد أن أعطى الله تعالى كل مخلوق قُدْرة وإرادة يتمكَّن بهما من فعل ما كُلِّف به؛ ظُلْمٌ مَحْض وعناد صرف.
ئاللاھ ھەركىمگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلالايدىغان قۇدرەت ۋە ئىرادىنى بەرگىنىدىن كېيىن يەنە قازا ۋە قەدەرنى باھانە قىلىش پەقەت زۇلۇم ۋە سەركەشلىكتۇر. info

• دَلَّتِ الآيات على أنه بحسب عقل العبد يكون قيامه بما أمر الله به.
يۇقىردىكى ئايەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشى ئەقلىگە يارىشا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. info

• النهي عن قربان الفواحش أبلغ من النهي عن مجرد فعلها، فإنه يتناول النهي عن مقدماتها ووسائلها الموصلة إليها.
گۇناھ - مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھ مەئسىيەت قىلىشتىنلا چەكلىگەندىن كۈچلۈكرەكتۇر. چۈنكى گۇناھ-مەئسىيەتكە يېقىنلىشىشتىن چەكلەش گۇناھنىڭ مۇقەددىمىلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېلىپ بارىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. info