ការបកប្រែអត្ថន័យគួរអាន - ការបកប្រែជាភាសាអ៊ូយហ្គួរលើការអធិប្បាយសង្ខេបអំពីគម្ពីគួរអាន

លេខ​ទំព័រ:close

external-link copy
125 : 6

فَمَن يُرِدِ ٱللَّهُ أَن يَهۡدِيَهُۥ يَشۡرَحۡ صَدۡرَهُۥ لِلۡإِسۡلَٰمِۖ وَمَن يُرِدۡ أَن يُضِلَّهُۥ يَجۡعَلۡ صَدۡرَهُۥ ضَيِّقًا حَرَجٗا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي ٱلسَّمَآءِۚ كَذَٰلِكَ يَجۡعَلُ ٱللَّهُ ٱلرِّجۡسَ عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ

ئاللاھ تائالا كىمنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى ئېچىپ، ئىسلامنى قوبۇل قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. كىمنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرمەي خار قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ناھايىتى تار ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇكى، ئۇ ئاسمانغا چىقىشنى قىيىن كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەنگە ئوخشاش ئۇنىڭ قەلبىگە ھەقىقەت كىرگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئازغۇنلارنى مۇشۇنداق قاتتىق سىقىلىش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغاندەك، ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا ئازاب قىلىدۇ. info
التفاسير:

external-link copy
126 : 6

وَهَٰذَا صِرَٰطُ رَبِّكَ مُسۡتَقِيمٗاۗ قَدۡ فَصَّلۡنَا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا يولغا قويغان بۇ دىن ئاللاھنىڭ تۈپتۈز يولىدۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە ئەگرىلىك يوق. ھەقىقەتەن بىز ئاللاھ ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭقىرىپ، چۈشىنەلەيدىغانلار ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق. info
التفاسير:

external-link copy
127 : 6

۞ لَهُمۡ دَارُ ٱلسَّلَٰمِ عِندَ رَبِّهِمۡۖ وَهُوَ وَلِيُّهُم بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ

ئۇلارغا ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن خاتىرجەم بولىدىغان جاي جەننەت بار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە قارىتا ياردەمچىسى ۋە قوللىغۇچىسىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
128 : 6

وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ قَدِ ٱسۡتَكۡثَرۡتُم مِّنَ ٱلۡإِنسِۖ وَقَالَ أَوۡلِيَآؤُهُم مِّنَ ٱلۡإِنسِ رَبَّنَا ٱسۡتَمۡتَعَ بَعۡضُنَا بِبَعۡضٖ وَبَلَغۡنَآ أَجَلَنَا ٱلَّذِيٓ أَجَّلۡتَ لَنَاۚ قَالَ ٱلنَّارُ مَثۡوَىٰكُمۡ خَٰلِدِينَ فِيهَآ إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ئىنسان ۋە جىنلارنى توپلايدىغان كۈننى ئەسلىگىنكى، ئاللا ئۇ كۈندە: ئەي جىنلار، سىلەر نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئازدۇردۇپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستۇڭلار، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشكەن ئىنسانلار پەرۋەردىگارىغا جاۋابەن: ئەي رەببىمىز، بىز بىر-بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، يەنى جىنلار ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق پايدىلانغان بولسا، ئىنسانلار شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇش بىلەن پايدىلاندى. ئاخىرى بىزگە سەن بېكىتكەن ئەجەل كەلدى. مانا بۇ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا: دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، بۇ جايدا مەڭگۈ قالىسىلەر، لېكىن قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ قوپۇپ جەھەننەمگە بارغانغا قەدەر بولغان ئاللاھ خالىغان ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا، دەيدۇ. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەقدىرى ۋە پىلانلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنى ۋە ئۇلاردىن كىملەرنىڭ ئازابقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. info
التفاسير:

external-link copy
129 : 6

وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعۡضَ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعۡضَۢا بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ

جىنلارنىڭ ئاسىيلىرىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى ئازدۇرۇشىغا يول قويغىنىمىزدەك، بىز ھەربىر زالىمغا ئۇنى يامانلىققا ئۈندەپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، ياخشىلىقتىن بەزدۈرۈپ، تاشلاتقۇزىدىغان يەنە بىر زالىمنى ھۆكۈمران قىلىمىز. (بۇنداق قىلىشىمىز) ئۇنىڭ قىلغان گۇناھ-مەئسىيەتلىرىگە قارىتا جازا بېرىش ئۈچۈندۇر. info
التفاسير:

external-link copy
130 : 6

يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ رُسُلٞ مِّنكُمۡ يَقُصُّونَ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِي وَيُنذِرُونَكُمۡ لِقَآءَ يَوۡمِكُمۡ هَٰذَاۚ قَالُواْ شَهِدۡنَا عَلَىٰٓ أَنفُسِنَاۖ وَغَرَّتۡهُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَشَهِدُواْ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِمۡ أَنَّهُمۡ كَانُواْ كَٰفِرِينَ

بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، سىلەرنى قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمىدى؟ دەيمىز. ئۇلار: ئەلۋەتتە كەلگەن، بىز بۈگۈن پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ بىزگە دىننى يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنى ئېتىراپ قىلدۇق، لېكىن بىز دۇنيادا پەيغەمبەرلىرىڭنى ئىنكار قىلغان، بۇ كۈنكى ئۇچرىشىشنىمۇ ئىنكار قىلغان ئىدۇق، دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ۋە بىر دەملىك خۇشاللىقى ئالداپ كەتتى، ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى. ئەمما بۇ ئېتىراپ ۋە ئىماننىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمدى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. info
التفاسير:
ក្នុង​ចំណោម​អត្ថប្រយោជន៍​នៃអាយ៉ាត់ទាំងនេះក្នុងទំព័រនេះ:
• سُنَّة الله في الضلال والهداية أنهما من عنده تعالى، أي بخلقه وإيجاده، وهما من فعل العبد باختياره بعد مشيئة الله.
ئاللاھنىڭ ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقتىكى قانۇنىيىتى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە بارلىققا كەلتۈرۈشىگە باغلىق بولۇپ، ئاللاھنىڭ خاھىشىدىن كېيىن بەندىنىڭ تاللىشى بىلەن بولىدۇ. info

• ولاية الله للمؤمنين بحسب أعمالهم الصالحة، فكلما زادت أعمالهم الصالحة زادت ولايته لهم والعكس.
ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرنى دوست تۇتۇشى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەمەللىرىگە يارىشا بولىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەمەللىرى قانچە كۆپ بولسا، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بولغان دوستلۇقىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ ۋە بۇنىڭ ئەكسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. info

• من سُنَّة الله أن يولي كل ظالم ظالمًا مثله، يدفعه إلى الشر ويحثه عليه، ويزهِّده في الخير وينفِّره عنه.
ھەر قانداق زالىمنى ئۆزىگە ئوخشاش زالىمغا دوست قىلىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدىندۇركى، بىرى يەنە بىرىنى يامانلىققا ئۈندەپ، قۇترىتىپ، ياخشىلىقتىن بەزدۈرۈپ، نەپرەتلەندۈرىدۇ. info